ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! يېقىندىن بۇيان ئاندىرويىد سېستىمىلىق تېلېفون قىزغىنلىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ ، نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇرۇنقى «ئەقىلسىز» تېلېفونلىرىنىڭ ئورنىغا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونلارنى سېتىۋېلىشقا ئالدىراۋاتىدۇ . بىراق تېلېفون سېتىۋالغاندا قاندىقىنى سېتېۋېلىش ، قەيەردىن سېتېۋېلىش ، سېتىۋالغاندىن كېيىنكى سۈپەت كاپالىتى قاتارلىق مەسىلىلەر كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتىدۇ ، ھەمدە ئەڭ ئەرزان ، ئەڭ ياخشى تېلېفونلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقىتلىرىنى تور دۇكىنى ئارىلاشقا سەرىپ قىلىۋاتىدۇ (بەلكىم قويۇلۇپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەستۇ بەلكىم ). شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن تورداشلارنىڭ ئازتولا پايدىلىنىشى ئۈچۈن يانفونلارنىڭ دۆلەت مېلى ، سۇ مېلى ۋە سۈپەت كاپالىتى توغرىسىدا ئازراق بولسىمۇ چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچى ...(ئالىپ مۇنبىرى ئۇيغۇرچە ئەڭ چوڭ يانفون تورى بولغان بىلەن بۇ توغرىسىدا ھېچ بىرەر تىما باردەك ئەمەس. ئالىپ ئەپەندى خاپا بولۇپ قالماڭ جىمۇ )
يانفوننىڭ دۆلەت مېلى ، سۇ مېلى ۋە سۈپەت كاپالىتى توغرىسىدا ئومومىي چۈشەنچە
ھازىر بازاردىكى يېڭى بولغان يانفونلارنىڭ (ئىككىنچى قول ئەمەس دىمەكچى) دۆلەت مېلى(国行) يەنى بىز دەۋاتقان (خاڭخو)، سۇ مېلى (水货) ، سەپلەپ قوراشتۇرۇلغان يانفون (组装机) ، قايتا يېڭىلانغان يانفون (翻新机) ، ئوخشىتىپ ئىشلەنگەن يانفون (高仿机) قاتارلىق بىر نەچچە تۈرلىرى بار . مەن تۆۋەندە بۇلارغا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتمەكچى .
1. دۆلەت مېلى(国行) يەنى بىز دەۋاتقان (خاڭخو) بولسا ، دۆلىتىمىزدە مۇنتىزىم قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىلغان يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ ، مەيلى دۆلىتىمىزنىڭ ماركىسىدىكى يانفونلارنى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولسۇن ياكى چەت دۆلەت ماركىسىنىڭ دۆلىتىمىزدە ۋاكالەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ھوقوقىنى ئالغان زاۋۇتلار بولسۇن ، بۇ كارخانلار مۇنتىزىم قانۇنلۇق ئىشلەپچىقىرىلغانلا بولسا بۇ يانفونلارنىڭ ھەممىسى بىز دەۋاتقان (خاڭخو) بولىدۇ ، بۇ خىلدىكى يانفونلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەمىلىكەت بويىچە تورلاشقان بىر يىللىق رېمونت قىلىش كاپالىتى ۋە مەلۇم ۋاقىت ئىچىدە مەسىلە كۆرۈلسە ئالماشتۇرۇپ بېرىش قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرى بولىدۇ ۋە دۆلىتىمىزدە كۈچكە ئىگە تالۇن كىسىپ بېرىدۇ ....
