ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

ئىزدەش
ئالپ تورى سىزنى قارشى ئالىدۇ، تىزىملىتىپ كىرىپ مەشغۇلات قىلىڭ
ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تىزىملىك
كۆرۈش: 1169|ئىنكاس: 14
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

يانفوننىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

14

تېما

184

يازما

431

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1413
ئاقچا
1
سىنا تورى خەۋىرى، نۇر توى تەرجىمىسى:
يانفون دۇنياغا كەلگىنىگە ئاللىقاچان يېرىم ئەسىر بولۇپ قالدى، بۇ جەرياندا يانفوندىمۇ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، يانفون ئەسلىدىكى زىننەت بۇيۇمىدىن پەيدىن -پەي تەرەققىي قىلىپ ھازىرقى كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشقان، دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تارقالغان ئىستىمال ئېلېكتىرون مەھسۇلاتىغا ئايلاندى. بۈگۈن بىز كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە يانفوننىڭ تەرەققىيات تارىخىغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىنى چۈشۈنۈپ باقايلى.
دۇنيادىكى تۇنجى يانفون
كۆپ ساندىكى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە كەشپىياتلار ئۇرۇش ئۈچۈن مەيدانغا كەلگەن، 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ پىيادە ئەسكەرلىرى ھاۋا مۇداپىئە ئۆڭكۈرىدە ئىشلەتكەن دالا تېلېفونىنى يانفونىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى دېيىشكە بولىدۇ، دالا تېلېفونىنىڭ ئىسمى گەرچە تېلېفون دەپ ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا سىمسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ،  سىگنال قاپلىغان دائىرە ئىچىدە خالىغانچە يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولاتتى. بۇ دالا تېلېفونى ئاساسلىقى ھەربى ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئۈچۈن خىزمەت قىلغان.


ئەڭ دەسلەپكى سىمسىز تېلېفون 40-يىلاردا كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئۇ چاغلاردا  ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەرلىشىش شىركىتى بېل شىركىتىمۇ سىمسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەجرىبە قىلىۋاتقان بولۇپ، 1946 -يىلىغا كەلگەندە بېل تەجرىبىخانىسى تۇنجى كۆچمە خەۋەرلىشىش تېلېفونىنى ياساپ چىقتى. ئەمما ھەجىمى بەك چوڭ بولغانلىقتىن تەتقىقاتچى خادىملار ئۇنى تەجرىبىخانىدىكى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ قويدى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئاستا-ئاستا ئۇنتۇپ كەتتى.
1957 -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ داڭلىق ئېنژېنېرى لىئونىد كۇپلىيانوۋىچ ЛК-1 تىپلىق كۆچمە تېلېفوننى كەشىپ قىلدى. 1958 يىلى ئۇ ئۆزى كەشىپ قىلغان بۇ سىمسىز تېلېفونغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئەسلىدىكى ئۈچ كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى سىمسىز تېلېفوننىڭ ئېغىرلىقىنى 0.5 كىلوگىرامغا چۈشۈردى، ھەجىمىمۇ كىچىكلىتىلىپ ئىككى تاماكا قېپىچىلىك ھالەتكە كەلتۈرۈلدى. شەھەر ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر جايدىن تېلېفون ئۇرغىلى ۋە قوبۇل قىلغىلى بولاتتى. 1960-يىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە كۇپلىيانوۋىچنىڭ بۇ سىمسىز تېلېفونى 200 كىلومېتىر دائىرە ئىچىدە نورمال ئىشلىيەلەيدىغان ھالەتكە كەلدى.
1958-يىلى سوۋېېت ئىتتىپاقى دۇنيا بويىچە تۇنجى يۈرۈش پۈتۈن ئاپتوماتلاشقان كۆچمە خەۋەرلىشىش سېستىمىسى ”ئالتاي“ نى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى. 1959- يىلى ئىقتىدارلىرى مۇكەممەل ”ئالتاي“ سىمسىز خەۋەرلىشىش سېستىمىسى بېريوسېلدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا يەرمەنكىسىدە ئالتۇن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
تۇنجى پۇقرالار ئىشلەتكەن يانفون
1973-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكېنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى نىيۇيوركنىڭ بىر كوچىسىدا بىر نەپەر ئېنژېنېر قولىدا كۆتۈرۈۋالغان تېلېفون بىلەن دۇنيادا تۇنجى بولۇپ پۇقرالار ئىشلىتىدىغان سىمسىز تېلېفوننى ئۇردى، بۇ دۇنيادا تۇنجى قېتىم پۇقرالار ئىشلەتكەن يانفون بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ يانفوننى ئىشلەتكۈچى بولسا موتورولا شىركىتىنىڭ داڭلىق ئېنژېنېرى مارتىن كۇپېر بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ رىقابەتچى شىركىتى ئامېرىكا تېلېگىرامما شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىسىغا تېلېفون قىلدى.
20140919045642484.jpg

