ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 4046|ئىنكاس: 20
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاندىروئىد Layout ئىشلەتكۈچى كۆرۈنمە يۈزىنى چۈشىنىش (1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

77

تېما

1841

يازما

475

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەلتەر ئەپ بازىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
6
جۇغلانما
9079
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

ۋاقتى: 2014-10-27 20:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-27 20:37  

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم !
ئىزاھات :
بۇ تېمىنى بۇ يىل 5- ئايدىن باشلاپ يازغانتىم .خىزمەتتىن سىرتقى بىكار ۋاقىتلىرىمدا ئاز تۇلا تولۇقلاپ ماڭدىم ،ئارلىقتا يەنە بىر ئىككى ئايدەك تاشلىۋېتىپ مانا ئاخىرىنى بۈگۈن چىقارغان ئوخشايمەن .  شۇنچە ۋاقىت ھارغۇچە يازدىم . تېما يارىغانلار ئوقۇپ ھېرىپ كەتسۇن دەپ .

epbazar.png

ئەلتەر ئەپ بازىرىنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ :  [url= www.elter.cc/emarket] www.elter.cc/emarket[/url]


تۆۋەندە ئاندىروئىدنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى يەرلىك تىلىمىزغا ئايلاندۇرۇپلا سۆزلەپ ئۈتەي ، ئەسلى قىلىپقا سېلىپ چۈشەندۈرگۈدەك تىل سەۋىيەرىم يوق . بەلكىم موشۇ تېمىدىكى بەزى سۆزلەر كېيىن قىلىپ بولۇپ قىلىشىمۇ مۇمكىن .

Activity  ئاندىروئىدنىڭ ئەڭ ئاساسلىق  تەركىپ تاپقۇچى بۆلىكى ،مەسىلەن ئالساق بىر ئەپنى ئېچىپ يېڭىدىن ئاچىلغاندا بىر بەت كۆرۈنىدۇ ،بىرەر كونۇپكىسىنى باسساق يەنە بىر بەتكە ئالمىشىدۇ ،بۇ ئوخشىمىغان ھەربىر بەتنى بىر Activity دەپ چۈشەنسەك بولىدۇ ، يەنە Activity دېگەن كونۇپكا ،رامكا دېگەنلەرنى قويىدىغان جازا ياكى بوشلۇق ۋە ياكى كۆلچەك دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ .شۇنداق بولغاندا ئاندىروئىدنىڭ بىر ئەپ يۈزى بىر كۆلچەككە سۇ قويۇپ ئۇنىڭغا ئالتۇن بېلىق ،يىلان بېلىق ،پاقا ،ئۆردەك ،غاز دېگەندەكلەرنى سېلىپ ئورۇنلىرىنى بېكىتىپ قويۇش خالاس .
بىر Activity ئاددىي بولغاندا بىرلا كونۇپكىنى ياكى باشقا بىرلا كىچىك بۆلەكچىنى ئۆزئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ، سەل مۇرەككەپ بولغاندا كونۇپكا (Buttons) ، خەتكۈچ (labels) ،تېكىست رامكىسى (text boxs)، رەسىم (image) ۋە باشقا نۇرغۇن بۆلەكچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن ،بۇ بۆلەكچىلەر ھەققىدە كېيىنكى دەرسلىكتە تەپسىلىي توختىلىمىز .
ئەپنىڭ مەلۇم بىر يۈزىنى لايىھىلىمەكچى بولغاندا ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن ، كونۇپكىدىن مۇنچىنى ، تېكىست رامكىسىدىن مۇنچىنى رەسىمدىن مۇنچىنى ۋە باشقىلار دەپ دەپ ئويلاپ بولغاندىن كېيىن xml ھۆججەتتىن بىرنى ئىشلىتىپلا بۇ بۆلەكچىلەرنى تىزىپ چىقساق بولىدۇ ، بۇ xml ھۆججەت res/layout مۇندەرىجىسىدە بولىدۇ .
133236x2ssn00bc2z2vbb0.jpg
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك بىر Activity بولسا view ۋە viewgroup تىن تەشكىل تاپىدۇ . viewدېگىنىمىز يۇقىردا دېگەن ئۆردەك ،غاز ،بېلىق دېگەنلەر شۇ ،view نىڭ ئۆزئىچىگە ئالىدىغان بۆلەكچىلىرى كونۇپكا (Buttons) ، خەتكۈچ (labels) ،تېكىست رامكىسى (text boxs)، رەسىم (image) ،ۋە باشقا نۇرغۇن ، ھەر بىر بۆلەكچە بىر view بولىدۇ ،ئۇ android.view.View ئاساسىي تۈرىگە ۋارسلىق قىلىدۇ . بىر ياكى كۆپ view نى يېغىپ قويساق بۇ viewgroup بولىدۇ . viewgroupنى بىر ئالاھىدە view دەپ قارايمىز .
بىر viewgroup بىر كۆرۈنمە يۈز تەمىنلەپ بېرەلەيدۇ ، يەنى ئۇنىڭدا ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان view لارنى كۆرسىتىلىش شەكلى ۋە ماس ئورۇنلىرىنى بەلگىلەشكە بولىدۇ ، viewgroupنىڭ view نى تىزىش شەكللىرى

LinearLayout----سىزىقلىق تىزىش
RelativeLayout-- نىسپىي تىزىش
FrameLayout----رامكىلىق تىزىش
TableLayout-----جەدىۋەللىك تىزىش
AbsoluteLayout--مۇتلەق تىزىش
ScrollView  

