- جۇغلانما
- 4428
UID15643
تىزىملاتقان2013-4-8
ئاخىرقى قېتىم2015-3-25
توردا1171 سائەت
ئالاھىدە ئەزا
كۈنلەرنىڭ بىردە (^_^)
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 4428
- ئاقچا
- 0

|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بارى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-7-6 18:31
بۈگۈنكى ئۇچۇرلاشقان زامانىۋى دەۋردە ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، ھەممەيلەننىڭ قولىدا ئەقلىيفون بولۇپ كەتتى. نۇرغۇن كىشى ئۈندىداردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن قەدىمدىن تارتىپ بىلىم ئېلىشنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى بولۇپ كەلگەن كىتابلىرىمىز ئۆيلىرىمىزنىڭ بۇلۇڭلىرىدا توپا باسقان ھالەتتە پەرياد چەكمەكتە. شۇنداق، ئۈندىدار كىتابلىرىمىزغا خىرىس قىلماقتا. ئەجىبا بىز كىتابلىرىمىزدىن مۇشۇنداقلا ئايرىلىپ قالارمىزمۇ؟
قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەلگىچە كىتاب بىلىم ئېلىشىمىزدىكى ئەڭ ياخشى قورال بولۇپ كەلگەن، شۇڭا ئەجدادلىرىمىز «كىتاب بىلىم بۇلىقى، بىلىم ئەقىل چىرىغى» دېگەن ھېكمەتنى بىزگە قالدۇرغان. تارىختا ئۆتكەن نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەر كىتابنى ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم قورالى قىلغان. ئۇلار زېرىكمەي-تېرىكمەي كىتاب ئوقۇپ، خاتىرە قالدۇرغان، مەشھۇر روس يازغۇچىسى گوركىي: « مەن كىتابنى قانچە ئوقۇسام، كىتاب مىنى دۇنيا بىلەن شۇنچە يېقىنلاشتۇرىدۇ، تۇرمۇشمۇ مەن ئۈچۈن شۇنچە پارلاق، شۇنچە ئەھمىيەتلىك تۇيۇلىدۇ» دېگەن. كىتاب ئوقۇپ تەقدىرىنى ئۆزگەرتكەنلىككە مۇناسىۋەتلىك مىساللار ئەتراپىمىزدا تالاي، ئەلۋەتتە، لېكىن ھازىرچۇ؟ كىتاب ئوقۇيدىغان دەۋر قېپقالدىمۇ؟ ياق، قېپقالمىدى ھەم مەڭگۈ قېپقالمايدۇ. شۇڭلاشقىمۇ جەمئىيىتىمىزدىكى بەزى ئوت يۈرەك، كىتابخۇمارلار جەمئىيىتى قۇرۇشقا ھەسسىلەپ كۈچ چىقارماقتا. مەسلەن،«ئىززەت كوچا كۈتۈپخانىسى» نى قۇرغان ئىززەت ئابدۇراخماننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كىشىلەر كۆپ توپلاشقان جايلىرىدا كىتاب ئۈستەللىرىنى قويۇپ، كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلىشى، تۇرسۇن توختى ھاجىمىنىڭ بەش مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، خوتەندە «ئىنساب ۋە ئىزدىنىش» كىتابخانىسىنى قۇرۇشى ۋە كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن كىتاب ئوقۇغانلارغا ھەقسىز تاماق بېرىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. يۇقىرىقى كىشىلىرىمىز كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرۈشتىكى مۇھىم رولىنى ئاللىبۇرۇن تۇنۇپ يەتكەچكە، جاپا چەكسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە. مانا شۇنداق بىر قىسىم كىشىلىرىمىز كىتابخۇمارلار جەمئىيىتى بەرپا قىلىشقا تۇتۇش قىلغان پەيتتە، ياشلارنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى كۈنبويى يانفونغا قاراش، تورخانىلاردا تۈنەش، بىليارتخانا، مۇزىكىلىق كۇلۇب (دىبا)لاردا ئويناش بىلەن ئۆتكۈزۈۋېتىشى ئادەمنى ئويلاندۇرىدۇ.
مېنىڭچە، كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئادەم كىچىكىدىن باشلاپ يېتىلدۈرۈشى لازىم، بۇنداق بولغاندا، كەلگۈسىدە زاماننىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كىشىدىكى كىتابقا بولغان قىزىقىش مەڭگۈ يوقاپ قالمايدۇ، شۇڭا ئاتا-ئانىلار چۇقۇم ئائىلىلەردە ئائىلە كۈتۈپخانىسى بەرپا قىلىشى لازىم. بۇنداق بولغاندا بالىلاردا كىچىكىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەت شەكىللىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، ئۈندىدار زامان تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلى، ئۇ ئۇچۇر-ئالاقە ئىشلىرىمىزغا نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئېلىپ كېلىشى بىلەن بىللە، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن پايدىلىق بىلىملەرگە ئېرىشۋاتىمىز، شۇڭا ئۇنىڭ ئۇچۇر ۋە بىلىم يەتكۈزۈشتىكى رولىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ، بېراق بىلىشمىز كېرەككى، ئۇنىڭ بىلىم بېرىش رولى يەنىلا كىتابلارغا يەتمەيدۇ. كىتابنىڭ ر ئورنىنى ئالالمايدۇ. شوپېنخوۋېر ئىلگىرى: «ئىنسانىيەت ئىلمىنىڭ ھەممە ساھەلەرگە ئائىت كاتتا قىسمى قەغەزلەردە، كىشلىك خاتىرىسى بولغان كىتابلاردا ياشايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ، ئادەمزاتنىڭ يالغۇز ئۈمىدى ۋە ئۆلمەس خاتىرىسى پەقەت كىتاب توپلاش ۋە كۈتۈپخانا ئېچىشتۇر» دېگەن. بەرھەق، ياخشى كىتابلار ھەر چاغ، ھەر جايدا ئەڭ يېقىن دوستىمىز بولالايدۇ. يالغۇز قالغان چېغىمىزدا كىتاب ئوقۇساق، بىلىم ئالالايمىز ھەم تەسەللىگە ئېرىشەلەيمىز. كىتاب بىزنى بىكارچىلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان ئورۇنسىز جېدەل-ماجرا، غەيۋەت-شىكايەت، خىلمۇخىل جىنايەتتىن ساقلايدۇ، ئۇ ئۈمىدسىزنى ئۈمىدلىك، ئاجىزنى كۈچلۈك، نامراتنى ياي، ناداننى ئاقىل، ھورۇننى تىرىشچان قىلالايدۇ. قىسقىسى، كىتاب ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنى ئۆزى يېڭىلىيالايدۇ، شۇڭا دوستلار چەمبىرىكىدىن بىردەم بولسىمۇ ئۆزىمىزنى تارتىپ، كىتاب ئوقۇشقىمۇ زېھنىمىزنى بېرەيلى، بىلىم ئېلىشتا ئۈندىدارمۇ مۇھىم، ئۈندىداردىن كىتاب مۇھىم.
ئەسلى مەنبە ؛ شىنجاڭ قانۇنچىلق گېزىتى
|
|