ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1046|ئىنكاس: 23
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

IT شەخسلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىھالى توپلىنىدۇ

8

تېما

18

يازما

87

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
240
ئاقچا
0
    ئالدىنقى كۈنى «كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ يېڭى سانىنى تەھرىرلەپ ئولتۇرۇپ، مەلۇم ماقالىدىكى IT شەخسىنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە ئىشخانىدىكىلەر بىلەن تالىشىپ قالدۇق. ماتېرىياللارغا قارىساق، بىر ئادەمنىڭ تەرجىمىھالى بىر نەچچە خىل ئىكەن. بۇ ئىشتىن بىز قايمۇققان يەردە IT كەسپىنى كۆپ چۈشەنمەيدىغان ئاۋامنىڭ تېخىمۇ قايمۇقىدىغانلىقى ئېنىق.
    ئاقىۋەتتە، ئۆزىمىزدىكى IT شەخسلىرىنىڭ تەرجىمىھالىنى توپلاپ، ژۇرنالنىڭ كېيىنكى سانلىرىدا 15-20 بەت قىلىپ، تەپسىلىي تونۇشتۇرۇش قارارىغا كەلدۇق. دېمىسىمۇ، ژۇرنىلىمىز IT ژۇرنىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن IT شەخسلىرىنى تونۇشتۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار، ئەلۋەتتە.
    بۇ ئارقىلىق IT شەخسلىرىنىڭ ئۆلچەملىك تەرجىمىھالى بارلىققا كېلىدىكەن. بۇنى ھەرقايسى گېزىت-ژۇرنال، رادىيو، تېلېۋىزىيە، تور قاتارلىق تاراتقۇلار ئىشلەتسىمۇ قولاي بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا IT قوشۇنىنىڭ ئەھۋالى نامايان قىلىنىپ، جامائەتچىلىكنىڭ بۇ كەسىپكە بولغان تونۇشى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدىكەن.
    شۇڭا، ھازىرغا قەدەر ژۇرنالدا تونۇشتۇرۇلغان بولسۇن ياكى تونۇشتۇرۇلمىغان بولسۇن، كومپيۇتېر، تور، يان تېلېفون قاتارلىق ساھەلەردە قاتتىق دېتال، يۇمشاق دېتال، ئەپ ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئېچىۋاتقان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئەڭ يېڭى تەرجىمىھالىنى توپلاپ، ژۇرنالنىڭ كېيىن سانلىرىدىن باشلاپ «ئۇيغۇر IT مۇتەخەسسىسلىرى» دېگەندەك نامدا ئۇلانما ماقالە ئېلان قىلىنماقچى.
    مۇمكىن بولسا، تەرجىمىھالنى شۇ كىشىنىڭ ئۆزى تەييارلىسا، ئەڭ يېڭى ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ.
    مەن تۆۋەندە ئىسمىنى بىر نەچچە شىركەت ۋە كىشىنىڭ ئىسمىنى ئاتايمەن. مۇمكىن بولسا، ماڭا ماتېرىيالنى تەلەپ بويىچە، ۋاقتىدا يوللاپ بەرگەن بولساڭلار.
    مەن ئۇنتۇپ قالغان ياكى تونۇماسلىق سەۋەبىدىن ئىسمى چۈشۈپ قالغان شىركەت ياكى شەخسلەر بولسا، تونۇيدىغانلار بۇ ئۇچۇرنى يەتكۈزۈپ، بۇ خىزمىتىمىزگە ماسلىشىپ بەرسە.

    ئالىم ئەھەت (ئۇيغۇرسوفت شىركىتى)
    پەخىردىن قارلۇق (قارلۇق شىركىتى)
    ئەخمەتجان نورۇز (مۇئەللىم شىركىتى)
    ئابدۇللا ئېرپان (ئېرپان شىركىتى)
    نىجات نەجمىدىن (باس-باس تورى)
    غەيرەت قادىر (سەنئەت ئىنستىتۇتى)
    ئابلەت ئىسمايىل (يەلتاپان شىركىتى)
    نىزامىدىن ۋاھاپ (ئۇلىنىش شىركىتى)
    تۇرسۇن قۇربان (ئالماس شىركىتى)
    مۇھەممەد ياسىن (بىلكان شىركىتى)
    توختى سۇلايمان (ئىزدىنىش تورى)
    ئابابەكرى مۇختار (مىسرانىم تورى)
    ئەكبەرجان ئەسەد (باغداش شىركىتى)
    ئەمەتجان ئىبراھىم (قۇتلان شىركىتى)
    ئابدۇخېلىل ئوسمان (كۆككەپتەر)
    ئەنۋەر (ئالىپ تورى)
    بىلقۇت شىركىتى قۇرغۇچىسى
    ئالما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبى قۇرغۇچىسى
    ئالىم كېرەم (ئۆتكۈر شىركىتى)
    ئالىم بوياق (ئۆتكۈر شىركىتى)
    ئەبەيدۇللا (نۇرقۇت ئەترىتى)
    ...

