|
سىستېما ھەققىدە
ئۈندىدار سالۇنىنىڭ تېڭشۈن شىركىتى تەمىنلىگەن باشقۇرۇش سۇپىسىدا گەرچە ئاپتوماتىك ئىنكاس قايتۇرۇش، قارشى ئېلىش ئۇچۇرى، تاپالمىغانلىق ئۇچۇرى، قوشۇلغان ئەزا، چېكىنگەن ئەزا، تاپشۇرىۋالغان ئۇچۇرلار قاتارلىقلارنى باشقۇرغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇچۇر ۋە ئەزالار كۆپەيگەنسىرى بۇلارنى باشقۇرۇش ئىنتايىن تەسلىشىپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ ھالقىلىق سۆزگە ئاساسەن ئىنكاس قايتۇرۇشنى تەڭشەش بەك كۆپ ئىش ۋە زېھىن تەلەپ قىلىدۇ.
ئۈندىدار سالۇنى ئىككى خىل ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلى بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىرسى «تەھرېرلەش ھالىتى» يەنى 编辑模式، بۇنىڭدا سالۇن باشقۇرغۇچى ئۈندىدار ئۆزى تەمىنلىگەن باشقۇرۇش بېتىدە ھەربىر ئۇچۇر ئۈچۈن بىر ياكى كۆپ ھالقىلىق سۆز بەلگىلەيدۇ، ئاندىن ئەزالارغا مۇشۇ ھالقىلىق سۆزنى يوللاپ مۇناسىۋەتلىك تېمىنى تاپشۇرىۋىلىشنى بۇيرۇيدۇ، مەسىلەن: چىسلا، رەت نومۇر دېگەندەك. ئەزالار ھەر بىر چىسلا ياكى رەت نومۇرنى يوللىغاندا نېمە مەزمۇن تاپشۇرىۋىلىشىنى بىلمەيدۇ دە، ئازراق يوللاپ بېقىپ زېرىكىپ قالىدۇ.
يەنە بىر خىل ئىنكاس قايتۇرۇش شەكلى بولسا «پروگراممېر ھالىتى» يەنى 开发者模式 بولۇپ، تېڭشۈن شىركىتى پروگرامما ئۇقىدىغان سالۇن باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈن مەخسۇس تەمىنلىگەن باشقۇرۇش ئېغىزى. بۇنىڭدا ئۆزىڭىزنىڭ تور بېكىتىڭىزدە تۇرۇپ ئۈندىدار سالۇنىڭىزنى باشقۇرالايسىز، ئەزالارنىڭ يوللىغان ئۇچۇرىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆزىڭىز بەلگىلەيسىز، ئەڭ مۇھىمى ھەر قېتىم يېڭى تېما يوللىغاندا ھالقىلىق سۆزنى تەھرېرلىشىڭىز ھاجەتسىز، ئەزالار تېما تاپشۇرىۋىلىشتىن بۇرۇن قانداق ئۇچۇر يوللىسا قايسى تېمىنى ياكى قايسى ناخشىنى تاپشۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپ يوللايدۇ، زېرىكىش ھېس قىلمايدۇ.
مەزكۇر سىستېما يۇقارقى ئەھۋاللارنى ۋە بەزى سالۇن باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ پروگرامما ئۇقماسلىق ياكى ۋاقتى يار بەرمەسلىك ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ تۈزۈلگەن بولۇپ، سالۇنىڭىزنى باشقۇرۇش ئىش سىجىللىقىنى يۇقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش بىلەن بىرگە ئەزالارغا تېخىمۇ دوستانە تەسىر بېرىدۇ، سالۇنىڭىزنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىشىڭىزگە ياردەمدە بولىدۇ.
