ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىردانلار؛
8- ئاينىڭ 29- كۇنى MIUI3 سىناق نەشىرىنى قاچىلاپلا تىلفۇن قايتا قوزغىلىدىغان كىسەل بوپ قىلىپ ئاخىرى يانفۇنغا ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق زاۋۇت رومنى يىزىپ ساقايتىۋالدىم. مەن ھازىر ھەل قىلىش جەريانىدىكى تەجىربىلىرىمىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
小米 يانفۇنلىرىغا ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق سىستىما يىڭىلاش ئۇسۇلى
小米 يانفۇنلىرىغا ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق سىستىما يىزىش شارائىتى:
1. تىلفۇننىڭ قوزغاتقۇچ 驱动 پىرۇگىراممىسىنى قاچىلايسىز.
چۇشۇرۇش ئورنى
قاچىلاش جەريانى قىسقارتىلدى؛
2. سىستىما يىزىش قۇرالىنى قاچىلايسىز؛
بىۋاستە چۇشۇرۇش ئورنى
قاچىلاش جەريانىدا تۆۋەندىكىدەك مەشغۇلات قىلىڭ؛

3. تىلفۇنىڭىزغا لازىملىق سىم بىلەن يازىدىغان رومنى چۇشۇرىسىز؛

روم چۇشۇرۇش ئورنى
يۇقارقى تەلەپلەر ئورۇنلانغان بولسا سىستىما يىڭىلاشنى باشلايلى؛
يانفۇنلىرىغا ئۇچۇر سىمى ئارقىلىق سىستىما يىزىش قەدەم باسقۇچلىرى
باياتىن چۇشۇرگەن رومنى يىشىڭ ( رومنى دەسلەپ چۇشۇرگەندە TGZ ھالەتتە چۇشىدۇ، ئۇنى پىرىسلاش دىتاللىرى ئارقىلىق خالىغان ئورۇنغا يىشىۋالسىڭىز بولىدۇ)
1. يانفۇننى سىستىما يىزىش FastBoot ھالىتىگە كەلتۇرۇڭ؛
يەنى ؛ يانفۇننى تاقاپ، توك مەنبە كونۇپكىسى بىلەن ئاۋازنى تۆۋەنلىتىش كونۇپكىسىنى تەڭ بىسىپ تۇرۇڭ.

بۇ ھالەتكە كەلگەندە كونۇپكىلارنى قويىۋىتىپ يانفۇننى كومپيۇتىر بىلەن ئۇلاڭ.
2.سىستىما يىزىش قۇرالى MiFlash نى قوزغۇتۇڭ.


3.دىتال قوزغالغاندىن كىيىن 刷新 كونۇپكىسىنى بىسىپ ، دىتال بىلەن يانفۇننى ئۇلاڭ(يۇقارقى رەسىمدىكى ئۇلانمىغان ھالەت) ، ئەگەر يانفۇن دىتال بىلەن نۇرمال ئۇلانغان بولسا ، ئاستىدىكى كۆزنەكتە يانفۇنىڭىزنىڭ ID كۆرۇنىدۇ، رەسىم تۇتۇشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن)
4. 浏览 كۇنۇپكىسىنى بىسىپ باياتىن يەشكەن روم مۇندەرىجىسىنى كۆرسۇتۇپ بىرىڭ؛

5. 刷机 كونۇپكىسىنى بىسىپ سىستىما يىزىشنى باشلاڭ؛


يۇقارقى رەسىمدىكىدەك ئۇچۇر چىقىپ يانفۇن قايتا قوزغالسا مۇبارەك بولسۇن تىلفۇنىڭىز ساقايدى؛
ئەگەر ئۇنداق بولمىسا يەنە ئازراق ئاۋارىچىلىق بار؛
7. دىتال بىلەن يانفۇن ئۇلانغان بولسىمۇ ئازراقمۇ ئۇچۇر يازالماي خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالسا 浏览 كونۇپكىسىنىڭ يىنىدىكى
قارا ئۇچبۇلۇڭ نى بىسىپ ← 高级设置 غا كىرىڭ.

ئاندىن رەسىمدىكى ئورۇندىن روم مۇندەرىجىسىدىكى flash_all_except_storage.bat ياكى flash_all_except_data_storage.bat ھۆججىتىنى كۆرسىتىپ بىرىپ قايتا 刷新 قىلىۋەتكەندىن كىيىن 刷机 كونۇپكىسىنى بىسىپ مەشغۇلاتنى داۋاملاشتۇرۇڭ.
ئەگەر يەنە باشقا خاتالىقلار چىقىۋالسا خاتالىق نۇمىرىغا ئاساسەن بەيدۇدىن ئىزدەپ بىقىڭ؛
ئەسكەرتىش:
سىم بىلەن يازىدىغان بەزى روملار يانفۇننىڭ سىغىم كارتىسىدىكى ئۇچۇرلاردىن باشلاپ ھەممىنى يىڭىلىۋىتىدۇ، ھەممىسى ئەمەس، دىققەت قىلىڭ؛

سىزگە ئامەت تىلەيمەن؛
|