بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-25 17:38
ئەسكەرتىش : بىر قىسىم قېرىنداشلارنىڭ ئالاھىدە ئالدىرتىشى بىلەن پىلاندىن بۇرۇن ئالدىنقى قىسىمى يوللاندى ، بۇ پەقەت ناھايىتى ئاز بىر قىسىمى شۇڭا ئاخىرنى ئوقۇماي تۇرۇپلا خاتا چۈشىنىش بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. خاتىرەم ئىشتىن سىرىتقى ۋاقىتلاردا يىزىلۋاتقان بولۇپ خىزمەت ھەدددىن زىيادە ئالدىراش بولغاچقا بۈگۈندىن كىين يەنىلا تورلارغا كۆپ چىقالماسلىقىم مۇمكىن شۇڭا قالدۇرۇلغان سۇئاللارغا جاۋاب بىرەلمەسلىكىم ئۈچۈن ئالدىن كەچرۈم سورايمەن ، شۇنداقتىمۇ قېرىنداشلارنىڭ ئىنكاسلار ئارقىلىق ئۆز-ئارا پىكىرلىشىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مەن پىروگىراممىنى قانداق ئۆگەندىم؟
دەسلەپكى سۆز:
ئىلگىرى ئەركىن سىدىق ئاكىمىزنىڭ مەن ئىنگىلىز تىلىنى قانداق ئۆگەندىم تىمىسىدىكى بىر ماقالىسىنى ئوقۇغۇنىم ئىسىمدە ،
ئۇ ماقالىنىڭ ماڭا , تېخىمۇ ئنىقراقى مىنىڭ ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشىمگە قانچىلىك چوڭ ياردىمى ۋە ئىلھامى بولغانلىقىنى ھېلىھەم ئېنىق ئەسلىيەلەيمەن
ئەلىبەتتە ئەشۇ ماقالىنىڭ مەندىن باشقىمۇ ئونمىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىغا ، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرىغا ئاجايىب قىممەتلىك تۇتقا ، تىل ئۆگىنىشتىن چۈشكۈنلەشكەن روھلارغا بىر جەڭگىۋار سىگنال بولغانلىقى مۇقەررەر، يەنە ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ، نۇرمۇھەممەت تۇرسۇنجان بىلگە ، تاشپولات روزى ۋە باشقا نۇرغۇن ئالىم ۋە ئۇستازلىرىمىز (ھەتتا بۇ يەردە تورلاردىكى چاچقان ، تەشنايى قاتارلىق بىلوگ ئارقىلىق بىزلەرگە ئىلھام بىرىۋاتقان ئاكىللىرىمىزمۇ كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ئۆزلىرى ئۇتۇق قازانغان ساھەلەردىن ئۆزلىرىنىڭ ئىزلىرىنى قالدۇرۇپ شۇ يولنىڭ بىشىدا يولغا كىرىشتىن ئىككىلىنىپ ياكى قىينىلىپ توختاپ قالغان مىڭلىغان ئۈمۈدلۈك كۆزلەرگە ماياك يېقىپ بەرگەنلىكىگەشاھىد بولدۇم ياكى شاھىد بولغانلارغا سۆھبەتداش بولدۇم . ئەلىۋەتتە بۇ بىر يۇقرى ساپانىڭ ، ياخشى باشلىنىشنىڭ ، قالاقلىق قاشاقلىقنىڭ زامانىسى ئۆتكەنلىكىنىڭ خۇش ھىد ئىشارىتى ، سۈيۈملۈك ئالىملىرىمىز ، قەدىرلىك ئۇستازلىرىمىز ياشىسۇن ، ئالىملىرىمىز ئارىمىزدا مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە قەدىرلەنسۇن ، چۈنكى بىز سەنئەتخۇمار خەلىق ئەمەس ، ئىلىمخۇمار خەلىق!
ماقالە مۇددىئاسى :
گەرچە ئۆزۈم قايسى جەھەتتىنلا ھىسابلىماي بىرەر ساھەدە ئۇتۇق قازىنىشتىن خېلىلا يىراقتا بولساممۇ ، ئىلىم - - تېخنىكا ئىگەللەش يولىدا ئۇستازلارنىڭ ئىزلىرىدىن يىقىلىپ- قوپۇپ ئىلگىرلەۋىتىپ ، مىنىڭمۇ كەينىمدىن بۇ يولدا تىرمىشىۋاتقان ، بەلكى ئەمدىلا كىرىشنى ئويلاۋاتقان
باشقا قېرىنداشلىرىمنىڭ بارلىقىنى ، ئۇلارنىڭمۇ ياردەمگە مۇھتاجلىقىنى ، ئۇلارنىڭ بەلكى مەندىنمۇ ئۆتە قىينالغان ياكى قىينىلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلدىم
خۇددى روزىدار ئاچلىقنى ، يىتىم - يىسىرلارنىڭ قورسىقى ئاچسا قانداق بولىدىغانلىقىنى رامزاندا ھەقىقى ھىس قىلغاندەك ئاندىن مەنمۇ بىر تەرەپتىن ئىلگىرلىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ۋاقتىمنىڭ يىتىشچە ئاز - ئازدىن بولسىمۇ ئىز قالدۇرۇپ قويۇشنى توغرا تاپتىم! گەرچە ئۆزۈم ئەمدىلا باشلىنىشدا ، بەلكى يول ئېغىزدىلا بولساممۇ . ئىلگىرى پىروگىرامما ھەققىدە بىر قانچە ئوتتۇرا - تۆۋەن سەۋىيەلىك «ماقالىلەرنى ، پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن» نامىدا بىر يۈرۈش خاتىرە توپلاملىرىنى تورلارغا تارقاتقان ئىدىم. ئالدىنقى قېتىمقى ئۇچۇر تېخنىكا - ساھەسى بىز ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم دىگەن چوڭ ھەجىملىك ماقالەمدىن كىيىن يېقىندىن بۇيان خىزمەتتىن سىرىتقى ۋاقتىمدىن پايدىلىنىپ جاۋا سىكرىپىت تىلىنى ئۆگىنىپ ئاندا - ساندا چىقىپ قالىدىغان ئازغىنە بوش ۋاقىتلىرىمدا يەنىلا خاتىرەمنى داۋاملاشتۇرۇپ يىزىشنى توغرا تاپتىم. --- مەيلى ئوقۇلسۇن - ئوقۇلمىسۇن ، بىر ئىز قالدۇرۇپ قويۇشنىڭ تېخىمۇ
خەيرىلىك ئىنتايىن مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلغان ئىدىم. دىمەك مەزكۇر ماقالەم پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن ناملىق خاتىرىنىڭ داۋامى
|?خاتىرەمنىڭ داۋامىدا نىمىشقا بۇ توغىرلىق يەنى پىروگىرامما ئۆگىنىش توغىرلىق سۆزلەپ قالغانلىقىمغا كەلسەك! ئىلگىركى يازمىللىرىمدا ئىزچىل
كۆپ سورالغان سۇئالنىڭ بىرسى ، | پىروگىرامما ئۆگىنىشكە شۇنچىلىك قىزىقىمەن ئەمما قەيەردىن باشلاشنى ، قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى بىلەلمەيۋاتىمەن
خوش ! بۇ سۇئالغا چوڭ جەھەتتىن مۇنداق ئىككى خىل جاۋاب بېرىش مۇمكىن ، بىرى : ھەقىقىى ئۆگەنگۈسى بار ئادەم سوراشتىن ئاۋال ئىزدىنىپ باقىدۇ ، چاچقان ، تەشنايى قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ بىلوگىلىرىدا بۇ ھەقتە ناھايىتى تەپسىلى يازمىلار ئىنتايىن كۆپ، مەيلى تەرجىمە قىلىنغانلىرى بولسۇن مەيلى ئىجادىلىرى بولسۇن سىزنىڭ ھاجىتىڭىزدىن چىقالايدۇ. ئىككىنجىسى : سەل سىلىقراق دىسەك ، مەن يەنە قايتىلاپ بۇ ماقالىنى تەييارلاۋاتىمەن ، ئەمدى پىروگىرامما ئۆگىنىشنى قانداق باشلايمەن دىگەن سۇئالغا ئورۇن قالمىدى دەپ ئويلايمەن ئەلىۋەتتە ئىلگىرىمۇ ئورۇن يوقتىئەمدى يەنە شۇ سۇئال مەندىن سورالسا مىنىڭ بىردىنبىر جاۋابىم : ئورۇندۇقتا بىسىپ ئولتۇرۇپ ئۆگىنىسىز مەيلى قانداقلا بولمىسۇن مەزكۇر ماقالىنى ئېقىم لىنيە رەسىملىرى بىلەن قوشۇپ ئىشلەپ ئەڭ يۇقرى ئىمكانىيەتتە تىرىشىپ ئۆلچەملەشتۈرمەن ، ئوقۇپ پايدىلانغۇچىلارغا بىر ياخشى پايدىلىنشى مەنبەسى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن مۇددىئا تامام!
ئەڭ ئاۋال مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ يولدا ئىلگىرلەش تارىخىمنى بىرئاز سۆزلەپ بېرەي ، لىللا گەپنى قىلغاندا ئەسلى ئۈلگىلىك مىساللار ئۆرنەك ئېلىنىشى كېرەك ئىدى ، گەرچە نەتىجەم ئالاھىدە كۆرۈنەرلىك بولمىسىمۇ نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ يولنى خېلى بىر يەرلەرگىچە باستىم ، ئەڭ بولمىغاندا مەندە تەجىربە بار ، شۇ تەجىربىلەرنى بولسىمۇ سىزلەرگە سۆزلەپ بېرىمەن .
مىنىڭ بۇ كەسىپكە تۇنجى بۇلۇپ قەدەم ئالغان ۋاقتىم ، يەنى پىروگىرامما دىگەن نەرسىنى كۆرگەن ۋاقتىم
2013-يىلى 3- ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا توغرا كىلىدۇ. يەنى 17 - يىشىمنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىردە بۈ گۈزەل كەسىپكە تۇنجى قەدەمنى ئاپتىمەن.
ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا بۇ گۈزەللىكتىن نىمىشقا خەۋەرسىز قالغانلىقىمغا كەلسەك مەن ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى پەقەت تەغدىردىنلا كۆرىمەن ،
يۈزۈمنى قېلىنراق قىلىپ تۇرۇپ راس گەپنى قىلسام ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ھەتتا 2012 - يىللىرىغا قەدەر كومپىيۇتېر قاتتىق دىتالىنى
كومپىيۇتېرنىڭ تۈمۈردىن ياسالغان قاتتىق سايمانلىرى ، كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتالنى سۇلياۋ قاتارلىق ئەۋرىشىم ماتىرياللاردىن ياسالغان يۇمشاق
سايمانلىرى دەپلا چۈشىنەتتىم ، مىنىڭ ئەقلى نۇقتام زىيادە تۆۋەنمۇ ياكى ئىشلارنى بەك ئاددى ئويلايمەنمۇ ئۇقمۇدۇم ئىشقىلىپ مەن بىر قۇدۇقتىكى پاقا ئىدىم
قاچانكى كومپىيۇتېر بىلەن تونۇشتۇم شۇ مىنۇتتىن باشلاپ مەندە بۈ ئۈسكۈنىگە قارتا ئەيمىنىش ئارلاشقان قىزىقىش ، قورقۇش ئارلاشقان ھەۋەس ، ئۆزىنى قاچۇرۇش ئارلاشقان ئىنتىزارلىق ، جۈرئەتسىزلىك ئارلاشقان مۇھەببەت تۇيغۇلىرى پەيدا بولدى.
ھەرنەرسە جۈپتى بىلەن يارالغانلىقىغا شەرتسىز ۋە شەكسىز ئىشەنمەي ئامال يوقكى، كائىنات ئىككى قۇتۇبتىن تۈزۈلگەنكەن ، نەدە بىر ياخشىلىق بار شۇ يەردە بىر يامانلىقنىڭ بولۇشى ئاساسەن مۇقىملىشىپ قالغان بىر قائىدە ، يۇقىردا دىيىلگەندەك بۇ ساھەگە كىرگەن دەسلەپكى مىنۇتلاردىلا مەندىكى ھەربىر ياخشى تۇيغۇغا بىر پاسسىپ تۇيغۇنىڭ ھەمراھ بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى تازا ئېنىق چۈشىنىپ كىتەلمىدىم ، چۈشەنگەنلىرىمىنىمۇ بۇيەردەزىغىرلاپ گەپنى ئۇزارتماي ، ئاشۇنداق مۇرەككەپ ھىس تۇيغۇلار سەۋەبىدىنمۇ ياكى باشقا تېخىمۇ مۇھىم سەۋەبلەر بارمۇ ئەيتاۋۇر دەسلەپكى تىركىشىش كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلەنمىدى ، ھەرنىمە بولىسىمۇ شۈكرى دىمىسەم قارا يۈز بولىمەن
ئەمما مىنىڭ باشقا بىرقىسىم ساۋاقداشلىرىمغا سېلىشتۇرغاندا نەتىجەم ئۇنچىۋالا داۋراڭ سالغۇدەك ئەمەس ئىدى ، ئەمما شۇ نەرسىنى تىلغا ئېلىپ ئۈتۈش كېرەككى مىنىڭ باشقا ساۋاقداشلىرىمدىن روشەن پەرىقلىق بىرقانچە تەرەپلىرىم بار . بۇلاردىن ئەڭ نۇقتىلىقلىرى ،مەندە بۇ كەسىپكە رودۇپايدەك چاپلىشش ئىرادىسى ئاللىقاچان يالقىنجاب بولغان ئىدى ، شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى بۇ يەردە دىيىلۋاتقان ئىرادە ھەرگىز مۇشتۇمۇمنى تۈگۈپ قۇلىقىم يېنىغا ئەكىلىپلا مەن ئىرادە باغلىدىم..... دەپ ، ۋەدىنامە ئوقۇش ئەمەس بەلكى قايتا - قايتا ئويلىنىش ، ئاچچىق ساۋاق ۋە تاتلىق تەجىربىلەرنى يەكۈنلەش ئارقىلىق ، بۇنى ئۆگىنىپ نىمە قىلالايمەن؟ دىگەن نۇقتىنى ، نىشانىمنى ئەڭ يۇقرى چەكتە ئېنىق قىلىۋىلىشتىن كىىيىنكى مۇقىملاشتۇرۇلغان ئىرادە ئىدى
شۇ سەۋەبتىنمىكىن بەزى ساۋاقداشلىرىم ، ئوقۇش پۈتكەندىلا كەسىپ ئۆزگەرتكەن ياكى بۇ كەسىپ بىلەن قوشۇمچە شۇغۇللانغان بولدى ، يەنە بەزى ساۋاقداشلىرىم پەقەت خىزمەت مائاشى ئۈچۈنلا بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىنى ئىشلىتىپ جاھاندارچىلىق قىلغان بولدى. ئەمما مەن ئىشەنچ بىلەن ئېيتالايمەنكى ئاخىردىكى ئاز بىرقىسىم ساۋاقداشلىرىم قاتارىدا بۇ كەسىپكە يەنىلا رۇدۇپايدەك چاپلىشىش قارارىنى چىقاردىم ، ئەلىۋەتتە بۇ قارار مەن ئۈچۈن ھازىرغا قەدەر چىقىرىلغان ئەڭ شەرەپلىك قارارلارنىڭ بىرى.
مەن 2013- يىلى بۇ ساھەگە كىردىم دىسەم ، 2014- يىلى 3- ئاينىڭ 1-- كۈنىگىچە ھازىرقى مودا بولۇۋاتقان پىروگىرامما تىللىرىدىن 10 غا يېقىن تىل بىلەن ئازدۇر - كۆپتۈر تۇنۇشقان بوپتىمەن. بەزىسىنى خېلى چوڭقۇرلاپ ئۆگەنگەن بولسام ، بەزىسىگە باشنى شالاپپىدە تىقىپلا چىقىپتىمەن ، مەيلى ئاقىۋەت قانداق نەتىجىلەنسۇن ئۇ ئىشلارنىڭ ھىچقايسىسى ئۈچۈن ئالاھىدە پۇشايمىنىم يوق
ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە بىرقاتار دەسلەپكى تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ، سىزلەرگە بايان قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، ئەلىۋەتتە تەجىربە بىلىم دىمەكتۇر
ئەڭ ئاددى ئىككى تىلنى ھىسابقا ئالمىغاندا ، پالانى پىروگىرامما تىلىنى يتىۋىتىمەن دەپ بىر داڭلىق پىروگىرامما تىلىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالالمايمەن ، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىق بولسۇنكى ، تولا كۆرىۋەرسە ھىچ بولمىسا كۆز پىشىپ قالىدىكەن ھازىر قايسى تىل ئالدىغا كەلسەممۇ ، گەرچە تۈزۈك كود يازالمىساممۇ قوقماي ئېتىشىپ باقالايدىغان بىر يۈرەك كىرىپ قالغانلىقىدىن خۇشالمەن
مەزكۇر خاتىرنىڭ داۋامى تېخىمۇ ئۆلچەملىك ۋە تەپسىلى قىلىپ داۋاملىق تەييارلىنىۋاتىدۇ
نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئېلخىتىمگە توختىماي ئالدىرتىپ خەت قالدۇرۇشى بىلەن ئۇسۇزلۇق ئۈچۈن
ئاز بولسىمۇ بىرەر يۈتۈمدىن ئوتلىغاچ تۇرۇڭلا ، نىسىپ بولسا پات پۇرسەتتە خاتىرىنىڭ داۋامى بىلەن ئۇچۇراشقايسىلە
يۇقارقىلار پەقەت دەسلەپكى پىكىرلەر بولۇپ مۇقەددىمە سۈپىتىدە يوللاندى بەزى چۈشۈنۈكسىز نۇقتىلار بولسا داۋامى چىققۇچە باھا بىرىشكە ئالدىراپ كەتمەسلىكىڭلارنى
تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن.
توغرا نىيەت مەقسەددتە پايدىلانسىڭىز ۋە مەنبەنى ئەسكەرتىپ تارقاتسىڭىز بولىدۇ ، ماقالە ھوقۇقى مونۇپۇل قىلىنمايدۇ.
2014.7.3 - kvni
-Padichi
قوشۇمچە : ھەراس ۋاقتىم قەتئى يار بەرمىگەنلىكتىن مۇشۇ ئالىپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالىمەن ، نۇرقۇت ، تەشنا قاتارلىق باشقا مۇنبەر بىلوگلارغا قېرىنداشلارنىڭ ئېغىر كۆرمەي تارقىتىپ قويۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
|