|
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گۇگول Chromebook قاتارلىق تۆۋەن باھالىق رىقابەتچىلىرىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن، مىكروسوفت تۆۋەن باھالىق كومپيۇتېر ۋە تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېرنىڭ Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھوقۇق بېرىش باھاسىنى %70 تۆۋەنلىتىدىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردا كىشىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، چۈشۈرۈلگەندىن كېيىنكى باھا سىياسىتىگە ئاساسەن، ئەگەر تېرمىنال ئەسلىھەلىرىنىڭ پارچە سېتىلىش باھاسى 250 ئامېرىكا دوللىرىدىن تۆۋەن بولۇپ قالسا، مۇناسىپ Windows 8.1 مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ھوقۇق بېرىش ھەققىمۇ ئەسلىدىكى 50 ئامېرىكا دوللىرىدىن 15 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىتىلىدىكەن؛ مەزكۇر سىياسەت پەقەتلا پارچە سېتىلىش باھاسىغا چەكلىمە قويغان بولۇپ، ئەسىلھەنىڭ ئۆلچىمى ۋە تىپىغا نىسبەتەن ھېچقانداق بەلگىلىمە قويمىغان.
ئالما شىركىتى بىلەن گۇگولنىڭ كەسكىن رىقابىتى مىكروسوفت ئەسلىھە ۋە ھوقۇق بېرىش تارماقلىرىنىڭ ئالدىنقى پەسىللىك تىجارەت كىرىمىنى تارايتىۋەتكەن، بىراق بارلىق كومپيۇتېر ساھەسى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يىللىق تۆۋەنلەشنى باشتىن كەچۈرگەن.
ئىقتىساد رىقابىتى ئارقىلىق كومپيۇتېر شىركەتلىرىنىڭ ئەرزان باھالىق تىپلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىنى ئىلھاملاندۇرۇش ئارقىلىق مىكروسوفتنىڭ 80 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر بازىرىدىكى ئۈلۈشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىگە ياردەم بەرگىلى بولىدۇ ھەمدە Chromebook نىڭ رىقابىتىگە قارشى تۇرغىلى بولىدۇ.
مىكروسوفت ئەمدىلا Satya Nadella نى CEO لۇققا يېڭىدىن تەيىنلىگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن يېڭى ئەسلىھەلەرنىڭ ياسىلىش ۋە ئوتتۇرىغا چىقىرىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشكە تەييارلىق قىلغان. بىراق مىكروسوفت ئەرزان باھالىق ئەسلىھەلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىىشنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەزمە ئېكراننى قوللىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق.
مىكروسوفتنىڭ باياناتچىسى بۇنىڭغا باھا بېرىشىنى رەت قىلغان.
مىكروسوفت 2-ئاينىڭ باشلىرىدا، Windows 8 نىڭ 2012-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان 200 مىليوندىن ئارتۇق سېتىلغانلىقىنى، ئومۇملىشىش سۈرئىتىنىڭ ئىلگىرىكى Windows 7 دىن ئاستا ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
گەرچە ئادەتتىكى Windows نىڭ ھوقۇق بېرىش باھاسى 50 ئامېرىكا دوللىرى بولسىمۇ، بىراق مىكروسوفتنىڭ بىر قىسىم چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېر شىركەتلىرىگە مەبلەغ بىلەن تەمىنلشىىنى كۆزدە تۇتقانلىقتىن، ئەمەلىيەتتىكى باھاسى 30 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئېتىبار قىلىنغان مەھسۇلاتلار بىرلا ۋاقىتتا مىكروسوفتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمەيدىكەن.
ئامېرىكا بازار تەتقىقات شىركىتى IDC نىڭ مۆلچەرىگە ئاساسلانغاندا، تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننىڭ جەلىب قىلىش كۈچى بارغانسېرى ئاشقانلىقتىن، 2013-يىلى پۈتۈن يەر شارىدىكى كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارى %10 لىك تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتكە چىققان، بۇ يىل ئۇدا تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
تەكشى ئېكرانلىق كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارى 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن %16 لىك ئېشىشى نسىبىتىنى ساقلايدىكەن، بىراق مەزكۇر بازار نۆۋەتتە ئالما ۋە گۇگول تەرىپدىىن يېتەكچىلىك قىلىنىۋاتقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ بىرلەشكەندىكى ئۈلۈشى %95 كە يەتكەن.
|
|