1.
LinearLayout سىزىقلىق تىزىش ھەققىدە :
سىزىقلىق تىزىش دېگىنىمىز تۈز سىزىق شەكلىدە تىزىش ، تۈز سىزىق بولغاندىمۇ پەقەت گورزىنتال ۋە ۋېرتىكال يۈنىلىشتىلا تىزىشقا بولىدۇ ، باشقا يۈنىلىش يوق .
سىزىقلىق تىزىشتا بۆلەكچىلەرنىڭ ئورنىنى بەلگىلەيدىغان تۆت مۇھىم ئامىل بار :

Android:orientation  سىزىقلىق تىزىشنىڭ Vertical ۋېرتىكال ياكى Horizontal  گورزىنتال يۈنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ .
Android:layout_gravity  پۈتكۈل تىزىلىشنىڭ ئوڭ سولغا ياندىشىش يۈنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ .
Android:gravity   بۆلەكچىلەرنىڭ ئوڭ سولغا ياندىشىش يۈنىلىشى بەلگىلەيدۇ .
Android:layout_weight   بۆلەكچىلەرگە قانچىلىك بوشلۇق بۆلۈشنى بەلگىلەيدۇ .

android:layout_width كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ كەڭلىكىنى بەلگىلەيدۇ .
android:layout_height  كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ ئېگىزلىكىنى بەلگىلەيدۇ .
بۇلارنىڭ ئالىدىغان قىممەتلىرى :
fill_parent ياكى match_parent  ،شۇ ئېگىزلىك ياكى كەڭلىكنى ئېكرانغا تولۇق توشقۇزۇشنى ئىپادىلەيدۇ .
wrap_content  بۇ شۇ ئېگىزلىك ياكى كەڭلىكنىڭ پەقەت ئىچىدىكى مەزمۇننىڭ چوڭلۇقىغا قاراپ بەلگىلىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ .
ئەگەر خالىغانچە بەلگىلەيمىز دېسەك 15px،20px دېگەندەك ياكى 10dpدېگەندەك سانلىق قىممەتلەرنى ئىشلەتسەك بولىدۇ .

ئېكراننىڭ تۆت تەرىپى بىلەن بولغان ئارلىق :
android:layout_margin;
android:layout_marginTop  كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ ئۈستى تەرەپ بىلەن بولغان ئارلىق
android:layout_marginBottom  كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ  ئاستى  تەرەپ بىلەن بولغان ئارلىق
android:layout_marginLeft  كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ  سول تەرەپ بىلەن بولغان ئارلىق   
android:layout_marginRight   كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ ئوڭ تەرەپ بىلەن بولغان ئارلىق

android:gravity  كۆرسىتىلگەن  viewنىڭ ياندىشىش يۈنىلىشى .
layout_weight  ئېشىپ قالغان بوشلۇق قانچىلىك قىسمىنى كۆرسىتىلگەن viewغا ئايرىپ بېرىدىغانلىقى ئىپادىلەيدۇ .
layout_x   كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ X كوردىناتىنى كۆرسىتىدۇ .
layout_y   كۆرسىتىلگەن  viewياكى viewgroupنىڭ Y كوردىناتىنى كۆرسىتىدۇ .
android:backgroun  كەينى رەڭ .
يۇقارقى بەزى خاسلىقلار بەلگىلەنگەن viewgroupلاردىلا ئىشلەيدۇ ،مەسىلەن layout_weight بىلەن layout_gravity پەقەت LinearLayoutبىلەن TableLayoutدىكى viewغىلا ئىشلەيدۇ .




مىسال (1.1)


  1.     android:layout_width="fill_parent"
  2.     android:layout_height="fill_parent"
  3.     xmlns:android="http://schemas.android.com/apk/res/android"
  4.     >
  5.    
  6.         android:layout_width="105px"
  7.         android:layout_height="wrap_content"
  8.         android:text="@string/hello"
  9.         />
  10.    
  11.         android:layout_width="100px"
  12.         android:layout_height="wrap_content"
  13.         android:text="Button"
  14.         />
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بۇنىڭدا باشتا بىر سىزىقلىق تىزىش LinearLayout يازدۇق ، يۈنىلىشىنى يازمىدۇق ،شۇڭا سۈكۈتتىكى ھالەتتە گورزىنتال  يۈنىلىشتە بولىدۇ . سولدىن ئوڭغا بولىدۇ .
ئاندىن بىر TextViewتېكىست كۆرسىتىش رامكىسى يازدۇق ، ئۇنىڭ كەڭلىكى 105px، ئېگىزلىكى ئىچىدىكى تېكىست چوڭلۇقى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ،ئاندىن ئۇنىڭغا بىر تېكىست يازدۇق .
ئۇنىڭ يېنىغا بىر Button كونۇپكا يازدۇق ،كونۇپكىنىڭ كەڭلىكى 100px، ئېگىزلىكى كونۇپكىدىكى خەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ ، ئاخىرىدا ئۇنىڭغا Button دەپ بىر خەت بەردۇق .

ئۈنۈمى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك :
185126av0cdv48z7cir28r.jpg


ئەگەر يۇقارقى LinearLayout نىڭ يۈنىلىشى ۋېرتىكال قىلىپ ئۆزگەرتسەك :

  1. [code]
  2.     android:layout_width="fill_parent"
  3.     android:layout_height="fill_parent"
  4.     android:orientation="vertical"
  5.     xmlns:android="http://schemas.android.com/apk/res/android"
  6.     >
  7.    
  8.         android:layout_width="105px"
  9.         android:layout_height="wrap_content"
  10.         android:text="@string/hello"
  11.         />
  12.    
  13.         android:layout_width="100px"
  14.         android:layout_height="wrap_content"
  15.         android:text="Button"
  16.         />
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
[/code]

بۇنىڭ ئۈنۈمى :
185550k9v9jggvs9vfge0u.jpg




مىسال (1.2)

