- جۇغلانما
- 998
UID13388
تىزىملاتقان2013-2-1
ئاخىرقى قېتىم2015-3-22
توردا260 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 998
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇئەلەيكۇم
ئامرىكا سودا سانائەت ژۇرنىلىFast Company دىكى يوھان نىيس نىڭ ئىيتىشىچە ئۇنىڭ 6 ياشلىق قىزى ياسىغان خەرىتە گوگىل خەرىتىسىدىن نەچچە ھەسسە ياخشى چىققان.
نىيس قىزىنى Bugدەپ چاقىرىدىكەن.بۇ يىل 6 ياشقا كىرگەن بۇ قىز ئىلىكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەرنى ئىنتايىن پىششىق بىلىدىكەن.Ipadنى ئىشلىتەلەيدىكەن،دادىسىنىڭ iphone تېلفۇنىنىمۇ ئىشلىتەلەيدىكەن.كارتون كۆرۈش ھەم ئويۇن ئويناش دىگەندەك ئىشلارغا ئامراقكەن.بۇ قىز يەنە Googleنىمۇ بىلىدىكەن.بۇ قىزنى كىچىك بۇزغۇنچى دىسەكمۇ بولغۇدەك. دادىسى نىيس قىزىنىڭ بۇزغان نەرسىلىرىدىن تۈزىگەن نەرسىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشىنى ئۈمۈد قىلىدىكەن.
ھەممە ئادەمنىڭ تۇغما تالانتى بولىدۇ،ئەمما بۇ تۇغما تالانتىنى مۇۋاپىق ئىشلىتىش ھەم ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش كىرەك،شۇنداق بولغاندا تالانتىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.ــــ نىيس خاتىرىسى
بىر كۈنى چۈشتىن كىيىن Bug دادىسىدىن مۇز قايماق ئىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغاندا ئۆزى تۇرۇشلۇق كوچىدا مۇز قايماق دۇكىنى يوق ئىكەنلىكىنى بىلدى.Bugبۇنىڭغا قايىل بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن دادىسىBugقا بىر تەكلىپ بەردى:ئىككەيلەن بىر خەرىتە ياساپ يىقىن ئەتراپتىكى ئىچىملىك دۇكانلىرىنى تىپىپ چىقماقچى بولدى.
تۆۋەندىكىلەر ئىككىسىنىڭ خەرىتە ياساش جەريانى
1-سانلىق مەلۇمات توپلاش.
2-google spreadshees دىن پايدىلىنىپ سانلىق مەلۇماتلارنى گۇرپىلاشتۇرۇش.
3-google fusion tables دىن پايدىلىنىپ خەرىتە ياساش
نىيس خاتىرىسىدىن :قىسقىغىنە بىر قانچە مىنۇت ئىچىدە خەرىتىنى پۈتكۈزۈپ بولدۇق.17 مۇز قايماق سېتىش دۇكىنىنى ئىنىقلىدۇق.بۇ خەرىتە تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتلار google خەرىتىسىدە يوق.مەسىلەن بەزى چوكا مۇز سېتىش دۇكانلىرى … دىگەندەك.
نىيس خاتىرىسى ؛ bug ئىككىسى ياسىغان خەرىتە بىلەن سىلىشتۇرسا google تەمىنلىگەن خەرىتىدىكى ئۇچۇرلار بەكمۇ ئاز ھەمدە كۆپ جايلارنىڭ ئىسمى خاتا يىزىلىپ قالغان … ئۇ ئىپتىخارلانغان ھالدا :رىقابەتتە بىز غەلبە قىلدۇق؛دەپ يازغان.
بۇ ئىشلاردىن كىيىن نىيس قا نىسبەتەن ئەڭ ئەھمىيەتلىك بولغىنى شۇكى : ئۇ 6 ياشلىق ئوماق قىزىغا »پەقەت تىرىشسىڭىزلا ھەر قانداق ئىشنى تىخىمۇ ياخشى قىلالايسىز«دىگەن بۇ ھايات پەلسەپىسىنى ئىنتايىن ياخشى بىلدۈرەلىگەن.
تۆۋەندىكىلەر بولسا Bug لار ياسىغان خەرىتە بىلەن google خەرىتىسىنىڭ سىلىشتۇرمىسى
ئەسكەرتىش : bug پەقەت كىچىك بىر كوچىنىڭ خەرىتىسىنى ياسىغان،گوگىل خەرىتىسىگە سىلىشتۇرغاندا بۇ دىڭىزدىن تامچە.
مەنبە :تىڭشۈن خەۋەرلىرى
كىچىك ئىلان :خوتەندە تېلفۇن رىمۇنتچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇستاملاردىن شاگىرت ئالىدىغانلار بولسا مەن ئۈگەنمەكچىدىم. |
|