- جۇغلانما
- 824
UID17529
تىزىملاتقان2013-5-22
ئاخىرقى قېتىم2015-4-6
توردا252 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 824
- ئاقچا
- 0
|
ئەمدى Android نىڭ 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغان تىلفۇنلىرى توغرىسدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ باقايلى.......زادى قانداق كونكىرىتنى ئارتۇقچىلىغى بار ؟ ئالىپ توردىكى ئۇستازلار\ قىرىنداشلار ،،،بىلگىنىڭلارنى سۆزلەپ بىقىڭلار ؟
بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى iPhone 5s نى ئوتتۇرىغا چىقارغان چاغدا، كۆپلىگەن Android سېستىمىلىق يانفون شىركەتلىرىنىڭ تۇنجى ئىنكاسى بولسا، ئالما ئوتتۇرىغا چىقارغان 64 بىتلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقى يوق دەپ ھىساپلاپ، مەسىخىرە قىلىش بولغان ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا، بۇ شىركەتلەر ئالمىنىڭ كەينىدىن قوغلۇشۇپ بەس-بەستە 64 بىتلىق مەھسۇلاتنى ئوتتۇرىغا چىقارماقتا. بۇلار لىيەنشىياڭ،تىيەنيۈ،خۇاۋېي Vivo ۋە HTC قاتارتلىق شىركەتلەر بولۇپ، بۇ شىركەتلەر نۆۋەتتە زور مىقداردا گاۋتوڭنىڭ شاۋلوڭ 610،614 ۋە 410قاتارلىق 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلەتمەكتە ،شۇنداقلا Android L سېستىمىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە .
‹ئېلېكتىرون ۋاقتى گېزىتى› نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گۇگېل پات ئارىدا ئېلان قىلماقچى بولغان Android L مەشغۇلات سېستىمىسى 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى قوللاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە 64 بىتلىق قاتتىق دېتال زاپچاسلىرىنىڭ دەرىجە ئۆستۈرۈشىگە ماسلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز رولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرىشىغا ياردەم بېرىدىكەن. مەلۇم بىر ئىچكى ئەھۋالدىن خەۋەردار زاتنىڭ ئاشكارىلىشىغا قارىغاندا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ Android L سېستىمىلىق يانفونلارغا سەپلىنىدىغان ئاساسلىق بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئايلىنىدىكەن. ھەرقايسى قاتتىق دېتال شىركەتلىرىمۇ بەس-بەستە زور كۈچ بىلەن بۇ خىل يۇقۇرى دەرىجىلىك قۇرۇلمىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىۋېتىپتۇ.
جۈملىدىن لىئەنشىياڭ،تىيەنيۈ،خۇاۋېي Vivo ۋە HTC قاتارتلىق شىركەتلەرمۇ، نۆۋەتتە زور مىقداردا گاۋتوڭنىڭ شاۋلوڭ 610،614 ۋە 410قاتارلىق 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى سېتىۋېلىپ ئىشلىتىۋېتىپتۇ ،شۇنداقلا Android L سېستىمىسىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئېچىش سۈرئىتىنى تېزلەتمەكتە ئىكەن.
نۆۋەتتە 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ رىقابەت ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق، ھازىر لىەنفاكې،سامسۇڭ قاتارلىق قاتلاملاردىن تەرەققى قىلىپ مال بىلەن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يۈزلەنگەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز، لىئەنفاكېنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆپ ساندىكى جۇڭگو يانفون شىركەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مال تەمىنلىگۈچى زەنجىرىدىنلا بىر تەرەپ قىلغۇچنى سېتىۋاللالايدىكەن. سامساۇڭ شىركىتىمۇ رۇشەنكى ئۆزلىرىنىڭ 64 بىتلىق كۆچمە بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنى تەتقىق قىلىش يۇلىدا ئىزدىنىۋېتىپتۇ، ھەم بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا بىر قىسىم يانفونلىرىدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشلىتىشنى يولغا قويۇپتۇ،كېلەر يىلىدىن باشلاپ باشقا شىركەتلەرگە سېتىپ بېرىشنى يولغا قويىدىكەن.
خۋاۋېي شىركىتىنىڭ ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى خەيسى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلەش شىركىتىمۇ 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەپچىقىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان. بىراق يېقىنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خەيسىنىڭ 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچىسى ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ 2015-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئاندىن ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.
گەرچە گۇگېل شىركىتى نۆۋەتتە Android L مەشغۇلات سېستىمىسىنى رەسمى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما تارقالغان ئەڭ يېڭى خەۋەرلەردىن مەلۇم بولىشىچە ، Android L سېستىمىسى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدار رەسمى ئېلان قىلىنىدىكەن، ھەمدە كېيىنكى ئايدىن باشلاپ داۋاملىق كېڭەيتىلىدىكەن. 64 بىتلىق يانفوننىنڭ بازارغا سېلىنىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈۋاتقان ئىستىمالچىلارمۇ پات ئارىدا كۈتكىنىگە ئېرىشەلەيدىكەن. |
|