  1.     android:layout_width="fill_parent"
  2.     android:layout_height="fill_parent"
  3.     xmlns:android="http://schemas.android.com/apk/res/android"
  4.         android:orientation="vertical"
  5.     >
  6.    
  7.         android:layout_width="105px"
  8.         android:layout_height="wrap_content"
  9.         android:text="@string/hello"
  10.         />
  11.    
  12.         android:layout_width="100px"
  13.         android:layout_height="wrap_content"
  14.         android:text="Button"
  15.         android:layout_gravity="right"
  16.         android:layout_weight="0.2"
  17.         />
  18.    
  19.         android:layout_width="fill_parent"
  20.         android:layout_height="wrap_content"        
  21.         android:textSize="18sp"
  22.         android:layout_weight="0.8"        
  23.         />
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بۇ مىسال يۇقارقى مىسالغا سېلىشتۇرغاندا بىر EditText تېكىست كىرگۈزۈش (تەھرىرلەش ) رامكىسى ئارتۇق ، Buttonنى "android:layout_gravity="right" ئارقىلىق ئوڭ تەرەپكە يانداشتۇرغان .
ئەڭ باشتا بىر TextView يېزىپ بولغاندىن كېيىن قالغان بوشلۇقنى   android:layout_weight="0.2" ۋە    android:layout_weight="0.8"    ئارقىلىق Button كونۇپكىغا %20 نى  EditText تېكىست كىرگۈزۈش (تەھرىرلەش ) رامكىسىغا %80 قىلىپ بۆلۈپ بەرگەن .

بۇنىڭ ئۈنۈمى :
190613hbuzaub9bzd1ad2u.jpg




2.RelativeLayout   نىسپىي  تىزىش :
RelativeLayout  ئۆز ئىچىگە ئالغان view لارنىڭ ئۆز ئارا بولغا نىسپىي ئورنىنى بەلگىلەيدىغان تىزىش شەكلى ، شۇنداقلا تىزىش شەكللىرى ئىچىدىكى ئەڭ جانلىق ئىشلەتكىلى بولىدىغان ،قېيىنلىق دەرىجىسىمۇ سەل يۇقىرى بولغان تىزىش شەكلى ، بۇنىڭدا viewلارنىڭ ئورنى توقۇنۇشۇپ قىلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرى بولىدۇ . مىسال ئالساق ،كونۇپكىدىن بىرنى ،تېكىست كۆرسىتىش رامكىدىن بىرنى قويساق ،ئورۇن جەھەتتىن كونۇپكىنىڭ ئاستى ئۈستى تېكىست كۆرسىتىش رامكىسى بىلەن ئوخشاش بولسۇن ، تېكىست كۆرسىتىش رامكىسى كونۇپكىنىڭ ئوڭ ياكى سول تەرىپىدە بولسۇن دەپ بۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى نىسپىي ئورۇننى تەڭشىسەك بۇ RelativeLayout نىسپىي تىزىش بولىدۇ .
RelativeLayout نىسپىي تىزىشنىڭ بىر قىسىم خاسلىقلىرى :

بىرىنچى تۈر : كۆرسىتىلگەن viewنىڭ id سى ئارقىلىق باشقا id دىكى viewلار بىلەن بولغان نىسپىي ئورنىنى بەلگىلەش ، id نى @id/id-name شەكلىدە قوللىنىمىز .
android:layout_below  مەلوم view نىڭ ئاستىدا .
android:layout_above  مەلۇم viewنىڭ ئۈستىدە .
android:layout_toLeftOf  مەلۇم viewنىڭ سول تەرىپىدە .
android:layout_toRightOf  مەلۇم viewنىڭ ئوڭ تەرىپىدە .
android:layout_alignTop  كۆرسىتىلگەن viewنىڭ ئۈستى تەرىپى بىلەن مەلۇم  view نىڭ ئۈستى تەرىپى تەكشى بولىدۇ .
android:layout_alignBottom  كۆرسىتىلگەن viewنىڭ ئاستى تەرىپى بىلەن مەلۇم  view نىڭ ئاستى تەرىپى تەكشى بولىدۇ .
android:layout_alignLeft  كۆرسىتىلگەن viewنىڭ سول تەرىپى بىلەن مەلۇم  view نىڭ سول تەرىپى تەكشى بولىدۇ .
android:layout_alignRight  كۆرسىتىلگەن viewنىڭ ئوڭ تەرىپى بىلەن مەلۇم  view نىڭ ئوڭ تەرىپى تەكشى بولىدۇ .

ئىككىنچى تۈر : كۆرسىتىلگەن viewنىڭ id سى ئارقىلىق باشقا id دىكى viewلار بىلەن بولغان نىسپىي ئارلىقنى بەلگىلەش ،مەسىلەن 30dip، 35px دېگەندەك .
android:layout_marginBottom   مەلۇم viewنىڭ ئاستى تەرىپى بىلەن بولغان ئارلىق
android:layout_marginTop     مەلۇم viewنىڭ ئۈستى تەرىپى بىلەن بولغان ئارلىق
android:layout_marginLeft      مەلۇم viewنىڭ سول تەرىپى بىلەن بولغان ئارلىق
android:layout_marginRight      مەلۇم viewنىڭ ئوڭ تەرىپى  بىلەن بولغان ئارلىق

ئۈچىنچى تۈر : قىممىتى true راست ياكى false  يالغان بولغان خاسلىقلار .
android:layout_centerHrizontal   گورزىنتال ئوتتۇرغا توغۇرلانسۇن
android:layout_centerVertical     ۋېرتىكال ئوتتۇرغا توغۇرلانسۇن
android:layout_centerInparent     شۇ RelativeLayout نىڭ مەركەزگە توغۇرلانسۇن
android:layout_alignParentTop    شۇ RelativeLayout نىڭ ئۈستىگە يانداشسۇن
android:layout_alignParentBottom     شۇ RelativeLayout نىڭ ئاستىغا يانداشسۇن
android:layout_alignParentLeft         شۇ RelativeLayout نىڭ سول تەرىپىگە يانداشسۇن
android:layout_alignParentRight      شۇ RelativeLayout نىڭ ئوڭ تەرىپىگە يانداشسۇن
android:layout_alignWithParentIfMissing      ئەگەر شۇ viewتېپىلمىسا ئورنىنى RelativeLayout نىڭ رەڭگى ئارقىلىق تولدۇرۇلسۇن .