100 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىپ، 10 يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق 1983-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى Ameritech شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى بوپ بارنىت ماشىنىسىنى چىكاگو Soldier Field تەنتەربىيە سارىيىنىڭ سىرتىدا توختىتىپ، دۇنيادا تۇنجى سودا خارەكتىرىدىكى يانفوننى ئىشلەتتى. بۇ يانفوننىڭ تىپ نومۇرى DynaTAC 8000X بولۇپ، موتورولا شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، ئېغىرلىقى ئىككى قاداق، سېتىلىش باھاسى 3995 دوللار بولۇپ، ئەينى چاغدىكى ”داگېدا“ دەپ ئاتالغان سىمسىز تېلېفوننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن يانفون
20140919054404729.jpg

1987-يىلى تۇنجى يانفون جۇڭگو بازىرىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ تىپ نومۇرى موتورولا 3200، بۇ يانفوننىڭ سىرتقى شەكلى DynaTAC 8000X تىپلىق يانفونغا ئاساسەن ئوخشايدىغان بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا ناھايتى مودا بولغان «داگېدا» دەپ ئاتالغان يانفوندۇر.
تۇنجى رەڭلىك ئېكرانلىق يانفون
ھازىرقى يانفونلارنىڭ ھەممىسى رەڭلىك ئېكران ئىشلىتىدىغان بولۇپ كەتتى، ھەتتا ئېنىقلىقى 16 مىليون پىكسىلغا بېرىپ يەتتى، بۇنداق رەڭلىك ئېكراننى بۇرۇنقى كىشىلەر بەلكىم تەسەۋۋۇر قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بۇ تەسەۋۋۇرنى رىئاللىققا ئايلاندۇرغىنى دەل ئېرېكسون شىركىتى ئىشلەپچىقارغان تۇنجى رەڭلىك ئېكرانلىق T68 تىپلىق يانفوندۇر.
20140919054512623.jpg

T68 تىپلىق يانفون ئېرېكسون شىركىتى ئىشلەپچىقارغان ئەڭ ئاخىرقى يانفون بولۇپ، ئۆز دەۋرىگە نىسبەتەن ئالىي دەرىجىلىك يانفون ھېساپلىناتتى. بۇ يانفونغا 256 پىكسىللىق ئېكران ئىشلىتىلگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ رەڭسىز ئېكراننىڭ ئورنىنى پەيدىنپەي رەڭلىك ئېكران ئىگىلىدى، بۇ يانفون بىزگە يەنە يانفوننىڭ ئېكرانىنى رەڭلىك قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمەلىيەت ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ بەردى.
تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون
20140919054722470.jpg