سىستېمىنىڭ ئىقتىدارلىرى
سىتاستىكىلاشسالۇنغا كىرگەن ياكى چىقىپ كەتكەن ئەزالارنى، ۋە ئەزالار يوللىغان ئۇچۇرلارنى سىتاستىكىلاش
ھالىقىلىق سۆز ھاسىل قىلىشسالۇندىكى تېما، ناخشا قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تۈرلەرگە بۆلۈپ باشقۇرۇش ۋە تۈرلەر بويىچە ئاپتوماتىك ھالىقىلىق سۆز ھاسىل قىلىش
ئىنكاس قايتۇرۇشئەزالار يوللىغان ئۇچۇرنى تەھلىل قىلىپ، مۇناسىپ تېما، ناخشا ۋە ياكى باشقا خالىغان ئۇچۇرنى ئىنكاس قىلىپ قايتۇرۇش
ئەسكەرتىش ئۇچۇرى قايتۇرۇشھالقىلىق سۆزگە ئائىت مەزمۇن تېپىلمىغاندا ئەسكەرتىش ئۇچۇرىنى ئىنكاس قىلىپ قايتۇرۇش
ئۈندىدار ناخشا-مۇزىكىخانىسى.ئۈندىدار ناخشا-مۇزىكا سۇپىسى ئەڭ يېڭى شەكىلدىكى ناخشا-مۇزىكىدىن بەھرلىنىش شەكلى بولۇپ، تاپشۇرىۋالغان مۇزىكىنى خالىغان دوستىڭىزغا ئەۋەتىپ بېرەلەيسىز. ناخشىلار تۈرلەر بويىچە رەتلىنىدۇ، قايسى تۈرنىڭ نومۇرىنى يوللىسىڭىز شۇ تۈردىكى ناخشىلارنى تاپشۇرىۋالىسىز. سىستېمىنىڭ يۈز ئارا تىلى ئۇيغۇرچە، ئەزالار تاپشۇرىۋالغان ناخشىنى چەكسىلا قويۇلۇشقا باشلايدۇ، ئۈندىداردا باشقا مەشغۇلات قىلسىمۇ ناخشا داۋاملىق چىقىۋىرىدۇ.
ھاۋارايى سۈرۈشتۈرۈشبۇنىڭدا ئەزالار قايسى شەھەرنىڭ تېلېفون رايۇن نومۇرى ياكى رەت نومۇرىنى يوللىسا، شۇ رايۇننىڭ كەلگۈسى 24 سائەتلىك ھاۋارايى ئەھۋالىنى ئىنكاس شەكلىدە قايتۇرىدۇ. ئەزالار دائىم ئىشلىتىدىغان شەھەر ياكى رايۇننى بەلگىلىۋالسا، كىيىنكى قېتىم رايۇن نومۇرى يوللىمايمۇ، ھالقىلىق سۆزنى يوللاپلا شۇ رايۇننىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئېرىشەلەيدۇ. بارلىق ھاۋارايى ئۇچۇرلىرى دۆلەتلىك ھاۋارايى ئىدارىسىنىڭ تور بېكىتىدىن ئوقۇلىدۇ. (بۇ ئىقتىدار ئىشلىنىۋاتىدۇ)
پويىز سۈرۈشتۈرۈششىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى پويىزلارنىڭ پويىز ۋاقتى، بېكەت، بېلەت باھاسى، قالدۇق بېلەت قاتارلىق ئۇچۇرلانى سۈرۈشتۈرۈش (بۇ ئىقتىدار كىينكى قەدەمدە قوشۇلىدۇ)
خالىغانچە كېڭەيتىشسىزگە لازىملىق باشقا ھەرقانداق ئىقتىدارنى قوشۇشقا بولىدۇ. مەسىلەن: مۇنبەردىكى تېمىلارنى ئەزالارغا تۈرلەر بويىچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاش، ئەگەر ناخشا تور بېكىتىڭىز بار بولسا، بېكەتتىكى ناخشىلارنى تۈرلەر بويىچە ئىنكاس شەكلىدە يوللاش دېگەندەك.