مىسال (2.1)

  1.     android:id="@+id/RLayout"
  2.     android:layout_width="fill_parent"
  3.     android:layout_height="fill_parent"
  4.     xmlns:android="http://schemas.android.com/apk/res/android"
  5.     >
  6.    
  7.         android:id="@+id/lblComments"
  8.         android:layout_width="wrap_content"
  9.         android:layout_height="wrap_content"
  10.         android:text="Comments"
  11.         android:layout_alignParentTop="true"
  12.         android:layout_alignParentLeft="true"
  13.         />
  14.    
  15.         android:id="@+id/txtComments"
  16.         android:layout_width="fill_parent"
  17.         android:layout_height="170px"
  18.         android:textSize="18sp"
  19.         android:layout_alignLeft="@+id/lblComments"
  20.         android:layout_below="@+id/lblComments"
  21.         android:layout_centerHorizontal="true"
  22.         />
  23.    
  24.         android:id="@+id/btnSave"
  25.         android:layout_width="125px"
  26.         android:layout_height="wrap_content"
  27.         android:text="Save"
  28.         android:layout_below="@+id/txtComments"
  29.         android:layout_alignRight="@+id/txtComments"
  30.         />
  31.    
  32.         android:id="@+id/btnCancel"
  33.         android:layout_width="124px"
  34.         android:layout_height="wrap_content"
  35.         android:text="Cancel"
  36.         android:layout_below="@+id/txtComments"
  37.         android:layout_alignLeft="@+id/txtComments"
  38.         />
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


بۇ كودنى تۆۋەندىكى ئۈنۈم رەسىمى ۋە يۇقارقى RelativeLayout نىڭ خاسلىقلىرىغا ئاساسەن چۈشىنىش قېيىن ئەمەس .
ئۈنۈم رەسىم :

204536wdlq7ieg6z4fjtup.jpg



3. FrameLayout  رامكىلىق تىزىش :
FrameLayout  رامكىلىق تىزىش ئەڭ ئاددىي تىزىش شەكلى بولسا كېرەك ، بۇ خىل تىزىش شەكلىدە ھەرقايسى viewلارنىڭ ئورنىنى تەڭشەش ھاجەتسىز ،تىزسىمۇ بەرىبىر پايدىسى يوق ، بەرىبىر ھەممە view ئۈستى سول تەرەپتىكى بۇلۇڭغا چاپلاشقىنى چاپلاشقان ، ئەڭ ئالدى بىلەن قويغان view ئەڭ باشتا چاپلىشىدۇ ،ئۇنىڭ ئارقىدىن قويغان view باشتا قويغا view نىڭ ئۈستىگىلا بېسىۋالىدۇ ، شۇنىڭدەك كەينىدە قويۇلغان viewلار باشتا قويۇلغان viewلارنى باشتۇرۇپ تىزىلىدۇ .

مىسال (3.1)




  1.     android:layout_width="fill_parent"

  2.     android:layout_height="fill_parent"

  3.     >


  4.     android:layout_width="fill_parent"

  5.     android:layout_height="wrap_content"

  6.     android:textSize="50dip"

  7.     android:textColor="#ffffff"

  8.     android:text="birinchi qewet"/>


  9.     android:layout_width="fill_parent"

  10.     android:layout_height="wrap_content"

  11.     android:textSize="40dip"

  12.     android:textColor="#ffff00"

  13.     android:text="ikkinchi qewet"/>


  14.     android:layout_width="fill_parent"

  15.     android:layout_height="wrap_content"

  16.     android:textSize="30dip"

  17.     android:textColor="#ff00ff"

  18.     android:text="uchinchi qewet"/>


  19.     android:layout_width="fill_parent"

  20.     android:layout_height="wrap_content"

  21.     android:textSize="20dip"

  22.     android:textColor="#00ffff"

  23.     android:text="totinchi qewet"/>

مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

 


يۇقارقى كود بۇيىچە بىز بۇ FrameLayout  نىڭ ئىچىگە تۆت دانە TextView  تېكىست كۆرسىتىش رامكىسى قۇرۇپ ئىچىگە ئايرىم ئايرىم ھالدا birinchi qewet، ikkinchi qewet، uchinchi qewet ۋە totinchi qewet دەپ ھەرخىل رەڭلەردىكى خەتلەرنى قويدۇق ، تۆۋەندە ئۈنۈم رەسىمىنى كۆرۈپ باقايلى . نېمىشقا يۇقارقى بىرىنچى قەۋەت ،ئىككىنچى قەۋەت دېگەنلەرنى ئۇيغۇر يېزىقىدا يازمىدىك دەپ سورىماي تۇرۇڭلار ،سەل تۇرۇپ ئۆزۈملا دەپ بېرىمەن .
011213dbvvaeuxugld8eao.jpg


رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك ، ھەممىسى ئۈستى سول بۇلۇڭغا يانداشقان ، birinchi qewet دېگەن ئەڭ باشتا يازغان view ئەڭ ئاستىدا قالغان ،ئەڭ ئاخىردا يازغان totinchi qewet دېگەن view ئەڭ ئۈستىگە چىققان .

ئەمدى يۇقارقى تۆت دانە تېكىست كۆرسىتىش رامكىسىنىڭ ئورۇنلىرىنى سەل ئۆزگەرتىپ كۆرۈپ باقايلى ،ئۈنۈمى بۇلامدۇ يوق .

بىرىنچى TextView نى ئۆزگەرتمەي ،ئىككىنچىسىنى ئۆزگەرتىپ ئىككىنچىسىنى بىرىنچىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئۆتكۈزەيلى .


  1.     android:id="@+id/tv2"

  2.     android:layout_width="fill_parent"

  3.     android:layout_height="wrap_content"

  4.     android:textSize="40dip"

  5.     android:textColor="#ffff00"

  6. android:layout_toRightOf="@id/tv1"

  7. android:text="ikkinchi qewet"/>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش



ئەمدى ئۈچىنچىسىنى تۆۋەندىكىدەك ئۆزگەرتىپ ئوڭغا يانداشتۇرايلى

  1.     android:id="@+id/tv3"

  2.     android:layout_width="fill_parent"

  3.     android:layout_height="wrap_content"

  4.     android:textSize="30dip"

  5.     android:textColor="#ff00ff"

  6.     android:gravity="right"

  7. android:text="uchinchi qewet"/>
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش



تۆتىنچىسى ئۆزگەرتمەي ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى .
012640e4x3l0gs3glc2l22.jpg


ئۆزگەرتكەن ئىككىنچى تېكىست كۆرسەتكۈچ رامكىسى يەنى ikkinchi qewet دېگەن خەت جايىدا تۇرۇپتۇ ، ئەمما ئوڭغا يانداشتۇرغان uchinchi qewet دېگەن ئۈچىنچى تېكىست كۆرسەتكۈچ رامكا ئوڭغا يانداشقاندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ ...ياق ..ياق ..راستلا ئوڭغا ياندىشىپ قاپتۇ ، بۇ ئەھۋال مەن باشتا دېگەن FrameLayout تا view لارنىڭ ئورنىنى بەلگىلىسا ئۈنۈمى بولمايدۇ دېگەن گەپكە زىت بولۇپ قالدىمۇ قانداق ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
ئالدىراپ قارار چىقارمايلى . بىز ئىككىنچى TextView تېكىست كۆرسەتكۈچ رامكىنى بەلگىلىگەندە ئۇنىڭ كەڭلىكى  android:layout_width="fill_parent" دەپ يېزىپ قويغان ، بۇ يەردىكى كەڭلىك ئالغان قىممەت fill_parent نىڭ مەنىسى بولسا ئېكراننىڭ ئوڭ تەرىپىدىن باشلىنىپ سول تەرىپىگە تۇتىشىدۇ دېگەن مەنىدە ، شۇڭا يۇقىردا يازغان ئوڭغا يانداشتۇرۇش كودى android:gravity="right"   تېكىست كۆرسەتكۈچ رامكىنىڭ يۈنىلىشىنى ئۆزگەرتمەي پەقەت ئىچىدىكى uchinchi qewet دېگەن تېكىستنىلا ئوڭغا يانداشتۇرغان ، ئىشەنمىسەڭلار  android:layout_width="fill_parent" دىكى fill_parent دېگەن قىممەتنى wrap_content دەپ كەڭلىكىنى پەقەت يازغان تېكىستنىڭ كەڭلىكى بىلەنلا چەكلەپ سىناپ كۆرەيلى ، ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك :
014304hdlsh56d809g8m59.jpg
دېگەندەك  يۇقارقى ئورۇن تەڭشەشلەرنىڭ viewلارغا نىسبەتەن ھىچقانداق رولى يوق .




ئەمدى يۇقارقى تېكىستلارنى پىنيىنچە ، خەنچە ھەم  ئۇيغۇر يېزىقىمىزغا يېزىپ بىر ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقايلى :
كود :



  1.     android:layout_width="fill_parent"

  2.     android:layout_height="fill_parent"

  3.     >

  4.    

  5.         android:layout_width="fill_parent"

  6.         android:layout_height="wrap_content"

  7.         android:textSize="30dip"

  8.         android:textColor="#ffffff"

  9.         android:text="بىرىنچى قەۋەت "/>

  10.    

  11.         android:layout_width="fill_parent"

  12.         android:layout_height="wrap_content"

  13.         android:textSize="40dip"

  14.         android:textColor="#ffff00"
  15.         android:layout_toRightOf="@id/tv1"

  16.         android:text="ikkinchi qewet"/>

  17.    

  18.         android:layout_width="wrap_content"

  19.         android:layout_height="wrap_content"

  20.         android:textSize="30dip"

  21.         android:textColor="#ff00ff"
  22.         android:gravity="right"

  23.         android:text="第三层"/>

  24.    

  25.         android:layout_width="fill_parent"

  26.         android:layout_height="wrap_content"

  27.         android:textSize="20dip"

  28.         android:textColor="#00ffff"

  29.         android:text="تۆتىنچى قەۋەت "/>

مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئۈنۈمى :
014929t15qu8yx1xf412q1.jpg

ھەيران قالارلىق ئىش يۈز بەردى مانا ، پىنيىنچە ۋە خەنچە بۇرۇنقىدەكلا ئۈستى سول بۇلۇڭغا يانداشقان ، ئەمما ئۇيغۇر يېزىقىمىز بولسا ئۈستى ئوڭ بۇلۇڭغا يانداشقان ، قارىغاندا بۇ Android Studio دېگەن دېتال بىزنىڭ يېزىقىمىزنىڭ ئوڭدىن سولغا يازىدىغان قائىدىسىنى بىلىدىغان ئوخشايدۇ .





