|
ئەڭ يېڭى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالما شىركىتىنىڭ كىيىنكى ئەۋلاد يانفونى iPhone 6 گە NFC ئىقتىدارى قوشۇلىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، @GeekBar ناملىق مىكروبىلوگ ئابونتىنىڭ ئېيتىشىچە، iPhone 6 گە كۇۋالكوم شىركىتىنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئاساس بەلباغلىق تۈرىدىكى MDM9625 ئۆزەكچىسى ئىشلىتىلىدىكەن، شۇنداقلاPM8019 تىپلىق توك مەنبەسىنى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسى ئورنىتىلىدىكەن، بۇ خىل ئۆزەكچە FDD LTE ، TDD LTE ۋە LTE Cat.4 قاتارلىق تور شەكىللىرىنى بىمالال قوللايدىغان بولۇپ، چۈشۈرۈش سۈرئىتى 150Mbps گە يېتەلەيدىكەن، بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچ ھازىرقى ئەڭ ئىلغار تېخنىكا ئۆلچىمى بولغان 28nm ھۈنەر-سەنئەت ئاساسىدا ياسالغان ئىكەن.
يەنە قىسمەن ئۇچۇر تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىدىكى iPhone 6 يانفونى دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغاندا LTE 4G تورىنى قوللاش ئىقتىدارى چەكلىنىدىكەن، بىراق، تور قۇلۇپلانمايدىكەن، بۇنداق بولغاندا، بۇ يانفوننىڭ تېلگىراف نۇسخىسى كەلگۈسىدە ئۈچ خىل تورنى تەڭ قوللاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدىكەن.
بۇندىن باشقا، ھەممىباب نۇسخىدىكى iPhone 6 يانفونى بىرلەشمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى ۋە كۆچمە خەۋەرلىشىش نۇسخىسى دەپ ئايرىلمايدىكەن، ئۇ قوش ئۆلچەمدىكى LTE تورىنى قوللايدىغان بولۇپ، ئورتاق ھالدا 4G تورى نۇسخىسى دەپ ئاتىلىدىكەن، بۇ تەرىپى ئاڭلىماققا ناھايىتى قالتىس ئىكەن!
بۇندىن ئىلگىرى جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئىپادە بىلدۈرۈپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە ئېلان قىلىنغان iPhone 6 نى جۇڭگو بازىرىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان. بىراق، يۇقارقى ئۇچۇر زادى راستمۇ-يالغان بۇنى پەقەت ۋاقتى كەلگەندە ئاندىن بىلگىلى بولىدۇ |
|