- جۇغلانما
- 707
UID41275
تىزىملاتقان2014-5-17
ئاخىرقى قېتىم2015-4-8
توردا128 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 707
- ئاقچا
- 0
|
iphone 6 ۋە iphone 6 plus غا ماسلاشتۇرۇلغان, ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلغان نۇر تورى ئايفون ئەپ دېتالى App Store غا چىقىرىلدى. Wi-Fi تور شارائىتى بولسا يېڭى نەشىرگە كۆتۈرىۋېلىڭ. يېڭىلاش ئادرىسى : https://itunes.apple.com/cn/app/nur/id531307065?mt=8 ياكى App Store دىن nur دەپ ئىزدەپ يېڭىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئالما شىركىتى يېڭى ئەۋلاد iphone 6 ۋە iphone 6 plus ئېلان قىلغىلى بىر ئايدىن ئاشتى, دۆلىتىمىزدە رەسمىي بازارغا سېلىنغىنىغا ئىككى ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت بولدى. گەرچە iphone 6 دۆلىتىمىزدە كېچىكىپ بازارغا سېلىنغان بولسىمۇ, دۆلىتىمىزدىكى ئالما مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇپ ھەر قانداق بىر دۆلەتتىكىدىن يۇقىرى بولدى. جۈملىدىن دىيارىمىز شىنجاڭدىمۇ iphone 6 ئىشلەتكۈچىلىرى نەچچە مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. نۇر تورىنى قاچىلىغان iphone 6 ئىشلەتكۈچىلىرى 2000 دىن ئاشقان.
iphone 6 ۋە iphone 6 plus نىڭ چوڭلىقى ۋە ئېنىقلىق دەرىجىسى بۇرۇنقى ئايفونلارغا ئوخشىمىغاچقا نۇر تورىنى تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنۈشكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن iphone 6 گە قايتىدىن ماسلاشتۇرۇپ چىقتۇق. (ئالما ئەپ دۇكىنىغا قارايدىغان بولساق iphone 6 گە ماسلاشتۇرۇلغان ئەپلەر ناھايىتى ئاز, تېڭشۈن, ۋاڭيى, سوخۇ قاتارلىق داڭلىق تور بىكەتلەر ۋە بىز دائىم ئىشلىتىدىغان ئۈندىدارمۇ تېخى ماسلاشتۇرۇلمىغان ئەمما ھەممىسى ئۇزاققا قالماي ماسلاشتۇرۇلۇپ بولىدۇ).
بۇ نەشىردىكى ئەڭ يارقىن يېڭىلىق بولسا ios8 مەشغۇلات سىستېمىلىق ئايفونلاردا ئۇيغۇرچە كۇنۇپكا تاختىسى قوشۇلغان, ئايفونىڭىزنىڭ سىستېمىسى ios8 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرى بولسا نۇر تورىنىڭ 6.4 نەشىرىنى قاچىلىسىڭىز ئاپتوماتىك ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى قاچىلىۋېتىدۇ. ئايرىم كىرگۈزگۈچ قاچىلىماي تۇرۇپمۇ, تۈرمىدىن قاچۇرماي تۇرۇپمۇ ئامراق ئايفونىڭىزدا ئۇيغۇرچە بىمالال خەت ئالاقە قىلالايسىز.
ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچنى ئىشلىتىىش ئۈچۈن نۇر تورىنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن سىستېما ئىچىدىن تەڭشەپ قويىشىڭىز كېرەك, تەڭشەش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىدەك ناھايىتى ئاددىي:
设置-通用-键盘-添加新键盘-Nur.cn
نى قوشۇپ قويسىڭىزلا خالىغان جايغا ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلەيسىز.
نۇر تورىنىڭ بۇ نەشرىدىمۇ ئىلگىرىكى نەشىرلىرىگە ئوخشاش كەمچىلىكلەر بولۇشى مۇمكىن, ئەگەر خاتالىق بايقىسىڭىز مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ.
|
|