1999-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا موتورولا شىركىتى A6188 ناملىق يانفوننى ياساپ چىقتى، بۇ يانفونغا موتورولا شىركىتى تۇنجى بولۇپ ئۆزى تەتقىق قىلىپ چىققان 16MH لىق بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئىشلەتتى. A6188 يانفونى WAP1.1 سىمسىز تورغا چىقىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، PPSM مەشغۇلات سېستىمىسى قاچىلانغان. بۇ يانفون يەنە تۇنجى بارماق سەزگۈچى ئېكران ئىشلىتىلگەن يانفوندۇر، شۇنداقلا يەنە تۇنجى خەنزۇ يېزىقى كىرگۈزۈلگەن يانفوندۇر.
تۇنجى كامېرا سەپلەنگەن يانفون
2000-يىلى 9-ئايدا شارپ شىركىتى بىلەن ياپونىيە كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى J-PHONE ھەمكارلىشىپ 11 مىليون پىكسىللىق كامېرا سەپلەنگەن، J-SH04 نۇسخىلىق يانفوننى ئېلان قىلدى، بۇ يانفون شۇ يىلى 10-ئايدا بازارغا سېلىندى.
20140919054843420.jpg

بىراق دۇنيادىكى تۇنجى سۈرەتكە تارتىش ئىقتىدارىغا ئىگە J-SH04 يانفونى جەمىيەتتە ھېچقانداق داغدۇغا پەيدا قىلالمىغان ئىدى، بۇ بەلكىم شۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ يانفون ئىشلىتىش قارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن، ھېچكىممۇ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، يانفوندا سۈرەتكە تارتىشنىڭ چوڭ دەۋىر ئېقىمىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن.
كەلگۈسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن يانفون

20140919054932841.jpg
2007-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ مەرھۇم باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋىن جوبىس كەلگۈسىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون iPhone نى ئېلان قىلدى، بۇ يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىشى پۈتكۈل يانفون كەسپى ساھەسىنى تەۋرىتىۋەتتى، بىزنىڭ يانفون دىگەن ئاتالغۇغا بولغان چۈشەنچىمىزنىمۇ ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، پۈتكۈل يانفون بازىرىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىۋەتتى، شۇنداقلا يانفوننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا باشقىدىن ئېنىقلىما بەردى.
خۇلاسە:
يانفون زامانىمىز كىشىلىرى ئەڭ كۆپ ئىشلىتىۋاتقان بىر تۈرلۈك ئېلكتىرون مەھسۇلاتى، يانفوننىڭ دۇنياغا كېلىش ۋە تەرەققى قىلىش تارىخى بىزگە يانفون توغرىسىدا يېڭى چۈشەنچە ئاتا قىلدى. بىر ئېلېكتىرون مەھسۇلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يانفوننىڭ يېڭىلىنىشى ۋە ئالمىشىشى ئىنتايىن تېز بولماقتا، تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون دۇنياغا كەلگەندىن تارتىپ يانفون ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتلارغا ئېرىشىپ، بۈگۈنگە كەلگەندە كومپىيوتېردىن قېلىشمايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. يانفوننىڭ ئۈزلۈكسىز، قەدەممۇ-قەدەم تەرەققىي قىلىش جەريانى قەلبىمىزنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالىدۇ. يەنە 50 يىلدىن كېيىن يانفون تەرەققىي قىلىپ قايسى دەرىجىگە بارىدۇ؟ بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز تولىمۇ قىيىن.
مەنبە:نۇر توى تەرجىمىسى

3

تېما

545

يازما

367

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2142
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-9-20 13:29:57 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭدىن كىيىنكى تەرەقىياتلار قانداق بولاپ كىتەكى

0

تېما

257

يازما

323

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1659
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-9-20 13:52:59 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالما ئەمدى iphone7....8....9..لارغا تۇتۇش قىلامۇ ھە....

