|
omak77 يوللىغان ۋاقتى 2014-9-20 19:25
بىزنىڭ مەللىگە قاچانمۇ 4.3 تىلفۇن كىلە
4.3 نى نېمە قىلاتتىڭىز ؟ مېنىڭچە 4.1.2 گەپ يەتمەيدىكەن. بۇنداق دېسەم ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن. مەن نەشرى4.1.2 تىن يۇقىرى خېلى تېلفۇنغا ئۇيغۇرچە تونۇتۇپ باقتىم. ئەمما پەقەت كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، يەنە كېلىپ تۈز خەت نۇسخىسىمۇ ماس كەلمەيدىكەن. ماس كەلگەن تەغدىردىمۇ تۈز خەت نۇسخىسىدىن باشقا ھۆسىنخەت نۇسخىلىرى ماس كېلىشى ناتايىن. ئەمما 4.1.2 گەپ ukij نىڭ خەت نۇسخىلىرىنىڭ ھەممىسى ماس كېلىدۇ. مېنىڭ تېلفۇنىم huawei c8813q. 4.1.2 . خەت نۇسخىلىرىنى خالىغانچە ئالماشتۇرىمەن.
ئۆتكەندە قوشنىمىز بىر خۇاۋېي ئاپتۇ نەشرى 4.4.1 ئىكەن. مەن ئۇ تېلفۇنغا روت ئالدىم ئەمما ئۇيغۇرچە تونۇتالمىدىم. خۇددى تېما ئىگىسى دوستۇمىزدەك ئۇيغۇرچە ئۈندىدار ۋە چ چ نى قاچىلاپ بەرمەكچى بولۇپ يەلەي يامىقىنى قاچىلىساممۇ ئۇمۇ بولمىدى. ئاخىرى شۇنداق ئىشلىتىۋەردى. ئالىدىغان ئادەم بولسا خۇشاللىق بىلەن ساتماقچى. يەنە بىر دوستۇممۇ مۇشۇنىڭدىن ئاپتىكەن ئۇنىڭغا روتمۇ ئالامىدىم. ئاخىرى ئىز پۇلىغا سېتىپ قۇتۇلدى.
مەن يېڭى تېلىفۇن سېتىۋالسام ھەرگىز 4.1.2 دىن يۇقىرى نەشرىنى ئالمايمەن. يەنىلا 4.1.2 نى ئالىمەن.
تېلىفۇن ھەر قانچە ئىلغار بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە چىرايلىق خەت نۇسخىلىرىنى خالىغانچە ئىشلەتكىلى بولمىسا، ئۇيغۇرچە خەتلەر ئۇلاشمىسا، خەتلەر مايماق-سايماق چىقسا ئۇنداق تېلفۇننىڭ ئىلغارلىقى پوققا تەڭ. |
|