- جۇغلانما
- 73
UID45341
تىزىملاتقان2014-8-10
ئاخىرقى قېتىم2015-1-16
توردا7 سائەت
تىرىشچان ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 73
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، سىلەرگە سالامەتلىك ھەم ئۇتۇق تىلەش بىلەن بىرگە بۇگۈنكى دىتال تونۇشتۇرۇشنى باشلاپ كىتەي.
بۇگۈن تازىلاش دىتالى PrivacyEraser (شەخسى ئۇچۇر ئۆچۇرگۈچى) بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.
Privacy Eraser بۇلسا ئىنتىرنىت تارىخى خاتىرسى ھەم كومپيوتىر پائالىيەت خاتىرسىنى ئۆچۇردىغان يۇمشاق دېتال بولۇپ، شۇ ئارقىلىق سىزنىڭ ئىنتىرنىت مەخپىيتىڭىزنى ساقلايدۇ. بۇ دىتالنىڭ مەشقۇلاتى بەك ئاددى بولۇپ، مائوسنى بىر -ئىككى چىكىش ئارقىلىقلا تور كەزگۈچ بوففېرى، تارىخى خاتىرسى، پىرەنىكى، زىيارەت قىلغان ياكى چەككەن ئۇلىنىش، ئاپتۇماتىك جەدۋەل تولدۇرۇش سانلىق مەلۇماتى، ساقلانغان شىفىرلار، index ھۆججىتى، شۇنداقلا windows نىڭ ئالماشتۇرش ھۆججختى، ۋاقىتلىق ھۆججتى، ئىجرا خاتىرسى، ئىزدەش خاتىرسى، ئېچىش-ساقلاش خاتىرسى قاتارلىقلارنى ئۆچۇرۇپ تاشلىيالايدۇ. ئۇندىن باشقا 160 تىن ئارتۇق قىستۇرمىسى بولۇپ، بۇ زور كۆپ قىسىم ئاساسلىق پىروگرامما، مەسىلەن، ACDSee,Acrobat, Office لارنى قوللايدۇ. بۇ دىتال ئامرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە مىنستىرلىكىنىڭ DOD 5220.22-M ۋە NSA ئۆچۇرۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، PrivacyEraser ئارقىلىق ئۆچۇرۇلگەن ھۆججەت مەڭگۈ يوقىلىدۇ، ھەرگىز ئەسلىگە كەلمەيدۇ.
دىتالنىڭ چۇشۇرۇش ئادرسى: Privacy Eraser Pro.rar
ئىشلىتىلىشى:
بۇ دىتال يىشىللاشتۇرۇلغان دىتال بولۇپ، پىرىستىن يشىپلا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئورۇنلاشتۇرش بىھاجەت، پەقەت بىرىنچى قېتىم قوزغاتقاندا، تىزىملاش نومۇرىنى كىرگۈزىۋەتسەكلە بولدۇ. يەنى، پىرىستىن يەشكەندىن كىيىن، ھۆججەت قىسقۇچىدىكى PrivacyEraser.exe ئىجرا ھۆججىتىنى قوش چەكسەك، دىتال قوزغىلىپ، تىزىملىتىش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئۇنىڭدا "سېتىۋالىمەن، تىزىملاش نومۇرى كىرگۈزۇش، سىناق ئىشلىتىش" قاتارلىق تاللاشلار بولۇپ. بىز Registration دىگەن كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق تىزىملاشنى تاماملايمىز، لازىم بولدىغان "ئابونت نامى، رەت نومۇرى، تىزىملاش نومۇرى" (Name,serial,Registration) قاتارلىقلار پىرىستىن يەشكەندىكى ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدىكى sn.txt ھۆججىتىنىڭ ئىچىدە بار.
دىتالنىڭ قوزغالغندىكى ھالىتى:
تىز تازلاشتىن ئاۋۋال، ئالدىنقى ئۇچ تىزىملىك ( يەنى يۇقارقى رەسىمدىكى 2.3.4) تىكى بارلىق تاللاش تۇرلىرىنى تاللاپ قويىمىز. تۆۋەندىكىدەك:
يۇقارقى تاللاشلارنى تاللاپ قويغاندىن كيىن ئاساسى كۆزنەككە قايتىپ "تىز تازلاش" بۇيرۇقى ئارقىلق ئۇچۇرلارغا تازىلاش ئىلىپ بارساق بولىدۇ.
يۇقارقىسى بىز ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان بىر ئۇسسۇل. تۆۋەندىكىسى يەنە بىر كۆپ ئىشلىتىدىغىنىمىز دىسكا تازىلاش بولۇپ، بۇ ئاساسلىقى دىسكىمىزنىڭ بىكار بوشلۇقىنى تازىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بىز بىر ھۆججەتنى دىسكىمىزدا ساقلاپ، كىيىن ۋىندوۋس ئارقىلىق ئۆچۇرىۋەتسەك، ئادەتتە ئەسلىگە كەلتۇرۇش دىتال-ئۇسكىنىلەردىن پايدىلنىپ تۇلۇق ياكى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۇرگىلى بولىدۇ، بۇ دىتالنىڭ دىسكا تازىلاش ئىقتىدارى دەل شۇ ئەسلىگە كەلتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. دىتالنىڭ چۇشەندۇرىشىدە، "دىسكا تازلاش بۇيرۇقى بىلەن دىسكىڭىزنىڭ بىكار بوشلۇقىنى تازلىسىڭىز، سىزنىڭ دىسكىڭىزنىڭ بىكار بوشلۇقى خۇددى يېڭى دىسكا بوشلۇقىغا ئوخشاش ھالەتتە تازلىنىدۇ" دەپ ماختاپتۇ. مەشقۇلاتى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئانچە ئىشلىتىپ كەتمەيمىز، دوسلار خالىسا سىناپ باقسا بولىدۇ.
دىققەت: بۇ دىتالنى ئىشلىتىشتىن ئاۋۋال، ئۆزلىگىدىن تولدۇرلىدىغان شىفىر، جەدۋەل ئۇچۇرلىرىنى بىر قۇر ئىسڭىزگە ئىلىۋېلىڭ، بولمىسا ئۆچۇرۇلگەندىن كىيىن تاپالماي، مىنى تىللاپ يۇرسىڭىز ، ماڭا ئۇۋال بولىدۇ.
خوش ئامان بولۇڭلاش، كىيىن كۆرىشەيلى.
رىسىمنىڭ چۆڭلىكى 500kb دىن چۆڭراق تەڭشەپ قۇيساڭلا بولغۈدەك..
رەسىملەرنى ئەسلى مەنبەسەدىن كۈرۈڭ :مەرھەمەت
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|