htc x515d يانفۇنىدىن ھەل قىلالمىغان مەسىلە!`````ياردەم سورايمەن؟
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم~~مۇنبەر ئەھلى!
قانداق ئەھۋالىڭلار سالامەت ئوبدان تۇرۇپسىلەرمۇ؟
مەقسەت:SHIP S-ON ھالەتتىن SHIP S-OFF كە قايتۇرۇش؟
مىنىڭ تىلفۇنىمنىڭ تىپى:htc x515d
ھەل قىلماقچى بولغان مەسىلە:
تىلفۇننى سىتىۋالغان ۋاقتىمدا تىلفۇنىمنىڭ ھالىتى SHIP S-OFF ئىدى،
تىلفۇننى سىتىۋىلىپ مەلۇم ۋاقىتتىن كىيىن ئاندرويد توغرىسىدا نۇرغۇن بىلىملەرنى بىلىۋالغاندىن كىيىن(ئاساسلىق پايدىلانغان تور نامى:ئالىپ تورى بىلەن بەيدۇ ئىزدەش تورى) تىلفۇنغا روت ھوقوقى ئالدىم، بۇ قەدەممۇ ئاسانغا توختىمىدى،نەچچە قىتىم تىلفۇنىمنى3---4 كۈن ئىشلىتەلمىگەن ۋاقتىممۇ بولدى قۇرۇق كىسەككە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ.
تەلىيىمگە خەنزۇلارنىڭ مۇنبىرىدە تىلفۇنىمنىڭ ئورگان تەرەپ(官方) نىڭ exe شەكىلدىكى ئەسلى رومى بار ئىكەن بۇنى تىپىشمۇ ئاسانغا توختىمىدى،بۇ exe شەكىلدىكى رومنى قايتا قاچىلاپ تىلفۇنىمنى يەنە دەسلەپكى سىتىۋالغاندىكى ھالەتكە ئەكىلىۋادىم،مەن نورغۇن تورلاردىن تىلفۇنغا zip شەكىلدىكى روملارنى قاچىلاپ،يىڭىلاپ ئىشلەتكەن بىلىملىرىنى ئىگەللىگەن بولغاچقا بۇ exe شەكىلدىكى رومنى قاچىلاشمۇ تەسكە توختىدى،ئەسلى بۇ exe رومىنى تىلفۇننى كومپىيۇتېرغا ئۇلاپ تۇرۇپ قاچىلايدىكەن،كومپىيۇتېردا شۇ تىلفۇننىڭ قوزغاتقۇچ ھۆججەتلىرى بولمىسا بۇ مەشغۇلاتنى قىلماقمۇ ئاسان ئەمەسكەن،شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ تىلفۇنىمنى بىر نەچچە قىتىم بۇزۇپ قويۇپ يەنە سىستىما قاچىلاپ يۈرۈپ exe شەكىلدىكىسىنى،ئاخىرىدا يەنە روتلاپ پەقەت بىرتاللا فۇنت قاچىلاپ ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان،شۇ ئارقىلىق ئوت تۈلكە تور كۈرگۈسى بىلەن ئۇيغۇرچە تور بەتلەرنى 100% نورمال كۆرەلەيمەن.
يىقىندا بىر يىقىنىم تىلفۇنىمنىڭ سىستىمىلىرىنى كۆرۈپ تىلفۇنىڭىزنىڭ تىخى recovery سىستىمىسى مۇكەممەل ئەمەسكەن،ھازىرقى ھالىتىSHIP S-OFF ئىكەن بۇنى يەشمىسەك بولمايدۇ دەمدۇ ئىشقىلىپ مەن سىناپ باقاي دەپ بىر نەرسىلەرنى قىلىپ قانداق قىلدىكى SHIP S-OFF ھالەتنى SHIP S-ON كە ئۆزگەرتىپ recoveryنىڭ 5.8.2 نەشىرىنى قاچىلاپ بىرىپتۇ،،
مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا خىلى خۇشال بولۇپ قايتىپ كىلىپ ئۆزۈم توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ zip شەكىلدىكى رومدىن بىر نەچچىنى چۈشۈرۈپ شۇ recovery ئاقىلىق قاچىلاش باسقۇچىنى تاماملىغان ئىدىم،، لىكىن بۇ تىلفۇن يىڭى چىققان تىلفۇن بولغاچقا تىلفۇنغا ماس كىلىدىغان روملارنى ئاساسەن تاپالمىدىم،تاپقان روملىرىم شۇ ئەسلى رومىنىڭ بىر نەچچە تال ئەپلىرىنى يۇيىۋىتىپ ئازراقلا ئۆزگەرتىپ قويغان روم بوپ چىقتى،شۇڭا مەن يەنىلا exe شەكىلدىكى زاۋۇت رومىنى قاچىلاشنى توغرا كۆرۈپ (زاۋۇت رومىنىڭzip شەكىلدىكىسى ھازىرچە يوقكەن) بۇرۇن قاچىلىغان مەشغۇلات تەرتىۋى بويىچە قاچىلىغان ئىدىم ئەپسۇس قاچىلانمىدى،،سەۋەبىنى ئىزدەپ چىقىپ ئاخىرى تىلفۇنىمنىڭ SHIP S-OFF ھالەتتە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئىكەن،توردىن شۇنچە ئىزدىنىپ SHIP S-OFF تىن SHIP S-ON ئۆزگەرتىش،SHIP S-ON تىنSHIP S-OFF قا ئۆزگەرتىش ئۇسۇللىرىنى نەچچە قىتىم قوللاندىم لىكىن تىلفۇنىڭنىڭ تىپىنى قوللىمايدۇ دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋالدى،
گەپنىڭ مىغىزى:مۇشۇ htc x515d تىلفۇنىنى قانداق قىلىپ SHIP S-ON ھالەتتىن SHIP S-OFF كە قايتۇرغىلى بولىدۇ، exe رومنى قانداق قىلىپ zip شەكىلدىكى رومغا ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ،
تىلفۇننى SHIP S-ON ھالەتكە ئۆزگەرتىپ بەرگەن ئاغىنەم پەقەت S-ON قىلالايدىكەن،لىكىن S-ON ھالەتنى S-OFF كە قايتۇرالمايدىكەن.ھازىر تىلفۇنىمدا zip شەكىللىك روملارنى يىڭىلاپ قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ!
ئۇستازلاردىن ياردەم سورايمەن! ئاللاھ ئەجىرىڭلارنى بەرسۇن!
تىلفۇننىڭ ھازىرقى ھالىتى:
*** UNLOCKED ***
SHOOTER-CT XB SHIP S-ON RH
HBOOT-2.05.0000
eMMC-BOOT
OCT 14 2011,17:14:42
|