4. TableLayout  جەدىۋەللىك تىزىش

TableLayout  جەدىۋەللىك تىزىش   بۇ ئىسىمدىنلا كۆز ئالدىمىزغا قۇر ۋە قاتاردىن تۈزۈلگەن نۇرغۇن كاتەكچىلىك جەدىۋەللەر كېلىدۇ ، TableLayout دەل بىز ئويلىغاندەك قۇر ۋە قاتارلار ئارقىلىق view لارنى تىزىپ چىقىرىدىغان تىزىش شەكلى .
ھەربىر قۇرغا بىر TableRow ياكى بىر view تىزىلىدۇ .
بىر قۇرغا بىرنى TableRow نى قويغان ۋاقىتتا بىر TableRow نىڭ ئىچىگە يەنە بىر ياكى كۆپ view لارنى قويغىلى بولىدۇ ، بۇ TableRowنىڭ ئىچىگە قويۇلغان viewلار بىر قۇرغا تىزىلىدۇ . ئەگەر  TableRow ئىشلەتمىسەك ھەر بىر view بىر قۇرغا تىزىلىدۇ .

TableLayout نىڭ قۇر سانى ئەپ ئاچقۇچى تەرىپىدىن بىۋاستە بېكىتىلىدۇ ،يەنى قانچە TableRow ياكى قانچە يەككە view بولسا شۇنچە قۇر بولىدۇ .
TableLayout نىڭ قاتار سانى TableRow ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ كۆپ view نىڭ سانىغا ئاساسەن بولىدۇ ، مەسىلەن ئۈچ TableRow بولسا ، بىرىنچىسىدە 2 دانە view ،ئىككىنچىسىدە 4 view بولسا ،ئۈچىنچىسىدە 3 view بولسا،ئۇنداقتا TableLayout  نىڭ قۇرسانى 4 بولىدۇ .


TableLayout نىڭ خاسلىقلىرى :

TableLayoutنىڭ خاسلىقلىرى پۈتۈن خاسلىق ۋە يەككە خاسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
پۈتۈن خاسلىقلار :

android:stretchColumns  كېڭەيتىشكە بولىدىغان قاتارنى بەلگىلەيدۇ .بۇ قاتار قۇرنىڭ يۈنىلىشى بۇيىچە كېڭىيىدۇ ،كۆپ بولغاندا پۈتۈن بىر قۇرنى ئېگەللەيدۇ .
android:shrinkColumns   يېغىشقا بولىدىغان قاتارنى بەلگىلەيدۇ . مەلۇم قاتاردىكى مەزمۇن بەك كۆپ بولۇپ قۇرغا پاتماي قىسىلىپ قالغاندا بۇ ئارقىلىق مەزمۇننى قاتار يۈنىلىشى بۇيىچە كۆرسىتىدۇ .
android:collapseColumns   يۇشۇردىغان قاتارنى بەلگىلەيدۇ .

مەسىلەن :
  1. android:stretchColumns="0"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
نۆلىنچى قاتارنى كېڭەيتىدۇ .

  1. android:shrinkColumns="1,2"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
  بىرىنچى ،ئىككىنجى قاتارنى يېغىدۇ .

  1. android:collapseColumns="*"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بارلىق قاتارلارنى يۇشۇرىدۇ .

كۆرسەتمە :
stretchColumns بىلەن shrinkColumns نى بىرلا ۋاقىتتا قوللىنىشقا بولىدۇ ، ئەگەر مەلۇم قاتاردىكى مەزمۇن بەك كۆپ بولغاندا مەزمۇننى نەچچە قۇرغا ئايرىپ كۆرسىتىپ قاتارنىڭ قۇرغا پاتماي قىلىشىشىنىڭ ياكى قىسىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ،ئەمما بۇ يەردىكى مەزمۇننى نەچچە قۇرغا ئايرىش شۇ مەزمۇننى قويغان view نىڭ راستلا نەچچە قۇرنى ئېگەللەيدىغانلىقى بىلدۈرمەيدۇ ، بۇ view جەدىۋەللىك تىزىشقا نىسبەتەن يەنىلا بىرلا قۇرغا توغرا كېلىدۇ ،سىستېما پەقەت مەزمۇننىڭ كۆپلىكىگە ئاساسەن بۇ قۇرنىڭ layout_height  نى ئاپتۇماتىك تەڭشەپ بېرىدۇ .

يەككە خاسلىقلار :
android:layout_column  كۆرسىتىلگەن كاتەكنىڭ قانچىنچى قاتاردا ئىكەنلىكىنى بەلگىلەيدۇ .

android:layout_span  كۆرسىتىلگەن كەتەكنىڭ قانچە قاتار ئېگەللەيدىغانلىقىنى بەلگىلەيدۇ ،(ئەگەر بەلگىلىمىسە سۈكۈتتىكى ھالەتتە 1 بولىدۇ )

مەسىلەن :
  1. android:layout_column="1"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ view ياكى كاتەك بىرىنچى قاتاردا كۆرسېتىلىدۇ .

  1. android:layout_span="2"
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
بۇ view ياكى كاتەك ئىككى قاتار ئېگەللەيدۇ .

كۆرسەتمە : بىر كاتەك بىرلا ۋاقىتتا بۇ ئىككى خاسلىقنى ئىشلەتسە بولىدۇ .


تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق جەدىۋەللىك تىزىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشىنەلەيمىز!
كود:

  1.     android:orientation="vertical"
  2.     android:layout_width="match_parent"
  3.     android:layout_height="match_parent"
  4.     android:padding="3dp"
  5.     >

  6.    
  7.    

  8.         android:layout_height="wrap_content"
  9.         android:layout_width="wrap_content"
  10.         android:text="بىرىنچى جەدىۋەل :پۈتۈن خاسلىق تەڭشەش "
  11.         android:textSize="15sp"
  12.         android:textColor="#ffffffff"
  13.         android:background="#ff00b2b2"
  14.         />
  15.    
  16.         android:id="@+id/table1"
  17.         android:layout_width="fill_parent"
  18.         android:layout_height="wrap_content"
  19.         android:stretchColumns="0"
  20.         android:shrinkColumns="1"
  21.         android:collapseColumns="2"
  22.         android:padding="3dip">

  23.         
  24.             
  25.             
  26.             
  27.         
  28.    