    ژۇرنالغا ئىشلەتكۈدەك بىر-ئىككى پارچە سۈرەت، تەرجىمىھال (ھەجىمىگە چەك يوق) ۋە ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى (ئېلخەت، يان تېلېفون نومۇرى) تەمىنلەنسە بولىدۇ.
    ئەسكەرتىش: ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرى پەقەت بىزگە يوللانغان ئېلخەتتە ئاشكارىلانسا بولىدۇ. توردا ئاشكارىلاش ھاجەتسىز.
    تەرجىمىھال ug.pclife@live.cn غا يوللانسا بولىدۇ.
    ئەگەر تېلېفوندا ئالاقىلىشىش زۆرۈر بولسا، ug.pclife@live.cn ئارقىلىق، مېنىڭ نومۇرۇمنى سورىسىڭىز بولىدۇ.


ھۆرمەت بىلەن: ئەمەتجان رۇسۇل
«كومپيۇتېر ۋە تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى
«كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى» چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى

2014-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى


    مەنبەسى: http://bbs.xjcfan.com/thread-4128-1-1.html

8

تېما

18

يازما

87

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
240
ئاقچا
0
uydata  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-9-4 19:24:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىھال يازغۇچىلارغا پايدىلىنىش ئۈچۈن، تۆۋەندە ئالىم ئەھەتنىڭ تەرجىمىھالى بېرىلدى.

«ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئالىم ئەھەت

   ئالىم ئەھەت 1974-يىلى شايار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1996-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا فاكۇلتېتى ھېسابلاش ماتېماتىكىسى كەسپىنى پۈتتۈرگەن. «ئۇيغۇرسوفت» كومپيۇتېر شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ماتېماتىكا ۋە سىستېما پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، لېكتور. «يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشى» كەسپىدە ماگىستىر ئۇنۋانىغا ئىگە.
   ئالىم ئەھەت 17 يېشىدىن باشلاپلا كومپيۇتېر پىروگراممىلىرىنى يېزىشقا باشلىغان بولۇپ، 20 يىلدىن ئارتۇق يۇمشاق دېتال لايىھەلەش تەجرىبىسىگە ئىگە. ++C/C  ۋە Microsoft .NET پىروگرامما لايىھەلەش تىللىرىنى پۇختا بىلىدۇ.
   ئۇ 1998-يىلى 6-ئايدا «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتىنى قۇرغان.
   ئالىم ئەھەت باشچىلىقىدىكى «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى ھازىرغا قەدەر «ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ»، «ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى»، «ئۇيغۇرسوفت لۇغىتى»، «ئايرودۇرۇم»، «لوقمان يۈك-تاق باشقۇرۇش» سىستېمىسى، رادىيو ئىستانسىسى ئۈچۈن «ماقالە» سىستېمىسى، بانكىلار ئۈچۈن «پۇل ئامانەت، ھېسابات ئاغدۇرۇش، روزغارلىق باشقۇرۇش سىستېمىسى» قاتارلىق يۇمشاق دېتال ۋە سىستېمىلارنى تاماملىغان.
   ئۇ Microsoft شىركىتىنى قايىل قىلىپ، Windows 8 قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى ئــۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان «تەرجىمە ئۇسلۇبى يېتەكچىسى»، Microsoft مەھسۇلاتلىرىدىكى ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە تاماملىغان، ئۇ ياردەمچىلىرى بىلەن بىرلىكتە Windows 8 نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى، مۇلازىمەت تىپىدىكى مەھسۇلاتلار (Outlook.com ، SkyDrive ، كالېندار...) ۋە باشقا 20 دىن ئــارتۇق ئەپنى ئۇيغۇرچە يەرلىكلەشتۈرگەن. بۇ مەھسۇلاتلار ئامېرىكا Microsoft شىركىتى ئورگان تەرەپتىن ئارقىمۇ-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. ئۇ يەنە ئۇيغۇرسوفت مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاش، Microsoft مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق يەرلىكلەشتۈرۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ.
   ئۇ 2008-يىلى 11-ئايدا «ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتى»، «سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى»، «مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى» قاتارلىق ئورۇنلار تەرىپىدىن تۆتىنچى نۆۋەتلىك «جۇڭگو يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى 10 مۇنەۋۋەر شەخس»نىڭ بىرى بولۇپ تەقدىرلەنگەن.

