|
سىلەرگە دىسەم تورداشلار مەنمۇ بۇرۇنتىن شىياۋمى تۇتۇپ كىلىۋاتىتىم شىياۋمى 3 تىن بىرنى ئالغان تىلگىراف نۇسخىسىنى ئىككى ئاي بولاي دىدى شىياۋمى تىلفۇننى ھىچقانداق تىلفۇنغا تەڭ قىلمايتىم شۇنداق ئامراق ئىدىم بۇ تىلفۇنغا ، ئورگان تورىدىن ئالغان ، تىلفۇندىمۇ مەسىلە يوق بولمىسا ، لىكىن مەسىلە سېستىمىدا بۇلۇپ قالدى ، تىلفۇننى ئالغاندا ئاندىروئىد سېستىمىسى 4.3.1 ، MIUI نۇسخىسى JXDCNBD14.0 مۇشۇنداق ئىكەنتۇق ھىچ يىرىدىن قۇسۇر تاپقىلى بولمايدۇ شۇنداق نورمال ئۇيغۇرچە ھۆسنىخەت شەكلىنىمۇ 爱字体 ئارقىلىق 主题风格 دىن تەڭشىۋالغان ئىدىم ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تېمىلارنى يوللىغان تورداشلار باركەن ، جاۋاپ بەرگەن تورداشلار بولسا ھەممىسى دىگىدەك مۇشۇ ئۇسۇلنى دەپتۇ ئەمما يېڭى چىققان سېستىمىسىدا بۇ ئۇسۇل ھىچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ ،،،، يېڭى چىققان سېستىمىسى مۇنداق : ئاندىروئىد سېستىمىسى 4.4.2 MIUI نۇسخىسى KXDCNBE18.0 مۇشۇ چىققاندىن كىيىن يېڭىلاپتىمەن نىمىشقىمۇ يېڭىلىغاندىمەن خەت نۇسخىسىنى بۇرۇنقىدەك توغۇرلىۋالغىلى بولمايدىكەن يە روتنى ئاچقىلى بولمايدىكەن ، روتنى ئاچقىلى ئىشلەتمىگەن دىتال قالمىدى ، مۇشۇ ئالىپ تورىدا ئاندىروئىد 4.4 نىڭ فونتنى تورداشلار يوللاپتىكەن شۇنى بولسىمۇ ئىشلىتەي دەپ روتنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئاچالمىدىم ، ئاچچىغىمدا ئېچىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى قاچىلىدىم يەنى 开发板 نى بۇرۇن ئىشلەتكەن شىياۋمى س1 ، 2 تىلفۇنلىرىغىمۇ قاچىلاپ ئىشلەتكەن ئېچىۋىتىلگەن نۇسخىسىنى زادى بىر يەرلىرى بىرخىل نورمال ئەمەستى بىلىپ تۇرۇپ ئۈمۈد بىلەن قاچىلىدىم بۇ تىلفۇنغىمۇ ، ئۇيغۇرچىنى ئادەتتىكىدەك تۈز خەت شەكلىدە قىلدىم تورداشلار تەمىنلىگەن دىتال بىلەن ، ئەمما بەزى ئەپلەر 已停止运行 دىگەن خەت چىقىپ ئېچىلمىدى ياكى ئېچىلىپ بۇلۇپ چىكىنىپ كەتتى ، ئاچچىغىم يەنە بىر ھەسسە قاتلاندى ، شىياۋمى 开发板 نىڭ مۇشۇنداق مازلىغىنى بىلەتتىم ، ئاچىغىمدا بولدىلا دەپ ئەسلىدىكى سېستىمىسىنى يازدىم ئاندىنزە تىلفۇنۇم يا ساق ئەمەس يا ساراڭ ئەمەس بىر نەرسە بولدى تىلفۇننىڭ بىر يەرلىرى بىرخىل ، بۇلۇت ئالبومىدىكى نەرسىلەرمۇ چىقمايدۇ 主题风格 دىن 主题 مۇ چۈشۈرگىلى بولمايدۇ ھەتتا ئۈزىنىڭ تەمىنلىگەن ھەقسىز خەت نۇسخىسىنىمۇ چۈشۈرگىلى بولمايدۇ (ھىساۋاتىڭىزدا خاتالىق بار ، بىردەمدىن كىيىن قايتا سىناڭ ) دىگەن خەت چىقىۋېلىپ ، ئىشقىلىپ شۇنداق ئامراق ھىچقايسى تىلفۇنغا تەڭ قىلمايدىغان شىياۋمى تىلفۇنۇم مۇشۇ قېتىملا تويغۇزدى ئالدى كەينى 4 ، 5 قېتىمدەك سېستىما يازغۇزۋەتتى ، لىكىن يەنىلا تىلفۇن نورمال ئەمەس شىياۋمى شىركىتىنىڭ بېشىغا ئىشەك سىيۋەتتىمۇ نىمبولدى ، ساپساق نورمال سېستىمىنى يېڭىلاپ بۇزۇپ تېخى قاتىدىغان قىلىپ ئۈزىنىڭ بازىرىنى ئۈزى ئۆلتۈرەي دەۋاتامدىكىن ئۇقمۇدۇم ، تېخى نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا يېڭى سېستىمىسىنى ئېلان قىلدى MIUI : KXDCNBF21.0 دەپ مۇشۇ سېستىما بىلەن نورماللىشىپ قالامدۇ تېخى دىگەن ئۈمۈد بىلەن يەنە يېڭىلىدىم ، ئىشقىلىپ ھازىر تىلفۇنغا ساراڭلىق كېنىشكىسىنى چاپلاپ ئاسمانغا قارىتىپ كۈچەپ ئېتىپ 飞行模式 قىلىدىغان ھالەتكە يەتتى ، يۇقارقىدەك ئەھۋالغا يۇلۇققانلار ھەل قىلالىغان بولساڭلار بىر ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن ، كۆپ مىننەتتار بۇلاتتىم ...................... ئاچچىغىمدا جىق سۆزلەپ قويدۇم بىكەت باشلىقلىرى خاپا بولماي تېمامنى تەستىقلاپ قويساڭلار بوپتىكەن ،小米3 تىن ياردەمگە مۇھتاج بۇلۇپ قالدىم |
|