ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1282|ئىنكاس: 8
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئوقۇغۇچى گۈزەلنۇرنىڭ ھاياتى جىددى ياردەمگە مۇھتاج!

11

تېما

19

يازما

130

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
310
ئاقچا
6
[مۇراجەتنامە
جەمىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەت ئىگىلىرى ۋە مېھىر-شەپقەت يەتكۈزگۈچىلەر سەمىگە:
ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر ئەخمەت 16-كەنت 4-دۈيدىن بۇلۇپ، بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئىدى. 2011-يىلى 7-ئايدا بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق تىببى ئىنىستىتوت دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسىمۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماستىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كەلدى. گۈزەلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بۇلۇپ، ئاران 10 تېرىلغۇ يېرى بار بولغاچقا، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن نۆۋەتتە بۇ سەبى ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە تۇرماقتا.
تۈنۈگۈن مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، گۈزەلنۇرنىڭ  ئەمىلى ئەھۋالىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇ ھازىر بىر ئادەم يۆلەپ تۇرمىسا ياتالمايدىكەن. ئاغرىق ئازابىدىن بىچارە قىز كېچىچە ئۇخلىماي چىقىدىكەن. بۈگۈن ئەتىگەندە بارغىنىمدا، بۇ مەسۇمە قىز بىچارە ھالەتتە ياتقان بۇلۇپ، مەسئۇل دوختۇرى بىلەن كۈرۈشسەم، دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكىمىسە خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوختۇردىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويغان ئىكەن. مەن كۆڭلۈم ئىنتايىن بىئارام ھالدا، بۇ سىڭلىمىز ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلۇشۇپ يېنىپ چىقتىم.
نۆۋەتتە بازارلىق ھۆكۈمەت باشلىقى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتتىن، مەكتەپلەردىن، ئىدارە ئورگانلاردىن 30000 يىۋەندەك ئىئانە يىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پۇل بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان 200 نەچچە مىڭ يىۋەنگە كېپىل بولالمايدۇ.
مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرلارنى تورغا يوللىدىم.
بەلكىم سىزنىڭمۇ سىڭلىڭىز باردۇ، ۋە بەلكىم سىزنىڭمۇ قىزىڭىز باردۇ. ئازغىنە ياردىمىڭىز سەۋەپلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزنىڭمۇ ئاشۇ ھەمشىرلىرىڭىز باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىدىن بەھىر ئالسا ئەجەپ ئەمەس.
جەمئىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەت ئىگىلىرى، مېھرى-شەپقەت يەتگۈزگۈچىلەر، ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلار،مېھرىبان ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ھەدىلەرنىڭ بۇ سەبى سىڭلىمىز، قېرىندىشىمىزغا مېھرى مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى قىينچىلىقىغا تامچە بولسىمۇ ياردەم قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە گۈزەلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى، گۈزەلنۇرغا ۋاكالىتەن ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
گۈزەلنۇرنىڭ دادىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى:
13999075460
سىنىپ مۇدىرى: ئايتىللا
تېلېفون : 13779419085

ئىئانە قىلغانلار تىزىملىكى ئايرىم ئېلان قىلىندۇ.
گۈزەلنۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى داۋاملىق تورداشلارغا يوللىنىدۇ...

دوختۇرخانا ئىسپاتى ۋە بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ رەسىملىرىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۈرۈڭ
http://www.maxal2010.com/forum.php?mod=viewthread&tid=847 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uigur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-3-10 19:16  

12

تېما

162

يازما

349

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1015
ئاقچا
1
ئوۋچى ۋاقتى: 2012-3-10 19:45:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا شىپالىق بەرسۇن
ئوۋچى ئۇچۇرپەن-تخنىكائىزدىنىش ئىشخانىسى www.owqe.biz

1

تېما

25

يازما

216

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1493
ئاقچا
1
eziz1120 ۋاقتى: 2012-3-10 21:25:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  شىپالىق بەرسۇن      

2

تېما

22

يازما

171

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
422
ئاقچا
2
alm7153 ۋاقتى: 2012-3-10 22:31:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا بۇ سىڭلىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپاتلىق بەرگەي، نامىزىمىزدا خالىس دۇئا قىپ قويايلى!  قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قىپ قويايلى قېرىنداشلار

1

تېما

40

يازما

503

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1219
ئاقچا
0
Temkin ۋاقتى: 2012-3-10 22:34:13 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  شىپالىق  بەرسۇن  

8

تېما

407

يازما

834

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2737
ئاقچا
2
elpida ۋاقتى: 2012-3-10 23:56:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېھرىبان ئاللاھ ئۇ مەسۇمە سىڭلىمىزغا نىجاتلىق،سالامەتلىك،ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلغاي.....
دوختۇرخانىلارمۇ ھازىر كېسەللەرنىڭ ئاغرىق ئازابىدىن جېنى قاتتىق قاقشاپ بولالمايۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ،پۇلنى قاراقچىلارچە(قاراقچىدىنمۇ ۋەھىشىيراق) ئالىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.مۇشۇنداق ئامالسىز قالغان بىچارىلەرگە بولسىمۇ بىر ئاز ئىنساپ قىلسا بولاتتىغۇ.....

15

تېما

138

يازما

650

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1704
ئاقچا
0
t-burkut ۋاقتى: 2012-3-11 02:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىڭلىمىزنىڭ كىسىلىگە ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن  !!!!!! ھەي..... دۆلىتىمىزدە قاچانمۇ داۋالىنىش ھەقسىز بۇلار

1

تېما

43

يازما

379

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1566
ئاقچا
1
busux ۋاقتى: 2012-3-11 08:43:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بالىنىڭ كېسىلى بەك ئېغىردەك قىلىدۇ ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە شۇنچە كوپ ئىئانە پۇلنى توپلاش سەل قىيىن . شۇڭا ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقارساق ، ئۇنىڭدىن باشقا مۇشۇ يېقىندا بىر ياخشى خەۋەرنى ئاڭلىغان ئىدىم ، 16ياشتىن توۋەن بالىلارنى داۋالىتىش توغرىسىدا ، بۇ قىزنىڭ ئاتىسى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ باقاي.

11

تېما

19

يازما

130

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
310
ئاقچا
6
uigur  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-3-13 10:35:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
16 ياشتىن تۆۋەنلەرگە ياردەم بېرىلدىغان چىڭلۇڭنىڭ بۇ فۇندى بىلەنمۇ ئالاقىلەشتۇق. تېلېفوننى ئېلىپ، گەپنى باشلاپ بولغۇچە پائالىيەت ئاخىرلاشتى دەپ تېلېفوننى قۇيۇۋېتىشتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش