- جۇغلانما
- 1219
UID1911
تىزىملاتقان2011-6-24
ئاخىرقى قېتىم2015-3-31
توردا171 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1219
- ئاقچا
- 0
|
مەن ساھران ئەپەندىنىڭ پىكىرلىرىنى قەتئىي قوللايمەن ،بۇيرۇق پېئىللارنى ئۆزپىتى ئېلىش ۋە ئاجىزلاتماي قوللىنىش ھەر جەھەتتىن ئەۋزەللىككە ئىگە .
بىرىنچىدىن ،ئىخچام ،تەلەپپۇز توغرا بولىدۇ ئاۋازلىق باشقۇرۇشقاقولايلىق،كومپيۇتېر ساھەسىدىلا ئەمەس ،كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلەر بىلەن بىردەكلىكنى ۋە ئىخچاملىقنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ .
ئىككىنچىدىن ،كۆچمە ئالاقە ئۈسكۈنىلەر ۋە ئەقلىي ئېقتىدارلىق تېلىفۇنلار ئاللا بۇرۇن ئاۋاز ئارقىلىق باشقۇرۇش ۋە پەرىقلەندۈرۈش ئەمەلگە ئاشتى ،پېئىللار ئاجىزلاتماي ئېلىنغاندا يەرلىك شىۋىلەردىن خالى قىلغىلى ئاسان تونۇتقىلى بولىدۇ .يەنە تىلىمىزدىن قاخشايدىغان ،پروگراممىچىلاردىن قاخشايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقمايدۇ .
ئۇنىڭدىن باشقا مەن Windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قوشۇلغان خەۋەرنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا بىر تەرەپتىن خۇشال بولسام بىر تەرەپتىن ئاتالغۇلار توغرىسىدا ئەندىشە قىلغان ئېدىم ،ئەھۋالدىن قارىغاندا بۇ خىل ئىھتىماللىق يۇقىرىدەك قىلىدۇ ،ئۆز ۋاقتىدا windowsXPنى تەرجىمە قىلغان ۋاقىتتا نۇرغۇن ئاتالغۇلار ۋە تەرجىمە توغرىسىدا قەرەرلىك ھالدا يېغىلىپ ئەركىن پىكىرلىشىپ ،ئاتالغۇلارنىڭ بىردەكلىكىنى ،خەلقىمىزگە تېخىمۇ يېقىشلىق ۋە چۈشۈنۈشلىك بولۇشنى مۇزاكىرە قىلىشغان ،ۋە نۇرغۇن تەجىربە ۋە سۆزلۈك ئامبىرىغا ئىگە بولغان ئېدۇق،بۇ جەرياندا ساھران ئەپەندى بىلەن بىلىك تورىدىكى ئالىپ ئەپەندىلەر باشتىن-ئاخىر نۇرغۇن قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن ئىدى ، ھەم بۇ ئەمگەك مىۋىسىمۇ« ئۇيغۇر ئاكادىمىك»ئاكىلىرىمىزنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن ،تەرجىمىنىمۇ ئالىم مۇئەللىم ھەم كۆرگەن ئىدى ،گەرچە مەلۇم سەۋەپ بىلەن قايتا يېڭىلانمىغان بىلەن ئىچكى جەھەتتە ھەرقاچان قايتا تەھرىرلىنىپ ،تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن تىرىشىۋاتاتتى. بۇ ئەزىمەتلەردىن ساھران ئەپەندى بوشاشماي ئىزدەندى ۋە تەتقىق قىلدى ،ئۇيغۇر تىلىمىزنى كومپيۇتېرغا تېخىمۇ مۇۋاپىقلاشتۇرۇش يولدا ئىزچىل تىرىشتى ،تا ھازىرغا قەدەر بىزگە يېتىپ كەلگەن ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللاردا ساھران ئەپەندىنىڭ قولى بار دىسەك ھەرگىز ئوشۇق كەتمەيدۇ ،يېقىندا مودا بولىۋاتقان ئاندرويد سېستىمىسىنىڭ كۆپىنچە ئۇچۇرلىرىنى ساھران ئەپەندى تەرجىمە قىلغان ،مۇشۇنداق بىر تالانتلىق بىر تەرجىماننىڭ Windows8نىڭ تەرجىمىسىگە تەكلىپ قىلىنماسلىقى كىشى كۆڭلىنى تولىمۇ يىرىم قىلىدۇ .
مەنچەمېكروسوفىتنىڭ Windows8نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بۇلىقى قوشۇشقا قوشۇلىشى linux Ubuntu ,FireFox,Openofiiceقاتارلىق دېتاللارغا ئۇيغۇرچە تىلنىڭ قېتىلىشى ۋە تارقىتىلشى بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى دەپ قارايمەن .
شۇڭا ئۇيغۇر سوفىتتىلەرنىڭ ساھران ئەپەندىنىڭ پېكىرلىرنى ئوبدانراق ئويلىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Temkin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-27 15:43
|
|