|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bengbash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-10-13 16:15
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئەزىز تورداشلار!
ۋىندوۋس 10 نىڭ كۆرۈپ بېقىش نۇسقىسى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، مەن win10 نى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن. بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىش جەريانىدا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى بايقىدىم ۋە بۇ سىستىما ھازىر تېخى سىناق نۇسقا بولغاچقا بەزى يۇمشاق دىتاللارنى ۋاقتىنچە قوللىمايدىغان ئەھۋاللارنى بايقىدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە مېنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى ئائىلە بىخەتەرلىكى ئىقتىدارى.
ئائىلە بىخەتەرلىكى ئىقتىدارى win7 دىمۇ بار ئىدى. لېكىن win10 دا win7 گە قارىغاندا مېنىڭ بايقىشىمچە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ئىقتىدار قوشۇلغان:
بىرى، بالا ئىشلەتكۈچىنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىش ئەھۋالىنى ئائىلە باشلىقىغا دوكىلات قىلىش ئىقتىدارى. ئائىلە باشلىقى كومپيۇتېرنى ئاچقاندا، بالا قايسى دىتاللارنى قانچىلىك ۋاقىت ئىشلەتتى، قايسى توربەتلەرگە قاچان چىقتى، توردىن نېمىلەرنى چۈشۈردى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
يەنە بىرى، تورغا چىقىشىنى چەكلىگىلى ياكى يول قويغان توربەتكە چىقىشقا بولىدىغان قىلىپ تەڭشەشكە بولىدىغان ئىقتىدارى.
قالغىنىنى قىزىقساڭلار ئۆزۈڭلار سىناپ بېقىڭلار.
ئالدىنقى شەرت:
كومپيۇتېردا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ ئىشلەتكۈچى قۇرۇپ، بىرىنى باشقۇرغۇچى، باشقىلىرىنى ئادەتتىكى ئىشلەتكۈچى قىلىپ تەڭشەش كېرەك.
|
|