- جۇغلانما
- 674
UID15875
تىزىملاتقان2013-4-15
ئاخىرقى قېتىم2015-6-5
توردا184 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 674
- ئاقچا
- 0

|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!ئالىپ تورىدىكى قېرىنداشلار،باشقۇرغۇچى ئۇستازلار ھەممىڭلارغا كەمىنىدىن ئوتلۇق سالام!
نەخ گەپكە كەلسەم مەن ئىشلەتكەن تىلفۇنلارنىڭ ئىچىدە مەيلى سېستىما قولايلىقلىرى جەھەتتىن بولسۇن،مەيلى باھا سۇپەت جەھەتتىن بولسۇن ماڭا يارىغىنى تېرىق ئاتالغان مۇشۇ小米بولدى.باشتا1،1s,2,2s,3دىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىشلىتىپ شۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ يارىغىنى2Sc بولغان،يېقىندا تېرىق4نى ئېلان قىلىپ بازارغا سالغاندىن كىيىن توردا سەپلىمىلىرىنى،سىرتقى كۆرىنىشى جەھەتتىن يەنە ئىچىمغا باشقىدىن ئوت سېلىۋەتتى. ئالايدىسەم ئۆزىنىڭ تورىدىن ئېلىشنى بىلەلمەي،ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئالاي دەپ ئويلىشىپ ساخلاپ كەلگەندە بارسام ئۈزىنىڭ تورىدا1999يۈئەن دەپ ئېلان قىلغان تېرىقنى 2799يۈئەن دەيدۇ مۇشۇنداق ئاچچىقىم كىلىپ قايتىپ چىقىپ كەتتىم. قايسى كۈنى بارسام بايراملىق باھاسىنى چۈشۈرۈپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن چىداپلا تىلگىراف بىرلەشمە 3G نۇسقىسىدىن بىرنى2499يۈئەنگە ئېلىپ چىقتىم.تىلفۇننى ئۆيگە ئاپىرىپ بىركېچە ئۇخلىماي چۇقچىلاپ بايقىغانلىرىمنى تەسىراتىمنى ھەرقايسىڭلار بىلەن بىر خەۋەردار قىلاي دەپ ئۇشبۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.
تەسىرات؛
1.تىلفۇننىڭ ياسىلىشى شۇنداق كۆركەم،سىپتا ئىشلىنىپتۇ.(دوسلارنىڭ بىر تېمىسىنى كۆرگگن ئايفون5نى دوراپ ياسىغان دەپ،ھەقىقەتەن ئوخشاشلىقى باركەن.ئەمما كىچىكىمدىن ئاپام ماڭا‹باشقىلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئۈزۈڭگە ئۈلگە قىلىپ دورىساڭ تامامەن بۇلىدۇ.›دەپ قۇلىقىمغا بەك سىڭدۈرىۋەتكەچكىمۇ بۇ يەرلىرىدىن بەك خۇش بولدۇم.)
2.تىلفۇننىڭ سەپلىمىسى بىرقەدەر يۇقىرى ئىكەن.ئىنكاس تېز،ئىچكى ساقلىغۇچ3G،كامېرا ئالدى8مېليون،ئارقى ئاپرات13مېليون پېسىللىق ئىكەن.(ئەمما دوستۇمنىڭ سامسۇڭs5يانفۇنى بىلەن سېلىشتۇرسام ئۇنىڭ ئۇچۇق چىقتى)
3.تىلفۇننىڭ باتارىيەسىگە بۇ يوغان قۇلاقلار قانداق ھۈنەر ئىشلەتتىكى مەن بۇرۇن ئىشلەتكەن تىلفۇنلارنىڭ ھىچقايسى بۇنىڭچىلىك يەتمەيتى،توك قاچىلىنىشى تېز يىتىشى ئۇزۇن ئىكەن.
4.تىزگىنەك قىلىپ ئىشلىتىش ئىقتىدارى بەك ياخشى ئىشلەيدىكەن،ئۈيۈمدىكىTCLماركىلىق تېلۋۇزۇر بىلەن MIDEA ماركىلىق ھاۋا تەڭشىگۈچكە شۇنداق ياخشى تېزگىنەك قىلىپ ئىشلىتىۋاتىمەن.تۇنىتىش شۇنداق ئاددى ھەم قولايلىق ئىكەن.
يىتەرسىزلىكى؛
1.سەل قىززىيدىكەن ئاخشام 天天飞车نى بېسىپ ئىككى سائەت ئويناپتىكەنمەن،بىر ئاز قىززىپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئاستا قۇيۇپ قويدۇم.
2.تىلفۇن بىر قەدەر ئېغىر بىلىندى،بۇرۇن ئىشلەتكەن تىلفۇنلىرىمدىن بىلىنەرلىكلا ئېغىر بىلىندى.
ئالغىلى نەچچە كۈن بولغاچقا بايقىغانلىرىم مۇشۇ كىيىن تېخىمۇ تەپسىلى قىلىپ بىر تېما يوللارمەن ئاللاھ خالىسا!
ئاندىن ئۇستاز لاردىن سورايدىغىنىم 蓝牙HIDدەپ بىر ئىقتىدارى باركەن،بۇ قانداق ئىقتىدار،ئاندىنWIFI Direct
دەپ بىر ئىقتىدارى بار كەن بۇ قانداق ئىقتىدار بىلىدىغانلار بىر چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار.
ئىملادا خاتالىقلاردىن خالى بۇلالمىغان بولسام توغرا چۈشەنگەيسىلەر.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|