- جۇغلانما
- 8845
UID8231
تىزىملاتقان2012-6-21
ئاخىرقى قېتىم2015-3-21
توردا5759 سائەت
ئالى باشقۇرغۇچى
ئەلتەر ئەپ بازىرى
  
- نادىر
- 6
- جۇغلانما
- 8845
- ئاقچا
- 14
 
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا merdan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-8-1 21:29
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
شىركەتتىكىلەر ئۈرۈمچىدىن بىر يانفۇن دۇكىنى ئېچىپ قويۇپتىكەن، ئاچىدىغاننى ئېچىپ قارايدىغان ۋاقىتتا قارايدىغان بالا ھېيت دەپ خوتەندىكى ئۈيىگە كېتىپتۇ، شىركەتتە قىلدىغانغا ئىش ئاز بولغاچقا ۋاقىتلىق دۇكانغا قارايدىغانغا مېنى ئاپىرىپ قويدى،شۇنىڭ بىلەن بىر كۈندىلا سودىگەر بولۇپ قالدىم. ئاز تولا تەسىراتىمنى سۆزلەپ قۇياي.
دۇكان ئاچسىمۇ بەك قىززىق بولىدىكەن، خىلمۇ خىل ئادەملەر كېلىدىكەن،خىلمۇ خىل ئىشلار يۈز بېرىدىكەن ،بىر كىچىك دۇكاننى بىر كىچىك دۇنيا دېسەكمۇ بولىدىكەن.
بىركۈنى چۈشتىن بۇرۇن بىر ئادەم كېلىپتۇ.
ماۋۇ تېلېفۇن قانچە پۇل ؟ بىر سامسۇڭ يانفۇننى كۆرسىتىپ سورىدى.
—450 يۈئەندىن سېتىۋاتىمىز (ئەسلى 360يۈئەندىن ئالغان تېلېفۇنكەن)
—ئەرزانراق بەرمەمسەن،مەن ئېلىپ قالاي.
— ھەقىقەتەن ئالغۇڭىز بولسا 400 يۈئەنگە بېرەي.
— ئۇكا ،ئوغۇلبالىدىك بىرلا ئېغىز گەپ قىلاي ، 200 گە بەرگىن ،
— ياق ،بېرەلمەيمەن، ئۇ پۇلغا بىزمۇ ئالالمايمىز.
— بىرە ئۇكا ،ئوغۇلبالىدەك گەپ قىلە، مەنمۇ ئوغۇلبالىدەك بىرلا ئېغىز باھا قويدۇم.
— ھە بولىدۇ ،ئوغۇلبالىدەك بىرلا ئېغىز گەپ ،400 يۈئەن، بۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا بولمايدۇ.
ئۇ ئادەم باھانى قىممەت كۆرۈپ كېتىپ قالدى . چۈشتىن كېيىن يەنە كەلدى.
— بايىقى تېلېفۇننى ئالە ، بۈگۈن ئېلىپ كېتەي.
— ھە مانا..
— قانداق ،بايا مەن دېگەن باھاغا بېرەمسەم.
— ياق بېرەلمەيمەن.
— سەنمۇ ئوغۇلبالا بولغاندىكىن 400 دەپ تۇرىۋالما، سەل چۈشكىن ،مانا مەن ئوغۇلبالىدەك بىر ئېغىز گەپ 250 يۈئەن، 250 كە بەرگىن ،ئېلىپ قالاي، بۇ يەردە تۇرسىمۇ سېتىلمايدىغاندەك قىلىدۇ،بوپتۇ مەن ئېلىپ قۇياي.
— ئاكا ، باشقا يەرلەردىنمۇ كۆرگەنسىز، بۇنىڭدىن ئەرزان يانفۇن كۆرسىڭىز يەنە بۇ يەرگە كەلمەيتتىڭىز، ئۇ باھايىڭىزغا بېرەلمەيمەن.
— ئۇبدان ئويلىشىپ باققىن ئەمسە.
ئۇ ئادەم يەنە كەتتى، ئەتىسى چۈشكە يېقىن بىر ۋاقىتتا يەنە ئودۇل مېنىڭ قېشىمغا كەلدى.
— 280 يۈئەن، موشۇ بولسۇن، مەن ئوغۇلبا.....
موشۇ گەپنى ئاڭلاپلا گېپىنى بۆلدۈم.
— ئۇ يانفۇننى بىر (ئوغۇلبالا)نىڭ ئالغۇسى باركەن ، بايا كىرىپلا ئىككى ئېغىز باھا تالاشماي نەپ پۇل ساناپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى . باشقا دۇكانلاردىن ئىزدەپ بېقىڭ.
گېپىمنى چۈشەندى بولغاي ،كۆپ سۆزلىمەي چىقىپ كەتتى. زادى موشۇ ھەر ۋاقىت مەن ئوغۇلبالا دېگەن سۆزنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغانلارنىڭ شۇ (نەرسىسىنىڭ) بارلىقىدىن گۇمانلىنىمەن!
يەنە بىر ئادەم ئايالى ۋە ئىككى بالسىنى ئەگەشتۈرۈپ كەلدى.
— يانفۇنۇمغا ناخشا قاچىلاپ بېرەلەمسىز؟
— ياق، ئۇنداق قىلالمايمەن.
— نېمىشقا؟ ھەقىقەتەن قىلالمامسىز ياكى ھۆكۈمەتنىڭ چەكلەمدۇ ؟
— باشقا سەۋەب يوق ، بۇ بىزنىڭ قائىدىمىز.
ئۇ ئادەم ۋە ئايالى مەمنونلۇق بىلەن كۈلۈپ قويۇپ كېتىپ قالدى.
يانفۇن دۇكىنى ئاچىدىغان ۋە رېمونتچى بالىلار ئىچىدىمۇ موشۇنداق ياخشى قائىدىلەر باركەن( مەنمۇ تېزلا ئۆگىنىۋالدىم)
چۈشتىن كېيىن ئىشتىن چۈشىدىغان بىر ۋاقىتتا بىر ياشقا سەل چوڭ بىر ئادەم كەلدى.
— بالام ، ما تېلېفۇنغا ئازراق ئويۇن قاچىلاپ بەرسىڭىز بۇلاپتىكەن، ئايالىمنى داۋالاتقىلى دوختۇرغا ئېلىپ چىققان ، دوختۇرخانىدا سەل زېركىپ قالىدىكەنمەن.
— ھە بولىدۇ. ( ئادەتتە ھىچكىمگە ئويۇن قاچىلاپ بەرمەيتتىم، ئەمما بىر ياشقا چوڭ ئادەمنىڭ ھىچكىمنى تونۇمايدىغان بۇ يەردە زېركىشى مۇقەررەر ئىش)
شۇنداق قېلىپ ئادەتتىكى ئاددىي،تورسىز ئويۇندىن بەش -ئالتىنى چۈشۈرۈپ بەردىم.
— ھە ئەمدى ياخشى بولدى، زېرىكمەيدىغان بولدۇم. قانچە پۇل بەرسەم بولىدۇ.
— بولدى ،ئاكا، پۇل ئالمايمەن.بۇ كىچىك ئىش.
— سىزمۇ بۇنىڭغا كۈچ سىڭدۈردىڭىز، ۋاقتىڭىز كەتتى، ھەق بېرىشىم بەرھەق، دەۋېرىڭ، مېنى پۇلى يوق كۆرىۋاتامسىز يا؟
— ياق ،سىزنى پۇلى يوق كۆرمىدىم، دوختۇرخانىدا ھامىنى پۇل لازىم بولىدۇ. شۇڭا بۇنچىلىك ئىشلارغا ھەق بەرمىسىڭىزمۇ مەن رازى.ئەسلىدىمۇ ھەق ئالغۇدەك ئىش ئەمەس بۇ.
— ئاللاھ خالىسا ،موشۇ كەمگىچە بىرەرسىنىڭ ئازراق ھەققىنى بەرمەي قالمىدىم، ئەگەر سەن دېيىشكە خېجىل بولىۋاتقان بولساڭ مەن ئۆزۈم بېلىپلا بەردىم ئەمسە ،
شۇنداق دەپلا 50 يۈئەن پۇلنى ئالدىمغا قويۇپ مېڭىشقا تەمشەلدى.ھەرقانچە گەپ قىلساممۇ ھەققىڭنى ئالمىساڭ بولمايدۇ دەپ تۇرىۋالدى ، ئاخىرى 5 يۈئەننى ئېلىپ قېلىپ قالغىنىنى قايتۇرۇپ بېرىۋېدىم ما ئىششىڭ جايىدا دەپ كېتىپ قالدى.
بۇ ئادەمنى نىمە دەي ، تۈز دەيمۇ؟دورۇس دەيمۇ؟ ئادىل دەيمۇ ياكى جاھىل دەيمۇ؟ ئىشقىلىپ ئادەمنىڭ ئىچىدە ئادەم باركەن.
يەنە بىر مەندىن كىچىك بالا كىردى.
— ما تېلېفۇن قانچە پۇل .
— 350 يۈئەندىن مېڭىۋاتىدۇ.
— 50 يۈئەنگە بەرسىڭىز ئالىمەن.
— ھە، ئۇكام ،ما پوكەينىڭ ئىچىگە چىرە
ئۇ بالا باشقا ياخشى ئىش بار ئوخشايدۇ دەپ قالغان چېغى، راسلا پوكەينىڭ ئىچىگە كىرىشكە تەمشەلدى
—ما مەن ئولتاغان يەردە ئولتۇرۇپ سودىنى سەنلا قىلغىن، مەن بېرىپ ئويقۇمنى ئوخلاي ماقما!
بىچارە بالا ،ئەمدى تەمشەلگەن ئورنىدىن گەپ سۆز قىلماي كەينىگە قاراپ مېڭىشقا مەجبور بولدى.
توۋۋا...ئۈچ كۈن دۇكان ئېچىپلا قەشقەر تىللىرىم چىقىشقا باشلىدىغۇ ئەمدى.
موشۇ يەرگە ئېلان بەرسەم بۇلامدا؟
دۇكاندا بەزى رېمونتقا چۈشمىگەن، يېڭىلىق دەرىجىسى يۇقىرى نىمكەش يانفۇنلار باركەن ، لازىملار بولسا ئەتە بىرە ئىككىنى چىقىرىپ قۇياي. |
|