- جۇغلانما
- 786
UID24288
تىزىملاتقان2013-10-2
ئاخىرقى قېتىم2015-3-7
توردا284 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 786
- ئاقچا
- 11
|
مىكروسوفت ھەر خىل نۇسخىسىدا ئىشلىتىدىغان ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىدىغان ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى IE تور كۆرگۈچىلىرىدىن باشقا IE نۇسخىسىغا تېخنىكا قوللاش ۋە بىخەتەرلىك يېڭىلىشىنى قوللاشنى توختىتىدۇ

تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 8-ئاۋغۇست خەۋىرى: مىكروسوفت 8-ئاينىڭ 7-كۈنى جاكارلىشىچە، بىر قىسىم نىسبەتەن كونا نۇسخىدىكى IE تور كۆرگۈچىنى قوللاشنى توختىتىدىكەن، بۇ ئارقىلىق ئابونتلارنى نىسبەتەن يېڭى نۇسخىدىكىلىرىنى ئىشلىتىشىگە تۈرتكە قىلماقچى بولغان.
مىكروسوفتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، مىكروسوفت شىركىتى پەقەت تۆۋەندىكى Windows مەشغۇلات سىستېمىسى ۋە IE تور كۆرگۈچىنىڭ بىرىكمىسىنى قوللايدىكەن:
-- Windows Vista SP2ۋە Internet Explorer 9
-- Windows Server 2008 SP2ۋە Internet Explorer 9
-- Windows 7 SP1 ۋە Internet Explorer 11
-- Windows Server 2008 R2 SP1ۋە Internet Explorer 11
-- Windows 8.1ۋە Internet Explorer 11
-- Windows Server 2012ۋە Internet Explorer 10
-- Windows Server 2012 R2 ۋە Internet Explorer 11
2016-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ، مىكروسوفت ھەر خىل نۇسخىسىدا ئىشلىتىدىغان ئۈستەل يۈزى مەشغۇلات سىستېمىسىدا ئىشلىتىدىغان ئەڭ يېڭى نۇسخىسىدىكى IE تور كۆرگۈچىلىرىدىن باشقا IE نۇسخىسىغا تېخنىكا قوللاش ۋە بىخەتەرلىك يېڭىلىشىنى قوللاشنى توختىتىدۇ. مىكروسوفت:«مىسال كەلتۈرسەك، Windows 7 SP1 مەشغۇلات سىستېمىسدا IE8، IE9 ياكى IE10 ئىشلىتىدىغان ئابونتلار IE11 نى ئىشلەتسە، ئاندىن داۋاملىق بىخەتەرلىك يېڭىلىشى ۋە تېخنىكا قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ» دېدى.
بۇ ئابونتلارنىڭ كەڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن IE8 نىڭ تەلتۆكۈس شاللىنىپ تاشلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. IE8 نىڭ ئالقىشقا ئېرىشىش دەرىجىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، مىكروسوفت كەگۈسى 12~16 ئايغىچە بولغان مەزگىلدە ئابونتلارنى ئەڭ يېڭى نۇسخىسىغا ئۆزگەرتىشنى جەلىپ قىلىشنى قارار قىلدى.
تارىختا سانسىزلىغان بۈگۈن بار، سانسىزلىغان بۈگۈنلەر توپلىنىپ تارىخ بولىدۇ. ھەربىر بۈگۈندە ئوخشىمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ھەربىر ئىش بىزنىڭ بىلىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. ئوكيان قامۇسى ئۈندىدار (ۋېيشىن) سالونىنىڭ «تارىختىكى بۈگۈن» سەھىپىسى سىزگە تارىختا يۈز بەرگەن ئىشلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ ئىشلار سىزنى ئاگاھلاندۇرۇشى ياكى تەسىرلەندۈرىشى ياكى ئەجەپلەندۈرىشى ياكى خۇشال قىلىشى مۇمكىن. ئوكيان قامۇسىنىڭ ئۈندىدار سالونىغا ئەگىشىپ، تارىختا يۈز بەرگەن ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇڭ. ئىزدەش نامى: okyanqamus
مەنبە:ئوكيان تورى |
|