سىستېمىنىڭ ئەۋزەللىكى نەدە
چەكلىمىسىز يوللاشسالۇننىڭ كۈندە بىر قېتىم، بىر قېتىمدا 8 دانە تېما يوللاش چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. سالۇننىڭ «ماتېرىيال ئامبىرى» يەنى 素材管理 نىڭ ئىچىدىكى تېمىلارنى خالىغانچە يوللىيالايسىز.
تېز، قولايئىجرا سۈرئېتى تېز، باشقۇرۇش قولاي، نورغۇن خىزمەتلەرنى ئاپتوماتىك تاماملايدۇ، يۈز-ئارا تىلى ئۇيغۇرچە.
دوستانە، چۈشىنىشلىكئەزالار قايسى خەتنى يوللىسا قانداق ئۇچۇر تاپشۇرىۋالىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ تۇرىدۇ.
رايىشقايسى ئۇچۇرغا قانداق جاۋاب قايتۇرۇشنى ۋە ھالقىلىق سۆزنىڭ تۈزۈلىشىنى باشقۇرغۇچى ئۆزى بەلگىلەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارھاۋارايى، مۇزىكا، پويىز بېلىتى تەكشۈرۈش قاتارلىق ئالاھىدە ئىقتىدارلىرى بار.
كېڭەيتىشچانلىقى ياخشىئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن باشقا ھەرقانداق ئىقتىدارلار لازىم بولسا قوشۇپ بېرىمىز.
ئىجرا مۇھىتى
بۇ سىستېمىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ مۇلازىمېتىرىڭىز ياكى تور بوشلۇقىڭىز بار بولۇشى، ھەم تۆۋەندىكىلەردىن خالىغان بىر تۈرنى قوللىشى كېرەك. ئەگەر بۇلارنى چۈشەنمىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشڭ، بىز ھەممىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەڭشەپ بېرىمىز، ھەم دىيىشكەن مۇددەت ئىچىدە داۋاملىق تېخنىكا مۇلازىمېتى بىلەن تەمىنلەيمىز.
Asp.net + SqlServer
Asp.net 2.0 دىن يۇقىرى، SqlServer 2005 تىن يۇقىرى نوسخسى
Asp.net + Access
Asp.net 2.0 دىن يۇقىرى، Access 2003 نوسخسى
PHP + Mysql
PHP5
سىستېما ئارقا سۇپىسىنى سىناپ بېقىش
ئەگەر ئاۋال ئىجرا بولۇش ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندە سىناق ئادرېسى بېرىلدى، سىناپ باققاندىن كىيىن ياقتۇرسىڭىز ياكى باشقا تەلىپىڭىز بولسا بىز بىلەن ئالاقىلاشقايسىز
سىناق ئادرېسى:
http://sinak.musajan.com
باشقۇرغۇچى نامى:
admin
مەخپىي نومۇر:
musajan.com
ئۈندىداردا ئىجرا بولۇش ھالىتىنى كۆرۈپ بېقىش
ئەگەر ئۈندىداردا ئىجرا بولۇش ھالىتىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۈندىدار سالۇنىنى قوشىۋالسىڭىز سىزنى يېتەكلەپ ماڭىدۇ، ياكى خالىغان ئۇچۇرنى يوللىسىڭىز ئۈنۈمىنى دەرھال ھېس قىلالايسىز.
ئۈندىدار ئىزدەش نومۇرى: dostlar2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش
سالۇندىكى تېمىلارنى ئوخشاشلا ئۆزىڭىز تەييارلايسىز، ۋە كۈندە توپ يوللايسىز، مەزكۇر سىستېما يوللاپ بولغان تېمىلارنى باشقۇرۇش، ئەزالارغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاش بىلەن بىرگە، ناخشا سىستېمىسى ۋە باشقا قوشۇمچە ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرى
چ چ:
116716326
ئۈندىدار:
116716326
ئېلخەت:
116716326@qq.com
يانفون:
13279781091
رەسىملەر ۋە ئىجرا ئۈنۈملىرىنى تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭ:
http://www.musajan.com/Undidar.html
|
|