2

تېما

37

يازما

160

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
450
ئاقچا
0
ئىزدەن3886 ۋاقتى: 2014-9-4 20:33:56 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىھال يىزىشمۇ خىلىلا  مۇرەككەپ،ئورۇنداش تەس ۋەزىپىكەن ھە!

24

تېما

777

يازما

766

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3163
ئاقچا
1
ilterish ۋاقتى: 2014-9-4 22:39:20 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى باشلىنىش …!

بولسا ھەممەيلەن  ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكىگە يوللىسا ئۈنۈمى ياخشىراق بۇلاتتى …

43

تېما

616

يازما

880

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3812
ئاقچا
5
boptula ۋاقتى: 2014-9-5 00:21:09 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  ياخشى ئىشكەن
مەن بىر ئالاھىدە شەخىسنى دەي
مۇختەر روزى مۇئەللىم

20

تېما

263

يازما

258

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1150
ئاقچا
0
QQ
begmurad ۋاقتى: 2014-9-5 13:20:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غەيرەت تۇختى  كەنجى چۈشۈپ قاپتۇ. ئۇندىن باشقا نۇرغۇن نامسىز قېرىنداشلېرىمىزمۇ بار.

7

تېما

282

يازما

238

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1166
ئاقچا
0
QQ
wolkan9901 ۋاقتى: 2014-9-5 13:21:12 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   wolkan9901 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-9-5 13:54  

شۇنداق مۇختەر رۇزى مۇئەللىمنىمۇ يېزىڭلار

1

تېما

99

يازما

276

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1139
ئاقچا
0
mungdax530 ۋاقتى: 2014-9-5 13:45:52 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇمۇ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ

0

تېما

21

يازما

159

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
522
ئاقچا
0
Imac ۋاقتى: 2014-9-5 20:02:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكۈر ئەركىننىڭ تەرجىمھالىنى بەيدۇدىن ئىزدەپ تاپتىم، خەنزۇچىكەن لېكىن بەك تەپسلىي يېزىلماپتۇ، تەرجىمە قىلىۋېتەي دېسەم ھازىر ئالدىراش بولۇپ قالغاچ ۋاقىت يار بەرمىدى، شۇڭا پايدىلىنارسىز....
http://baike.baidu.com/view/10679897.htm?fr=aladdin

0

تېما

106

يازما

173

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
527
ئاقچا
0
15001544754 ۋاقتى: 2014-9-6 17:10:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاييەي

0

تېما

106

يازما

173

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
527
ئاقچا
0
15001544754 ۋاقتى: 2014-9-6 17:12:33 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەتىخى ئۇقمايمىزكەندە

58

تېما

1034

يازما

1145

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4493
ئاقچا
32

تۆھپە ئوردېنى

QQ
bahit8 ۋاقتى: 2014-9-7 22:48:58 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئاخىرى بۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى.
‏مەن بىلدىغىنىمچە سۆزلەي!
‏ئىزدە تورى
‏مەھسۇلاتى (چىچەن كىرگۈزگۈچ)

58

تېما

1034

يازما

1145

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4493
ئاقچا
32

تۆھپە ئوردېنى

QQ
bahit8 ۋاقتى: 2014-9-7 22:49:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئاخىرى بۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى.
‏مەن بىلدىغىنىمچە سۆزلەي!
‏ئىزدە تورى
‏مەھسۇلاتى (چىچەن كىرگۈزگۈچ)

58

تېما

1034

يازما

1145

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4493
ئاقچا
32

تۆھپە ئوردېنى

QQ
bahit8 ۋاقتى: 2014-9-7 22:49:05 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئاخىرى بۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى.
‏مەن بىلدىغىنىمچە سۆزلەي!
‏ئىزدە تورى
‏مەھسۇلاتى (چىچەن كىرگۈزگۈچ)

58

تېما

1034

يازما

1145

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

باشلىق

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

نادىر
1
جۇغلانما
4493
ئاقچا
32

تۆھپە ئوردېنى

QQ
bahit8 ۋاقتى: 2014-9-7 22:49:06 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‏ئاخىرى بۇمۇ ئەمەلگە ئاشتى.
‏مەن بىلدىغىنىمچە سۆزلەي!
‏ئىزدە تورى
‏مەھسۇلاتى (چىچەن كىرگۈزگۈچ)

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش