|
دېتال يوشۇرۇش ئۇستىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق تورداشلار ، ياخشىمۇ سىلەر!!!
دوستۇڭلار « تەنھا 110 » دىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!!!
سىلەرگە ئاز-تۇلا بولسىمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بار بولغان دېتاللارنى ئۆز تىلىمىز بولغان ، « ئۇيغۇر» يېزىقىغا تەرجىمە قىلىپ سىلەرگە يەتكۈزەلىگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.
قارىسام مۇنبەردە دېتال يوشۇرۇش دېتالى ئاساسىي جەھەتتىن يوق ئىكەن ، شۇڭا قېرىنداشلىرىمنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن 隐藏应用 دېتالىنى تەرجىمە قىلىپ كەلدىم.
دېتالنىڭ ئىقتىدارلىرى بولسا ~
تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇڭ ، چۈشۈرۈش مەزمۇنىنى « ئەسكەرتىش » دىگەن ئورۇندىن كۆرۈڭ.
بۇ دېتال ئۆزى ئاددىي ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان دېتال يوشۇرۇش دېتالى بولۇپ ، تېلېفونىڭىزغا قاچىلىغان ھەرقانداق دېتاللارنى يوشۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. ئەگەر دېتاللارنى يوشۇرۇپ بولۇپ ، بۇ دېتالنى ئۆچۈرىۋەتسىڭىزمۇ يوشۇرغان دېتالىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. يوشۇرغان دېتاللارنى قايتا ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ، دېتال يوشۇرۇش دېتالىنى قايتا قاچىلاپ ئېچىپ ئىشلىتەلەيسىز. قالغىنىنى ئىشلىتىپ بېقىپ بۈلىۋېلىڭ. بۇ دېتالنىڭ ئىسمىنى تەرجىمە قىلمىدىم. توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى سورايمەن.
بۇ دېتالنىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن تېلېفونىڭىز چوقۇم روت ھوقۇقى ئالغان بولۇشى كېرەك.
دېتال ھەجمى : 240KB
قوللاش تىپى : 2.1 نەشىردىن يۇقىرى ئاندرويد تېلېفونلار
بۇ دېتالنى باشقا تور بىكەتلەردە قالايمىقان تەھرىرلەپ تارقىتىشقا بولمايدۇ ، ئەگەر تارقاتماقچى بولسىڭىز مۇشۇ سەھىپە ئادرېسىنى تەھرىرلەپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ ، ھەمكارلاشقىنىڭىزغا رەھمەت.
ئەسكەرتىش :
ئەگەر سىز يانفون تېرمىنالىدا يۈقىرىدىكى ئادرېسىنى باسسىڭىز خاتالىق كۆرۈلدى ياكى ئادرېسى ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپتۇ دەپ چىقسا ، سىز ئاشۇ چۈشۈرۈش ئادرېسىنىUC ياكى QQ تور كۆرگۈچكە چاپلىسىڭىز ياكى يۇقىرىدا تەۋسىيە قىلغان تور كۆرگۈچلەردە مۇشۇ تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلسىڭىز، چۈشۈرۈش ئادرېسىدىن دېتاللارنى %99 چۈشۈرەلەيسىز .
چۈشۈرەلمىسىڭىز ئىنكاس يېزىپ قالدۇرۇپ قويۇڭ.
دېتالنى چۈشۈرۈش ئادرېسى ↙↙↙
http://dl.dbank.com/c0a3nvcw67
|
|