2. سۇ مېلى (水货) بۇلسا باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان ، ۋە قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق دۆلىتىمىزگە كىرگۈزۈلگەن (ئاساسلىقى تاموژنا بېجىدىن قاچۇرۇپ ئوغرىلىقچە كىرگۈزۈلگەن) يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ . سۈپىتى جەھەتتە دۆلەت مېلى بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدۇ ، بىراق بۇ يانفونلارنىڭ مەمىلىكەت بويىچە تورلاشقان رېمونت قىلىش كاپالىتى قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرى بولمايدۇ . لىكىن بەزى يانفون سېتىش دۇكانلىرى سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلەرنى ئۆز ئۈسىگە ئالىدۇ . يېقىندىن بۇيان كۆپىگەن قارانىيەت يانفون سودىگەرلىرى پۈتۈنلەي يېڭى سۇ مېلى بىلەن قايتا يېڭىلانغان يانفونلارنى (翻新机) ئارلاشتۇرۇپ سېتىپ كۆپلىگەن ئىستىمالچىلاردا سۇ مېلى دىگەن قايتا يېڭىلانغان يانفون (翻新机) ياكى سۇ مېلىنىڭ سۈپىتى ياخشى ئەمەس دەيدىغان خاتا چۈشەنچىنى پەيدا قىلىپ قويدى . سۇ مېلىنىڭ باھاسى ئادەتتە دۆلەت مېلىنىڭكىدىن ئەرزان بولىدۇ . سۇ مېلىمۇ ئۆز ئىچىدە ياۋرۇپا ئامرىكا نۇسخىسى (欧版) ، شىياڭگاڭ نۇسخىسى (港行) ، ئاسىيا تەيۋەن نۇسخىسى (亚太版) قاتارلىق بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ .
- ياۋرۇپا ئامرىكا نۇسخىسى (欧版) بولسا سۇ مېلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ياۋرۇپا ، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئىشلەنگەن ياكى ئاسىيادىكى كورىيە ، ياپۇنىيە ، تەيۋەن قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەر(تەيۋەن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس قىسىمى ھى ھى
) ياۋرۇپا ، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى دۆلەتلەردە بازارغا سالغان يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ . مەسىلەن : بۇرۇنقى سۇ مېلى نوكىياغا قارايدىغان بولساق بەزىلىرىدە فىللاندىيەدە (نوكىيانىڭ ئەسلى يۇرتى) ، مىكسىكادا ئىشلەنگەن دېگەن خەتلەرنى كۆرىمىز . يەنە بەزى تېلفونلاردا بولسا AT&T ، Verizon ، Sprint ، T-mobile قاتارلىق بەلگىلەرنى كۆرىمىز ...بۇلارنىڭ ھەممىسى بولسا ساپ بولغان ياۋرۇپا ئامرىكا نۇسخىسىدىكى (欧版) يانفونلاردۇر ....بۇ تۈردىكى يانفونلاردا ئادەتتە ئۆزى زاۋۇتتىن چىققان ھالەتتە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە يېزىق بولمايدۇ ، جۇڭگو بازىغا ئېلىپ كىرگەندىن كېيىن سېستىما قاچىلاش ئارقىلىق ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە يېزىقنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ، شۇڭلاشقا بۇ يانفونلارنىڭ قېپى پىچىتى بۇزۇلغان (چوكان) ھالەتتە قولىڭىزغا تىگىدۇ. چۈشەندۈرۈش كىتاپچىسىنىڭ يېزىقى ئىنگىلىزچە يېزىقتا بولىدۇ . يەنە شۇنى بىلىپ قېلىڭكى بەزى تىپتىكى ياۋرۇپا ئامرىكا نۇسخىسىدىكى يانفونلارغا زاۋۇتتىن چىققان ھالىتىدە ئىچىگە كارتا سالغىلى بولمايدۇ . پەقەت نۇمۇر يېزىش ياكى كارتا جازىسى ئۆزگەرتىپ ئورنىتىش (ئەلىۋەتتە يانفون ئىچىنى ئاچىدۇ) قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقلا نۇرىمال ئىشلەتكىلى بولىدۇ ، بۇ نوقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك . - شىياڭگاڭ نۇسخىسىمۇ (港行) سۇ مېلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ياۋرۇپا ، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ، ئاسىيادىكى كورىيە ، ياپۇنىيە ، تەيۋەن قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەر شىياڭگاڭ بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ (شىياڭگاڭ نۇسخىسى دېگەنلىك شىياڭگاڭدا ئىشلىگەن دېگەنلىك ئەمەس) . بۇ تۈردىكى بىرقىسىم يانفونلاردا زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە يېزىق بولىدۇ ، ھەم چۈشەندۈرۈش كىتاپچىسىنىڭ يېزىقىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە يېزىقتا بولىدۇ (ھەممىسىلا بۇنداق ئەمەس ) . بىراق يەنىلا بۇ يانفونلارنىڭ مەمىلىكەت بويىچە تورلاشقان رېمونت قىلىش كاپالىتى قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرى بولمايدۇ .
- ئاسىيا تەيۋەن نۇسخىسى (亚太版) سۇ مېلىنىڭ بىر تۈرى بولۇپ ، ياۋرۇپا ، ئامرىكا قىتئەلىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ، ئاسىيادىكى كورىيە ، ياپۇنىيە قاتارلىق بىرقىسىم دۆلەتلەر مالايسىيە ، سىنگاپور ، فىلىپىن ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا بازارغا سېلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن ، ياكى مۇشۇ جايلاردا ئىشلەنگەن يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ تۈردىكى ھەممە يانفونلاردا زاۋۇتتىن چىقىش ھالىتىدە ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە يېزىق بولىدۇ ، ھەم قاتارلىق شەندۈرۈش كىتاپچىسىنىڭ يېزىقىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇلغان خەنزۇچە يېزىقتا بولىدۇ . بىراق يەنىلا بۇ يانفونلارنىڭ مەمىلىكەت بويىچە تورلاشقان رېمونت قىلىش كاپالىتى قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرى بولمايدۇ .
3. سەپلەپ قوراشتۇرۇلغان يانفون (组装机) بولسا بىر قىسىم كىشىلەر بەزىبىر مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق ، يانفون ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلاردىن يانفوننىڭ ئەسلى زاپچاسلىرىنى (CPU،توك يولى تاختىسى ، ئىكران ، كامىرا ، سىرىتقى قېپى ، كونۇپكا تاختىسى قاتارلىقلار ) سېتىۋېلىپ ، ئۆزى قۇراشتۇرۇپ ياسايدۇ . بۇ يانفونلارنىڭ سۈپىتىگە بىرنىمە دىگىلى بولمايدۇ . زاپچاسلىرى ئەسلى زاۋۇتنىڭ بولغان بىلەن مۇنتىزىم زاۋۇتتا قۇراشتۇرۇلمىغاچقا مۇناسۋەتلىك ئورۇنلاردىن ھېچقانداق تەستىق ، گۇۋاھنامە قاتارلىقلارنى ئالالمايدۇ . بۇ يانفونلارنىڭمۇ ئوخشاشلا مەمىلىكەت بويىچە تورلاشقان رېمونت قىلىش كاپالىتى قاتارلىق سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەتلىرى بولمايدۇ .
4. قايتا يېڭىلانغان يانفون (翻新机) بولسا كونا يانفونلارنى سىرىتقى قېپى ، كونۇپكا تاختىسى خاتارلىقلارنى يېڭىغا ئالماشتۇرۇش ، توك يولى تاختىسى قاتارلىقلارنى خىمىيەلىك ئۇسۇلدا تازىلاش ئارقىلىق يېڭىلانغان يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ . سۈپەت كاپالىتى دىگەنلەرنى بولدى دىمەيلا قوياي .........
5. ئوخشىتىپ ئىشلەنگەن يانفون (高仿机) بولسا مەلۇم بىر يانفون تىپىغا ئۆخشىتىپ ياسالغان يانفونلارنى كۆرسىتىدۇ . بۇ يانفونلارنىڭ ھەممە يېرى ئوخشىتىپ ياسالغان بولىدۇ ، ھېچقانداق بىر زاپچىسى ئەسلى زاۋۇتتى چىقمايدۇ ، CPU ، توك يولى تاختىسى ، ئىكران ، كامىرا ، سىرىتقى قېپى ، كونۇپكا تاختىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى ئوخشىتىپ ياسايدۇ . بىراق يەنىلا ئاساسلىق ئىقتىدارى ، سېستىمىسى قاتارلىقلارنى ئوخشىتىپمۇ ياسىيالمايدۇ . بۇ يانفونلارغا ئىنچىكىلەپ قارىسىلا مانامەن دەپ چېنىپ قالىدۇ .....