  29.    
  30.    
  31.         android:text="تۆتىنچى جەدىۋەل :تەكشى تىزىش"
  32.         android:layout_height="wrap_content"
  33.         android:layout_width="wrap_content"
  34.         android:textSize="15sp"
  35.         android:background="#7f00ffff"/>
  36.    
  37.         android:id="@+id/table4"
  38.         android:layout_width="fill_parent"
  39.         android:layout_height="wrap_content"
  40.         android:stretchColumns="*"
  41.         android:padding="3dip"
  42.         >
  43.         
  44.             
  45.             
  46.             
  47.         
  48.    
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئۈنۈمى :

202752c56jx54z5ze6jgek.jpg


GridLayout  تور كاتەكچىسى شەكلىدە تىزىش

بىز ئۈستىدە سۆزلەپ ئۆتكەن TabelLayout جەدىۋەللىك تىزىشتا view ياكى TabelRow قۇر ۋە قاتار بويىچە تىزىلىدۇ .ھەر بىر قۇردا بىرTableRow ياكى بىر view بولىدۇ ،TableRow نىڭ ئىچىگە يەنە باشقا view لارنى قويۇشقا بولىدۇ ،قويغان ھەربىر TableRow ياكى ھەربىر view بىر قاتار بولىدۇ  ،ئەمما بۇنداق جەدىۋەللىك تىزغاندا بىر view ياكى بىر  TableRow نى كۆپ قۇر ياكى كۆپ قاتارغا سوزۇپ قويغىلى بولمايدۇ ،مەسىلەن بىر كونۇپكىنى بىر قاتار ئىككى قۇرغا سوزۇپ قۇيالمايدۇ .

ئاندىروئىدنىڭ 4.0 نىڭ يۇقىرى نەشىرلىرىدە يېڭىدىن قوشقان GridLayout تور كاتەكچىسى شەكلىدە تىزىشتا بۇ مەسىلە ھەل قىلىنغان ،GridLayout ئىنچىكە تەقلىدىي سىزىق ئارقىلىق شۇ GridLayout دىكى كۆرۈنمە يۈزنى قۇر ۋە قاتارغا ئايرىپ تور كاتەكچىسى ھاسىل قىلىپ view لارنى شۇ كاتەكچىلەرگە قويىدۇ ، بىر view نىڭ قۇر ،قاتارلارنى كېسىشتۈرۈپ تىزىشقىمۇ بولىدۇ .
GridLayout نى LinearLayout نىڭ سەل ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ ، GridLayout تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ :
ئالدى بىلەن LinearLayout سىزىقلىق تىزىشقا ئوخشاش يۈنىلىشنى ۋېرتىكال ياكى گورزىنتال دەپ بەلگىلەيمىز ،سۈكۈتتىكى ھالەتتە گورزىنتال يۈنىلىشتە بولىدۇ .بىر view يەنە بىر view غا ياندىشىپ سولدىن ئوڭغا تەرتىپ بۇيىچە تىزىلىدۇ ،ئەمما android:columnCount ئارقىلىق قاتار سانىنى بەلگىلەپ قويساق شۇ قاتار توشقاندا ئاپتۇماتىك ئاستىنقى قۇرغا تىزىلىدۇ  ،يەنە بىر تەرەپتىن GridLayoutدىكى view لار  سۈكۈتتىكى ھالەتتە wrap_content قىممىتىدە تەڭشىلىدۇ ،بۇنى GridLayout نى قۇرغاندا ئىزاھلاپ قويسىلا بولىدۇ .
ئەگەر مەلۇم view نى مۇقىم قۇر ياكى قاتاردا تىزىپ كۆرسەتمەكچى بولساق شۇ viewنىڭ android:layout_row بىلەن android:layout_column قىممىتىنى تەڭشەپ قويساقلا بولىدۇ ،دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى
  1. android:layout_row=”0”
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بولسا بىرىنچى قۇردىن باشلىنىپ تىزىلىشنى
  1. android:layout_column=”0”
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

بولسا بىرىنجى قاتاردىن باشلىنىپ تىزىلىشنى ئىپادىلەيدۇ .

ئەگەر مەلۇم view نى بىردىن ئارتۇق قۇر ياكى رەتكە سوزۇپ قويماقچى بولساق پەقەت شۇ view نىڭ android:layout_rowSpan ياكى layout_columnSpan قىممىتىنى قويماقچى بولغان قۇر ياكى رەت سانىغا تەڭشەپ ،layout_gravity نىڭ قىممىتىنى fill قىلىپ قويساقلا بولىدۇ .

تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق ھېسابلىغۇچنىڭ كۆرۈنمە يۈزىنى يېزىپ باقايلى .

  
  1.   
  2.     android:layout_width="wrap_content"  
  3.     android:layout_height="wrap_content"  
  4.     android:orientation="horizontal"  
  5.     android:rowCount="5"  
  6.     android:columnCount="4" >  
  7.   
  8.         android:id="@+id/one"  
  9.         android:text="1"/>  
  10.   
  11.         android:id="@+id/two"  
  12.         android:text="2"/>  
  13.    
  14.         android:id="@+id/three"  
  15.         android:text="3"/>  
  16.   
  17.         android:id="@+id/devide"  
  18.         android:text="/"/>  
  19.   
  20.         android:id="@+id/four"  
  21.         android:text="4"/>  
  22.   
  23.         android:id="@+id/five"  
  24.         android:text="5"/>  
  25.   
  26.         android:id="@+id/six"  
  27.         android:text="6"/>  
  28.   
  29.         android:id="@+id/multiply"  
  30.         android:text="×"/>  
  31.   
  32.         android:id="@+id/seven"  
  33.         android:text="7"/>  
  34.   
  35.         android:id="@+id/eight"  
  36.         android:text="8"/>  
  37.   
  38.         android:id="@+id/nine"  
  39.         android:text="9"/>  
  40.    
  41.         android:id="@+id/minus"  
  42.         android:text="-"/>  
  43.    
  44.         android:id="@+id/zero"  
  45.         android:layout_columnSpan="2"  
  46.         android:layout_gravity="fill"  
  47.         android:text="0"/>  
  48.   
  49.         android:id="@+id/point"  
  50.         android:text="."/>  
  51.    
  52.         android:id="@+id/plus"  
  53.         android:layout_rowSpan="2"  
  54.         android:layout_gravity="fill"  
  55.         android:text="+"/>  
  56.    
  57.         android:id="@+id/equal"  
  58.         android:layout_columnSpan="3"  
  59.         android:layout_gravity="fill"  
  60.         android:text="="/>   
  61.   
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش


ئۈنۈمى :
201133uv033hks7zfmpf9p.gif

تېمىدا بەزى جايلارنى چۈشەنچەم بۇيىچىلا يازغان ، شۇڭا خاتالىقلاردىن خالى ئەمەس . توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن .

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 6تەجرىبە +190 يىغىش سەۋەبى
serlik5127 + 10
yawaxboy + 30 ياخشى يازما
MSM + 15 مەن قوللايمەن
arman26 + 30
alip + 100 ياخشى يازما
kara_iz + 5 مەن قوللايمەن

باھا خاتىرىسى

ئەلتەر ئەپ بازىرى  http://www.elter.cc/emarket

77

تېما

1841

يازما

475

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەلتەر ئەپ بازىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
6
جۇغلانما
9079
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-10-27 20:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىغا مۇناسىۋەتسىز ھەر قانداق ئىنكاس يۇيۇلىدۇ .
ئەلتەر ئەپ بازىرى  http://www.elter.cc/emarket

6

تېما

233

يازما

297

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1372
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-27 20:47:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئانا تىلىمنىڭ گىپى چىقسا تۇرالمايمەن ،راستىنلا ئۇقۇپ ھېرىپ كەتتىم ،ئانا تىلغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق تېمىنى ئەستايىدىل ئۇقۇش كىرەك ،مۇشۇنداق پايدىلىق تېمىلىرڭىز ئۇزۇلمىسۇن رەھمەت.

1

تېما

18

يازما

99

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
316
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-27 21:00:46 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ مەن ئۈچۈنلا يېزىپسىز جۇمۇ بۇ تىمىنى.
ھارمايلا ئوقۇۋەتتىمغۇ!

0

تېما

112

يازما

164

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
678
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-27 21:30:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ئوبدان تۇلۇق چۈشۈنۈشلۈك تىما بوپتۇ

2

تېما

113

يازما

136

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

نادىر
0
جۇغلانما
705
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-27 22:45:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ جىق يىزىۋىتىپسىز ، قانچىلىك ۋاقىتتا يىزىپ بولغانسىز بۇنى ھە  ئۇف !

21

تېما

150

يازما

434

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
0
جۇغلانما
1460
ئاقچا
3
ۋاقتى: 2014-10-27 22:58:51 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-10-28 02:12  



ئاران ئوقۇپ بولدۇم.    
رەھمەت, تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپسىز!

0

تېما

622

يازما

769

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3430
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-28 05:51:16 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز پىراگىراممىر مۇنىمە  چۈشۈنىشلىك بۇپتۇ

23

تېما

292

يازما

1267

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
2
جۇغلانما
5390
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

ۋاقتى: 2014-10-28 08:18:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ رازى بولسۇن، ئىلىمنىڭ زاكىتى دېگەن مانا مۇشۇ

1

تېما

17

يازما

84

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
261
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-28 08:41:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ھارماي تالماي يېزىپسىز ،قانچىلىك ۋاقىتتا يېزىپ بولغانسىز ھە

1

تېما

131

يازما

303

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1280
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-28 09:51:50 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ئۇقۇپ ھېرىپ كەكۈدەك تېما بۇپتۇ مەن ئانچە چۈشنۈپ كەتمىسەممۇ يەنلا سىزگە رەھمەت

2

تېما

80

يازما

181

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
717
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-10-28 17:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ScrollView  سىيرىلما دەپ ئالساق بولىدىغۇ دەيمەن. بولسا داۋملىق تۆت چوڭ قورۇلىمنمۇ  يازىغان بولسىڭىز.تىخمۇ تىرىشىپ بولسا ئۇيغۇرچە Androidقا مۇناسىۋەتلىك كىتاپتىن بىرنى يىزىشىڭزىغا تىلەكداشمەن. رەھممەت جاپا تارتىڭىز....

38

تېما

551

يازما

1317

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4632
ئاقچا
10

تۆھپە ئوردېنى

ۋاقتى: 2014-10-29 00:19:22 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا رەھمەت سىزگە!
بۇ بىلىم بىلەن ئاندرويد دېتالىنى ئۆزى خالىغانچە گەپ يوق ياسىغىلى بولغىدەك.

باھا سۆز

بۇ نىڭ خالىغانچە ئاندرويدنىڭ ئەپ يۈزنى لاھىيەلىگىلا بولىدۇ..  ۋاقتى: 2014-10-29 17:17

0

تېما

15

يازما

65

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
192
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-10-30 11:36:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھارمىغايسىز ،ئۇستاز ھەقىقەتەن چۇشۇنىشلىك بوپتۇ ؟؟؟
مەنمۇ ،ئاران .ئۇقۇپ بولدۇم ئۇف
رەھمەت سىزگە؟

0

تېما

162

يازما

139

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
696
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-11-4 12:24:51 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەپسېلى بوپتۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش