بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 20:34
جاۋا سىكرىپىت ئۆگىنىش تەسىراتى
ئەسكەرتىش : مەزكۇر ماقالە بىر چوڭ ھەجىملىك ماقالە بولۇپ بۇ خۇلاسىسسى ، ئالدىنقى قىسىملىرىنى ئوقۇمغان قىرىنداشلار ئاۋال شۇنى ئوقۇپ باقسا بولىدۇ. مىنىڭ ماقالىللىرىمنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن قېرىنداشلار بولسا بۇ يەرگە كىرىپ بارلىق ماقالىللىرىمنى كۆرۈپ باقسا بولىدۇ. ماقالىدىن ياكى باشقا ماقاللىرىمدىن نەپ ئالغان قېرىنداشلارنىڭ باشقا قېرىنداشلارنىمۇ نەپلەندۈرۈشىنى باشقا مۇنبەر ۋە بىلوگلارغا مەنبەنى ئەسكەرتىپلا تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، شۇنداقلا ماقالە كۆچۈرۈلۈپ ئاپىرىلغاندا ئەستايىدىل ۋە ئۆلچەملىك كۆچۈرلىشىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمەن. رەھمەت!
ھارۋا ئىجاد بولغاندىن كىيىن ئىنسانلار داۋاملىق ئاسانلىق ئىزدەپ ماشىنىنى ئاندىن ئايروپلاننى كەشىپ قىلغانكەن ، توختىماي ئاسانلىق ئىزدەش ئىنسانلاردىكى تۇغما قابىليەت بولسا كېرەك ، مەن جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىشنى باشلىغان قسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدىلا بىرمۇنچە ئىشلارنى بايقاشقا ئۈلگۈردۈم ، بۇ يولنى مەندىن ئىلگىرى نەچچە مىليون ئادەم بىسىپ بولغاچقا يول ئۈستىدە قالايمىقان ياكى تەرتىپلىك چۈشكەن نۇرۇغۇن ئىزلارنى كۆرگىلى بولاتتى، جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىدىن سىرىتقى ئامىل نۇقتىسىدىن قارىغاندا مۇنداق بىرقانچە ئۇسۇل ئەڭ كۆپ قوللىنىلدىكەن.
[1]. خەنزۇ تىلى ياكى ئىنگىلىز تىلى ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق تىلدىكى مۇنەۋۋەر كىتابلارنى تاللاپ كۆرۈش ، كىتابتىكى مەشىقلەرنى ئېرىنمەي سىناق قىلىش قايتا - قايتا كۆچۈرۈپ يىزىش ۋە تەھلىل قىلىش
[2]. ئۇستازلار ئىشلەپ تارقاتقان دەرىسلىك ۋىدىئولىرىنى تەكرار كۆرۈش دەرسلىكنى يادلاپ دىگۈدەك پىششقلاش ھىس قىلىشىمچە بۇمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
[3].مۇشۇ تىلنىڭ فونكىسيە قوللانمىسىنى قولغا چۈشۈرۈپ شۇنىڭدىن بارلىق فونكىسيە ناملىرى ۋە ئىشلىتىلىش ئۇسۇللىرى بويىچە بىرمۇ - بىر سىناپ چىقىش
[4]. قاتارلىق تورلاردىن ئوچۇق مەنبەلىك ئىزھاتلىق نادىر كودلارنى چۈشۈرۈپ تەھلىل قىلىش ۋە ئۆزگەرتىپ يىزىپ بېقىش GetHub
[5]. بەيدۇ ، گوگىل قاتارلىق ئىزدەش ماتورلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش
يۇقارقى ئۇسۇللاردىن بولۇپمۇ ئالدىنقى ئۈچى ئاساسەن كۆپ قوللىنىلدىغان ئۇسۇل بولۇپ بۇلاردىن ۋىدىئو ئىشلەپ تارقىتىش ئەڭ ئەۋجە ئالغان، ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يىرى شۇكى بۇلارنىڭ ھەممىسدىلا بىزگە كەلگەندە بەزى مەسىلىلىلەر مەۋجۇت مەسلەن ھازىرغا قەدەر ئىدرىس مۇئەللىمنىڭ جاۋا توغىرسىدىكى جاۋا تىلىدىن ئاساس ناملىق كىتابىدىن باشقا پىروگىرامما توغرىسدا بىر ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچە كىتاب نەشىر قىلىنغانلىقىنى بىلمەيمەن ، جاۋا سىكرىپىت تىلى توغرىسىدا ئىنگىلىز ۋە خەنزۇ تىللىرىدا ناھايىتى كۆپ نادىر ماتىرياللار نەشىر قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغا قەدەر بىرەرىمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنمىغان ياكى ئۇيغۇر تىلىدا ئۇ توغىرلىق ئىجادى كىتاب يىزىلمىغان (ناھايىتى ئاز بىرقانچە دانە كىتاب بۇرۇنقى بولغاچقا ھازىرچە نەزەردىن ساقىت)، ئەگەر يىزىلىپ مەن خەۋەرسىز قالغان كىتابلار بولسا بۇيەردە خەۋەردا بولۇپ قېلىشىمنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
بۇلارنىڭ نۇرغۇن سەۋەبى بار ، ھازىر ئىسىمگە كەلگەن ھەم ئەڭ ئاساسلىق سەۋبلىرىدىن بىرى : بۇ ساھەدىكى تخنىكىنىڭ يېڭىلىنىشى دەرىجىدىن تاشقىرى تېز بولغاچقا بىرەر - ئىككى يىل سەرىپ قىلىنىپ تەرجىمە قىلغان ياكى تەييارلانغان ماتىرياللار نەشىردىن چىققاندا ئاللىقاچان پايدىلىنىش دەۋىردىن ئۆتۈپ كىتىشى مۇمكىن. يەنە بىرى : گەرچە بۇ ناھايىتى مۇھىم ھەم شەرەپلىك ئەمگەك بولسىمۇ ھەم تامامەن ھۆددىسدىن چىقالايدىغان ئۇستازلار بولسىمۇ بۇ ئىشلار خېلىلا قول تۇتىدىغان بولغاچقا ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائى سەۋەبلەردىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشماي كەلدى. يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى ئۇيغۇرلاردا بۇ توغرسىدا تونۇش تولىمۇ كەمچىل بولغانلىقتىن بۇ توغرىسدا يىزىلغان كىتابلارنىڭ بىسىلىش تىراژى بىرقانچە يۈزگىمۇ يەتمەسلىكى ھەتتا سەرىپ قىلىنغان قەغەزنىڭ پۇلىنىمۇ كۆتۈرەلمەي ئېغىر ئەھۋال كىلىپ چىقىشى مۇمكىن ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ توغىرلىق كىتاب يىزىش رومان يازغانغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ھەتتا نەچچە ئون ھەسسە ئارتۇق زىھنى قۇۋۋەت تەلەپ قىىلىشى تۇغانلا گەپ . بۇلار مەن ئويلىغان سەۋەبلەر ئەگەر بۇ توغرىسىدا بىر ئۆلچەملىك نادىر ئۇيغۇرچە ماتىريال بارلىققا كەلگەن بولسا ئانا تىلدىن باشقا تىلنى بىلمەيدىغان نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئىشى ئوڭ بولغان بولاتتى .
شۇڭا پىروگىرامما تىللىرى جۈملىدىن جاۋا سىكرىپىت تىلى توغىرلىق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرى ئاساسلىقى كەسپى كۇرىسلىرىغا ، ياكى ئۇستازلارنىڭ ئىشلەپ تارقاتقان سىنلىق دەرىسلىكلىرىگە تاينىپ كەلدى ، ئەپسۇسلىنارلق يىرى شۇكى بۇ خلدىكى دەرسلىكلەرمۇ ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىنى ھىسابقا ئالمىغاندا مۇتلەق كۆپچىلىكى يېرىم يولدا ھەتتا باشلىنىشىدىلا توختاپ قېلىش خەۋىپىدە بولۇپ كەلدى، دەرىسلىك قوللانمىللىرىچۇ؟ ئەمەلىيەتتە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئۈچۈن قوللانما ئەڭ ياخشى ماتىريال بولالايتتى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە قوللانمىلارنىڭ مەيدانغا كىلىشىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بۇيەردە ئىپادىلەپ بېرەلمەيمەن ، ئەمما ئەپسۇسكى بىلىشىمچە ئۇيغۇر تىلىدا تېخى بىر ئۆلچەملىك پىروگىرامما تىلى قوللانمىسى تارقىتىلىپ باقمىدى ناھايىتى كۈچلۈك ئىرادە ، ۋە بىر كەسپى قىزغىنلىق بولمىسا بۇ توغرىسدا مەن ھىس قىلغان ئەڭ مۇھىم ماتىريال قوللانمىنى تەييارلاش بەسى مۈشكۈل بىر ئىش. شۇڭا مەن بۇ يەردە ناھايىتى زور بوشلۇق ھىسابلانغان مۇنداق بىرقانچە نۇقتىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتىمەن :
[1]. ئەگەر شارائىتى ھەم قىزىقىشى بار بولغان شۇنداقلا سەۋىيەسى يىتىپ ئاشىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بولسا
1. ناھايىتى ئۆلچەملىك قىلىپ بىرپۈتۈن جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ياكى باشقا خالىغان بىر تىلنى تامامى ئۆگۈنۈپ كىتىشكە يەتكۈدەك مۇكەممەل بىر دەرىسلىك سىن ھۆججىتى ئىشلىسە بولىدۇ ، ئەسكەرتىش سىن ھۆججىتى 5~6 قىسىم ئىشلىنىپ باھانىلەر بىلەن تاشلىنىپ قالسا بۇ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ ئابرۇيىغا ھەم كۆپچىلىككە زىيانكەشلىك قىلغانلىق
2. بۇيەردە مۇھىملىق دەرىجىسىنى ئىپادىلەپ بولالمايدىغان بىر ئىش : بىر مۇكەممەل ئۇيغۇرچە قوللانمىنىڭ بارلىققا كىلىشى ، بۇ يەردە دىيىلۋاتقان قوللانما ئەۋرىشىم تۈزۈلدىغان بولۇپ كومپىيۇتېر نۇسقىسىنى كۆرسىتىدۇ ، يەنى نەشىر قىلىنمايدۇ، يېڭى ئىقتىدارى چىققاندا قەرەللىك نەشىر كۆتۈرلۈپ ماڭسا بولىدۇ
3. ھەرقايسى پىروگىراممىرلار ئۆزى پىششىق بولغان بىر تىلنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ كىتاب يازسا بىرىنجىدىن : ئۆزى تېخىمۇ پىشىپ كېتىدۇ ، ئىككىنجىدىن تىل چەكلىمىسگە ئۇچراۋاتقان نۇرۇغۇن قېرىنداشلارنى غەمدىن خالاس قىلغان بولىدۇ
ئالى ئەسكەرتىش : بۇ يەردە ناھايىتى مۇھىم بىر نۇقتا بار ، يەنى مۇتلەق كۆپچىلىكىمىزدە نىمىشقىكىن پۇلغا نەرسە سېتىۋېلىشنى خالىمايدىغان پىسخىكا شەكىللىنىپ قالغان بولۇپ ، بۇمۇ تالانتلىقلارنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى يەنى ئەمگەكنىڭ قىممىتى بولسا تالانتلىقلار تېخىمۇ روھلىنىپ تېخىمۇ قالتىس ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ ، غەرىپ ئەللىرى ، ياپونيەگە ئوخشاش ئەللەردە مەخسۇس پەقەت بىرلا توربەت بىلەن جان باقىدىغان ناھايىتى چوڭ شىركەتلەر بار ، بىز ئويلاپمۇ يېتەلمەيمىز ئەمما بۇ راس چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەربىر ئەمگىكى پۇلغا يارايدۇ ، شۇڭا ئۇلار كۈچلۈك رىقابەت ئاستىدا تېخىمۇ قىممەتلىك ئەمگەكلەرنى قىلىدۇ ، ئەمما بۇ ياقلاردا بولسا ئازراقلا دىققەت قىلمىسىڭىز شارتتىدە بىكارغا ئىرىشۋالسا خۇدايىم بەردى دەپ خۇش بولۇپ كىتىىش بىر ئادەت ، توغرا خۇدايىم بەردى ئەمما ئۇ بىكارغا ئىرىشكەن خەخنىڭ ھەققىنى خۇدايىم سىزنى مۇكاپاتلاپ بەرمىدى ،بەلكى سىناپ بەردى ، قالغىنىنى كۆپچىلىك ئويلىشىپ كۆرەرسىلە ئەسلى مەقسەدتىن بەك چەتنەپ كەتمەي
مەن بۇ تىلنى ئۆگىنىپ دەسلەپكى كۈنلەردىلا بارغانسىرى خۇشال بۇلۇشقا باشلىدىم ، ئىشەنچىممۇ بارغانسىرى مۇقىملىشىپ كىتىۋاتاتتى ، شۇنداقلا بەزى غايىۋى خىياللارنىمۇ قىلىپ قالاتتىم . يەنى بۇ تىلنى مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆزلەشتۈرەلىسەم ،يەنى تامامى پىششىق ئۆگۈنۈپ كىتەلىسەم ئۆگەنگەنلىرىمنى مۇنداق 3 خىل شەكىلدە قىممەتلەندۇرشۈم مۈمكىن .
بىرىنجىدىن : ئۆگەنگەنلىرىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش ، يەنى كۈچۈمنىڭ يىتىشچە تىرىشىپ قېرىنداشلارنى بەزى تىگىشلىك بىلىملەردىن خەۋەردار قىلىش
ئىككىنجىدىن : ئۆگەنگەن بىلىمىمنى تاۋارلاشتۇرۇپ ئىقتىسادى ئۈنۈم يارتىش ئەلۋەتتە ئويلاشمىسام بولمايدىغان زۆرۆريەت ئۈچىنجىدىن : بەزى يوللار ئارقىلىق ئۆگەنگەنلىرىمنى ھەقلىق ياكى ھەقسىز يۇسۇندا قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ، بۇلار تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە باسقۇچلۇق بولىدۇ.
1. ئۆلچەملىك بىر مۇكەممەل جاۋا سىكرىپىت دەرىسىلىكى ئىشلەپ تارقىتىش
2. مۇكەممەل بولغان ناھايىتى ئۆلچەملىك بىر ئۇيغۇرچە قوللانما تۈزۈپ چىقىش
3. ئەگەر شارائىت يار بەرسە ، ھەم زۆرۆريىتى بولسا كەمىدە بىر پارچە كىتاب يىزىپ چىقىش
قوشۇمچە : يۇقارقى ئىشلارنىڭ ئەھۋالغا قاراپ ھەممىسى ھەقىسىز بولۇشىمۇ ، ھەممىسى ھەقلىق بولۇشىمۇ ، ياكى بەزىسى ھەقلىق بەزىسى ھەقسىز بولۇشىمۇ مۇمكىن ، بۈ ھازىرچە مۇھىم ئەمەس مۇھىمى مەن يۇقارقى خىزمەتلەرنى مۇۋەپپىقيەتلىك پۈتتۈرەلىسەمكەن ھالبۇكى بۇ ئىشلار ئېغىزدا ناھايىتى ئاسان ئېيتىلغان بولسىمۇ ئەڭ ئاسىنىغىمۇ كەمىدە بىرقانچە ئاي ، يۇقىرسىغا يېرىم يىلدىن 8~9 ئايغىچە ۋاقىت كىتىش مۇمكىنچىلىكىنى نەزەرگە ئېلىش لازىم ، شۇڭا بۇ ئىشقا مۇتلەق كاپالەت بەرمەيمەن ، ئەمما قولۇمدىن كەلگىنچە كۈچەشكە تىرىشىمەن. ئەلىۋەتتە بۇلارنى مەندىن باشقا ھەرقانداق بىر ئۇستازىم قىلىشنى قارار قىلىپ قالسا خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمەن. شۇنىڭغا كاپالەت بېرەلەيمەنكى بۇ ئىشنى 10 ، 100 ھەتتا مىڭ ئادەم تەكرار قىلسا ھەرگىز ئوخشاش بىر ئىشنى قىلغان ھىسابلانمايدۇ.
يېڭى ئۇچۇر
گەرچە جاۋا سىكرىپىت تىلى ھەققىدە ئۇيغۇر تىلىدىكى سىنلىق دەرىسنى ئىشلەپ تارقىتىش ئالاھىدە يېڭىلىق بولمىسىمۇ ، مەن ئىزدەپ ئاخىرغىچە پۈتكەن ، ھەم ئالاھىدە كۈچ بىلەن ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن بىر دەرىسلىكنىڭ يوقلىقى مىنى شۇنچە جىددى خىزمىتىم ۋە سىرىتقى ئۆگىنىشلىرىمنى تاشلاپ بۇ ئىشنى قىلىشقا قىزىقتۇردى. بۇنداق بىر كۈچ سەرىپ قىلىپ ئىشلەنگەن دەرىسلىكنىڭ بولماسلىقى ھەرگىزمۇ ئۇنداق سەۋىيىسى بار ئۇستازلارنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈمەيدۇ. بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا تېخىمۇ مۇھىم نۇرغۇن سەۋەبلەر بار ئەلىۋەتتە.
ئەنە شۇ سەۋەبلەردىن ئازغىنە تىلغا ئالساق ، مۇنداق بىر قىسچىلىق بار. ئىشلىمەي دىسە ئازغىنە بولىسمۇ تۆھپە قوشقۇسى كىلىۋاتقان ھەم ئۆگىنەلمەي تىلدىن قىينىلۋاتقانلار نۇرغۇن ، ئىشلەي دىسە ھەقسىز قىلغىلى بولمىغان ، ھەقسىز قىلاي دەپ بەك كۈچەپ نۇرغۇن ۋاقتنى سەرىپ قىلىپ قان تەر سىڭدۈرسە قىلغان نەرسىسى ھە دىسىلا ھەقسىز جۆندىلىنىۋىلىۋاتقان ، بوپتۇلا دەي دىسە ئۆي ، بالا - چاقا قورساق تۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇستازلار پۈتۈنلەي دىگۈدەك خىزمىتىنىلا قىلدۇ چۈنكى مانا مەنمۇ خىزمەت قىلىپ باققان چۈشىنىمەنكى دەرىسلىك ئىشلەشكە ھەپتە - ئايلاپ ، كېچە - كېچىلەپ ئىشلىگەندىن كۈندىزى نورمال 8 سائەت ئىشلەپ قويسا ئايلىقى دەرىسلىك ئىشلىگەندىن نەچچە ھەسسە ياخشى چىقىدۇ. ئەمما مۇنبەرلەرگە چىقسىلا ئونلىغان يۈزلىگەن پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرى. ماڭا ئوخشاش تۇنجى دەرىس ئىشلىگەنلەر بولسا بىرەر قېتىم ئىشلەپلا ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرۈپ داۋاملاشتۈرۈشتىن يالتىيىپ قالىدۇ. ... ھالبۇكى چەتئەلنىڭ مەخسۇس مۇشۇ دەرىسلىكلا ئىشلەيدىغان شىركەتلىرى بار!
مەسلەن : http://courses.tutsplus.com/?utm ... 76322083f-209838397
http://www.lynda.com/
http://www.codeschool.com
مەن بۇ ئىش بىلەن جان باقمايمەن ، ئەمما يۈرەك قېنىم سەرىپ بولغان ، نۇرغۇن ئەجىر سىڭگەن ئىشنىڭ قەدىرسىز ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ كومپىيۇتېرنىڭ بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا توپا بىسىپ كىتىشنى خالىمايمەن. قىلىغاندىكىن قولۇمدىن كىلىشچە كۈچەپ قىلىمەن ، ئەمما قەدىرسىزلىنىشگە يول قويالمايمەن ، جىقلىرىڭلارغا مىنى بىلگىلى خېلى ئۇزۇن بولدى، ھەممىسى پەقەت سىز قېرىنداشلىرىم (ئۆگىنىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن) ، گەپنىڭ خۇلاسىسى مەن بىر چوڭ ھەجىملىك يەنى 6~7 دەرىستە توختاپ قالمايدىغان ئىمكانىيىتىمنىڭ يىتىشچە ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن جاۋا سىكرىپىت دەرىسلىكى ئىشلەپ چىقماقچى ، بۇ جەمئى 3 بۆلەكتىن تەركىپ تاپقان بولۇپ ، يادرو قىسىمى ، دوم (يەنى JavaScript كودى ئارقىلىق HTML نى كونتىرول قىلىدىغان) ... قىسىمى ۋە يۇقرى سەۋىيە قىسىمدىن ئىبارەت 3 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان ، دەرىسلەر (قولۇمدىن كىلىشچە) بەك كۈچەپ ئىشلەنگەچكە كۆپرەك ۋاقىت كەتتى . ھازىر 1- قىسىمى ئاساسەن پۈتۈپ قالغان بولۇپ سىناق ، ئوڭشاش باسقۇچىدىن كىيىن (بۇنداق ئىشلارمۇ ئىشتىن سىرىتقى بولىدۇ.) كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. --- يەنى تەخمىنەن مۇشۇ ئاينىڭ 21 ئەتراپىدا! بىرنجى چوڭ بۆلەك ئېلان قىلىندۇ.
ئەسلىدە بۇ ئىش بىرەر ئاي بۇرۇنلا پۈتۈپ بولسا بولاتتى ، ئەمما خىزمەت ھەددىدىن زىيادە ئالدىراش بولغاچقا ، ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىت كۆپ ئاشماي شۇڭا بەك سوزۇلۇپ كەتتى. مىنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن دەپ ئارىلاردا خاتىرەمدىن سۇنۇپ تۇردۇم ، قۇرۇق گەپلا ساتىدىدىغان ئاداشكەن ماۋۇ دەپ ئويلاپمۇ قالغانسىلە ھەقىچان! ...
- ئاخىردا مىنى بۇ ئىشقا رىغبەتلەندۈرگەن ، تەكلىپ بەرگەن ۋە توختىماي تەلەپ قىلىپ ئېلخىتىمگە خەت يازغان قېرىنداشلارغا ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت!
- پادىچى
- مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى
- 2014.8.1
|