1

تېما

107

يازما

299

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1025
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-9-20 13:55:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تىمىكەن

8

تېما

262

يازما

564

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1977
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-9-20 15:05:48 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوكىيا قاچان يانفۇن ساھەسىگە كىرگەن بولغىيتى

8

تېما

218

يازما

269

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1118
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-9-20 16:05:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
夏普j-sh04 ما تىلفۇننى تاپقىلى بولاما ؟مەن ئىشلەتسەم بولىتى
ۋېلى زىرەككەك

56

تېما

1478

يازما

1471

تەجرىبە

مۇنبەر ئاقساقىلى

Rank: 6Rank: 6

نادىر
0
جۇغلانما
6913
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-9-20 16:26:11 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇنلارنىڭ يىقىنقى تەرەققىياتى بەك تېز بولۇۋاتىدۇ.

0

تېما

115

يازما

151

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
720
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-9-20 17:03:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفوننىڭ ئۈزلۈكسىز، قەدەممۇ-قەدەم تەرەققىي قىلىش جەريانى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ.

0

تېما

163

يازما

317

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1266
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-9-20 17:18:03 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاكتىپلاش دىگىنى نىمدىگەن گەپ

3

تېما

233

يازما

514

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2285
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-9-20 17:53:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانفۇننى ئىجات قىلغان موتۇرۇللا ۋەيران بولدى.ئەمدى نوۋەت نوكىياغا كەلدى،بۇندىن كىيىن قايسىغا كىلە ھە؟

76

تېما

1828

يازما

433

تەجرىبە

ئالى باشقۇرغۇچى

ئەلتەر ئەپ بازىرى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
6
جۇغلانما
8920
ئاقچا
0

تۆھپە ئوردېنىئىشەنچ ئوردېنى

ۋاقتى: 2014-9-20 23:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ 2000-يىلى ئىشلەپ چىقارغان يانفۇننىڭ كامېراسى 11 مىليونمۇ ياكى 11 تۈمەنمۇ؟
ئەلتەر ئەپ بازىرى  http://www.elter.cc/emarket

0

تېما

178

يازما

143

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
534
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-9-21 12:33:34 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
KIYINQA  MIGIMIZ ARKILIK BAXKURDIGAN TFUN  QIMIDU      YANA    ALDIDIN KARISA  KAYNINI KORGILI BULDIGAN TELFUN QIKIDU XU

6

تېما

255

يازما

112

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Νubia Ζ7 Μini

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
638
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-9-21 19:40:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرەققى قىلىشى بەك تىز  بولۇپ كەتسە دەۋىرگە ماسلىشىپ  بولالمايدىكەن ئادەم .........
تىرىشقاندىلا غەلبە قازانغىلى  بولىدۇ.

0

تېما

12

يازما

29

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
90
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-9-23 17:05:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hak119 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-21 19:40
تەرەققى قىلىشى بەك تىز  بولۇپ كەتسە دەۋىرگە ماسلىشىپ  ب ...

راست دەيسىز جۇمۇ قېرىندىشىم.....
مەن ئەڭ قىززىقىدىغان ئىش دىنىمىز ۋە ئۇيغۇر مەدەنيىتى ت

2

تېما

197

يازما

124

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
600
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-9-23 20:28:13 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
hak119 يوللىغان ۋاقتى  2014-9-20 23:40
تەرەققى قىلىشى بەك تىز  بولۇپ كەتسە دەۋىرگە ماسلىشىپ  ب ...

شۇنداق راس دەيسىز بىزلەمۇ خېلى قوغلىشىپبېقىۋاتىمىز بۇ تەرەققىياتلارنى لىكىن يەنىلا كەينىدە قېلىۋاتىمىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮

ئالپ تور بېتىدە قانۇنغا خىلاپ، سىياسى، دىنىي ، مىللەتلەر ئىتتپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش خاراكتىردىكى ، سېرىق، شەھۋانىي مەزمۇندىكى يازمىلار، ئۈن-سىن، رەسىملەر چەكلىندۇ

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

alip uyghur it web site |

Powered by Discuz! X3.1

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش