|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ئۇستازلار ھەممىڭلارغا كەمىنە دىلىستاندىن چوڭقۇر سالام !
دوسلاردىن ئۇستازلاردىن يېقىندا يولۇققان بىر مەسلە توغرىسىدا ياردەم سوراشقا توغرا كەپ قالدى.
روم ۋە ئەپ تەرجىمانلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ چىقىپ ئۆزلىكسىز ئانا تىلىمىزدىكى ئەپلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۋاتقانلىقىغا قاراپ تۇرغۇم كەلمەي كاللامدا ئۆزەمچە يانفۇننىڭ ئۆزىدىكى رومنى يانفۇننىڭ ئۆزىدىلا تەرجىمە قىلىپ چىققىلى بولماسمۇ دىگەن ئوي بىلەن مۇنبەردە ئېلان قىلغان بارلىق ئەپ تەھرىرلەش قۇراللىرىنى بىرمۇ بىر سىناپ apktool نىڭ 1.9 تەرجىمە نەشىرىنى مۇۋاپىق كۆرۈپ تارقىتىلغان بارلىق apktool لۇغەت ساندانلىرىنى يىغىپ apktoolدا systemئېچىپ ئىچىدىكى app دىكى ئەپتىن بىرنى تولۇق تەرجىمە قىلىپ چېكىندىم. بولاقلىنىپ ئەڭ ئاخىرقى نومۇرغا كەلگەندە. Java مۇھىتى ھازىرلانمىغانلىق ئەسكەرتىشى چىقىپ چىكىنىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن يانفۇنۇمغا Java مۇھىتى ھازىرلاش ئۈچۈن توختاپ قالماي ئالىپتىن ئىزدەپ باقتىم زۆرۈل بولغان نەرسلەرنى ئاساسەن تاپقىلى بولىدىغان مۇنبىرىمىزدىن ئەلا0998 دىگەن توردىشىمىز يوللىغان يازمىنى تېپىپ چىقتىم تولىمۇ ئەپسۇس چۈشۈرۈش ئادېرسىغا ئاللىقاچان ئۆچۈپ بوپتۇ ئاخىرى بولماي مۇنبەر يۈزىدە خەت قالدۇردۇم ساقلىدىم بىراق ئۇچۇر كەلمىدى .شۇنىڭ بىلەن بۇرۇن چۈشۈرۋالغان دوسلار ياكى ئەلا0998دىگەن توردىشىمىز بۇ يازمىنى كۆرگەن بولسا يوللاپ بېرەمدىكىن دەپ ياكى تېخىمۇ ياخشىراق تەرجىمە ئۇسۇلى بولسا ئورتاقلىشىش مەخسىتىدە بۇ يازمىنى يازدىم. ناۋادا مۇۋاپىقىيەتلىك بولسا رومىنى توردىن تاپالمىغان يانفۇنلارنىڭ رومىنى ئۆزىدىلا روم لوغىتىدىن پايدىلنىپ تەرجىمە قىلۋەتسەك ناھايتى ياخشى بولاتتى.
قېنى ھەممىمىز بىرلىكتە ئىزدىنىپ ياخشى ئۇسۇللارنى تېپىپ چىقايلى |
|