ھازىر كۆپرەك ئىشلىتىلىۋاتقان يانفون سېستىمىللىرى : Google نىڭ Android مەشخۇلات سېستىمىسى ، نوكىيانىڭ Symbian مەشخۇلات سېستىمىسى ، مىكرو سوفىتنىڭ WindowsMobile مەشخۇلات سېستىمىسى ، ئالمىنىڭ iOS مەشخۇلات سېستىمىسى ، قارا بۆلجۈرگەننىڭ BlackBerry مەشخۇلات سېستىمىسى ، سەنشىڭ ئۆزى ئاچقان bada مەشخۇلات سېستىمىسى ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە Linux ، Palm ، EPOC قاتارلىق مەشخۇلات سېستىمىللىرىمۇ بار ، ئەڭ مودا بولۇۋاتقىنى يەنىلا Google نىڭ Android مەشخۇلات سېستىمىسى، ئوچۇق كودلۇق ، باھاسى ئەرزان ، ئىقتىدارى يوقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كىلىۋاتىدۇ . ئەڭ موھىمى ئوچۇق كودلۇق بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەن بىزلەرنىڭمۇ ئەڭ ياقتۇرىشىمىزغا ئىرىشتى ، شۇڭا ھازىر ھەممىمىز سېستىما يېڭىلاش ، ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ، ئەپ تەرجىمە قىلىش بىلەن ئاۋارە ...... ئەمدى بۇ سېستىمىلارنى بىر-بىرلەپ چۈشەندۈرگىلى تۇرسام بۇ تىما ئەمەس رومان بولۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ ...بىز ھەممىمىز ئاندىرويىدچىلار بولغاندىكىن ھاجىتى يوق بەلكىم ...
خۇلاسە : يېڭىدىن يانفون سېتىۋالغۇچى تورداشلار چوقۇم ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ، ئىشلىتىش ئورنى قاتارلىقلارنى چىقىش قىلىپ ، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئورۇنلاردىن سېتىۋېلىشىنى ، باھاسى ئەرزانكەن دەپلا ئالدامچىلارغا ئۇچراپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن . ئەڭ ياخشىسى ھەممە نەرسىنىڭ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى ، بەك قىممىتىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بىرنەچچە ئايدىلا باھاسى چۈشۈپ سىزنى داغدا قويىشى ياكى ئۇنىڭدىمۇ ياخشىسى چىققاندا ئاپلا دەپ قېلىشىڭىز مومكىن .....
ئەمدى بىر قىسىم يانفونلارنىڭ IMEI ، MSN ياكى MEID نۇمۇرلىرى ئارقىلىق يانفونىڭىزنىڭ سۈپەت كاپالەت ۋاقتى ، ئاساسلىق ئۇچۇرلىرىنى تەكشۈرگىلى بولىدىغان بىر تور بەتنى قالدۇرۇپ قوياي ، سىز يانفونىڭىزنىڭ IMEI ، MSN ياكى MEID نۇمۇرلىرىدىن خالىغان بىرسى ئارقىلىق (بۇ نۇمۇرلارنى يانفونىڭىزنىڭ باتارىيەسىنى چىقىرىۋەتسىڭىزلا كۆرەلەيسىز)، رېمونت قىلىش كاپالىتىىنىڭ توشۇش ۋاقتى ، سۈپەت كاپالىتىگە ئېگە بولغۇچى دۆلەت ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيسىز ....
خەلقئارا نۇمۇر تەشكىلاتى تورى ، سىز بۇيەردىن IMEI نۇمۇرى ئارقىلىق يانفونىڭىزنىڭ تىپىنى بىلەلەيسىز ، ئەگەرئوخشان بولمىسا ئىچكىرلەپ تەكشۈرۈپ بېقىڭ ، ياكى ئالدانغانلىقىڭىزغا تەن بىرىڭ .
http://www.numberingplans.com/?page=analysis&sub=imeinr
بۇ بولسا جۇڭگو خەۋەرلىشىش ئۇسكىنىللىرى تورغا كىرىشنى باشقۇرۇش تورى تەكشۈرۈش ئادىرىسى :http://www.tenaa.com.cn/(S(wtgxh545kckgohqbalmgm345))/WSFW/LicenceP.aspx
سۇ مېلى motorolaنىڭ تەكشۈرۈش ئادرىسى :http://servicemyphone.motorola.com/iden/support/showUnitSearch.do
يەنە يازسام ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىدىنمۇ ئۇزۇن بولۇپ كىتىدىغان ئوخشايدۇ ، ماشقا مەزمۇنلارنى ئىنكاس ئارقىلىق ئورتاقلىشارمىز ......
مەزمۇندا خاتالىق بولسا ئىنكاس قالدۇرۇپ ، ئەسكەرتىپ قويۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن......
|