ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 2042|ئىنكاس: 57
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئۆيدە خوتۇن بولمىسا(شېئىر)

31

تېما

334

يازما

1277

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3880
ئاقچا
475

تۆھپە ئوردېنى

كۆك ئاسمان ۋاقتى: 2014-7-4 00:53:02 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
           ئۆيدە خوتۇن بولمىسا

غاجىغىنىڭ قاتتىق نان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا،
قىينلىدۇ تەنھا جان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.
دۆۋىلىنەر كىر چاپان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا،
بىرەر نەرسەڭ كەم ھامان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

خوتۇن دىگەن ئۆيۈڭنىڭ چىرىقىدۇر، بەركىتى،
نۇر سېپىدۇ خانەڭگە، تاتلىققىنە ھەركىتى.
ياشارتىدۇ يۈرەكنى، تومۇزلاردا شەربىتى،
ھالۇ-كۈنۈڭ بەك يامان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

يالغۇز يىگەن تائامدا ھوزۇر بولماس، تەم بولماس،
بالا-چاقا، خوتۇنسىز، كۈلكە-چاخچاق جەم بولماس.
قارا باسار ئۇخلىساڭ، بۇندىن ئارتۇق غەم بولماس،
رەڭگى-روھىڭ كۈل،سامان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

ئاغرىپ قالساڭ ئۆشنەڭنى تۇتۇپ چىقار تۈن بويى،
بىرنى ئىككى ئەتمەكتۇر كېچە-كۈندۈز ھەم ئويى.
ساداقەتتە يەكتادۇر،سۆيۈندۈرەر شۇ خۇيى،
ئوخشىمايدۇ يات جانان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

قەھرىتاندا ئوت يېقىپ، مەش قاقىدۇ بىچارە،
غەملىرىڭدە ئۆرتىنىپ، يۈز ياقىدۇ بىچارە.
دەرياسىدا تۇرمۇشنىڭ تەڭ ئاقىدۇ بىچارە،
بوپ قالىسەن خار-خازان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

دەشنام ئىشىتسە سېنىڭدىن، چاندۇرمايدۇ ياتلارغا،
ئۆيۈم-بالام دەپ يۈرۈپ، چىداپ كەلدى داتلارغا.
مېھىر بىلەن قارىساڭ چۆمدى دىلى شادلارغا،
كۈنۈڭ تەستۇر ئەي نادان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

يىللار ئۆتتى، ئايەمدە يېڭى ياغلىق ئارتمىدى،
ئەجرى ھالال، تېرىقچە ساختىلىقنى قاتمىدى.
ئىپپەت دىگەن مۇقەددەس، ئىمانىنى ساتمىدى،
ساڭا تاردۇر يەر-جاھان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

قوۋۇرغاڭنىڭ يېرىمى، تۇز چىشلىگەن خوتۇنۇڭ،
مۆدۈرىسەڭ يۆلەنچۈك، ھارارەتكە ئوتۇنۇڭ.
ياغ چاينايسەن راھەتتە، مالغا توشقاچ قوتۇنۇڭ،
قاينىمايدۇ مىس قازان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

ياخشى خوتۇن ئەركەككە يارىشىدۇ باشقىچە،
ۋاپادارلار ئىلاھىم كىرگەي يۈز ئون ياشقىچە.
ئايرىمىسۇن خۇدايىم تاغ-داۋاندىن ئاشقىچە،
يولۇڭ كاتاڭ ھەر زامان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.

ئاياللارنى ماختىغان ئەخمەق دەيدۇ بىرلىرى،
دەل ئاشۇنداق دەيۈزلەر كەلمەس ئەسلا ئىلگىرى.
خوتۇن دىگەن بىلىپ قوي، ئائىلەڭنىڭ دىلبىرى،
يۈرەلەمسەن شادىمان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا؟

ئاياللارنى ئەزىز دەپ، پىچىرلايدۇ قەلىمىم،
مەھبۇبەڭنى سۆيگىن دەپ، ئالدىرايدۇ قەدىمىم.
ئۆيدە خوتۇن بولمىغاچ، يېتىپ ئاشتى ئەلىمىم،
مەنزىللىرىم باياۋان، ئۆيدە خوتۇن بولمىسا.                                 مەنبە :روھلان تورى

5

تېما

97

يازما

172

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
541
ئاقچا
0
QQ
15199755016 ۋاقتى: 2014-7-4 09:27:55 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ -پاھ -پاھ- ئالامەت مەنىلىك ياخشى يىزىلىپتۇ, يازغۇچىنىڭ قوللىرىدىن قىزىل گۇللەر ئۈنسۇن ،جاپاكەش ئنىلىرىمىزنىڭ بىشىغا دەرت كەلمىسۇن، كۈنلىرى خۇشاللىقتا ئۆتسۇن،来自: Android客户端
ئابدۇراھمان

5

تېما

97

يازما

172

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
541
ئاقچا
0
QQ
15199755016 ۋاقتى: 2014-7-4 09:29:10 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
15199755016 يوللىغان ۋاقتى  2014-07-04 09:27:55
پاھ -پاھ -پاھ- ئالامەت مەنىلىك ياخشى يىزىلىپتۇ, يازغۇچى

ئانىلىرىمىزنىڭ دىمەكچىتىم خاتا بوپ قاپتۇ来自: Android客户端
ئابدۇراھمان

2

تېما

1280

يازما

757

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
4157
ئاقچا
0
alipalim ۋاقتى: 2014-7-4 10:08:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ئالامەت چۈشۈنىشلىك ئىخچام يېزىپتۇ بۇ شىرنى ئاياللار ئۇبدان تەسۋىرلىنىپتۇ
ئالىپتا ئۇستا شائىرلارمۇ باكەن  رەھمەت
ھەركەتتە بەركەت

17

تېما

496

يازما

335

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1704
ئاقچا
0
HamNaPaS ۋاقتى: 2014-7-4 10:09:10 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   HamNaPaS تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-7-4 10:13  

بىزنىڭ قىز ئاياللىرىمىز شۇندا قەدىر قىممەتلىك ھە  شۇندا ئاشۇ بولمىسا بولمايدىغان!  يىگىت ئەرلىرىمىز پەقەت تىلغا ئېلىنماپتيا بولمىسا بولدىغاندەك 来自: Android客户端

0

تېما

39

يازما

195

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
971
ئاقچا
10
098648 ۋاقتى: 2014-7-4 10:20:33 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزلىپتۇ.

35

تېما

397

يازما

1449

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

ئالىي سەركەردە

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3982
ئاقچا
4
سانغۇن ۋاقتى: 2014-7-4 10:26:35 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما شىئىرنى خوتۇندىن ئايرىلىپ قېلىپ،خوتۇن دەردىدە قىينالغان بىرەر دەرتمەن يازغان چېغى…خېلى ئوخشىتىپتۇ…来自: Android客户端
☆★ئالپ مۇنبىرى تور دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەردۇر☆★☆

35

تېما

397

يازما

1449

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

ئالىي سەركەردە

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3982
ئاقچا
4
سانغۇن ۋاقتى: 2014-7-4 10:28:47 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
alipalim يوللىغان ۋاقتى  2014-07-04 10:08:56
پاھ ئالامەت چۈشۈنىشلىك ئىخچام يېزىپتۇ بۇ شىرنى ئايالل

بۇ شېئىر ئالىپتىكى شائىرلىرىمىزنىڭ ئەمگىكى ئەمەس،ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بولسىمۇ ،باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرگەن خالاس…来自: Android客户端
☆★ئالپ مۇنبىرى تور دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەردۇر☆★☆

5

تېما

262

يازما

342

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

华为y321-c00

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1316
ئاقچا
10
QQ
تەشنا135 ۋاقتى: 2014-7-4 10:33:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك ئاسمان قېرىندىشمىزنى ئۇستا تەرجىمان دەپ يۈرسەك يىتىلگەن شائىر ئىكەن ئەمەسمۇ ، بەك ياخشى يېزپسىز قوللىرڭىزغا دەت بەمىسۇن ئاللاھ ئېگىمىز

باھا سۆز

باشقا مۇنبەردىن كۆچۈرۈپ كەلدىم دەۋاتسا،شىئىرنى ئۆزى يازماپتۇ  ۋاقتى: 2014-7-4 10:59

0

تېما

59

يازما

270

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
739
ئاقچا
0
1330997344 ۋاقتى: 2014-7-4 10:34:31 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىگىتلەرگە ئاتاپ بىرنى يىزىۋەتمەمسىلى يازغۇچىلار来自: Android客户端

1

تېما

89

يازما

100

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
349
ئاقچا
0
abajan ۋاقتى: 2014-7-4 10:39:23 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت ياخشى يېزىپتۇ بۇ شىئىرنى …مىنىڭ ئايلىم تۇغقىنى كىتىپ ئۆيلەر ۋەيرانە يۇغۇشتۇرۇشقا خوشياقماي  مىڭ يۇغۇشتۇرسىمۇ ئايال كىشى يۇغۇشتۇرغاندەك بولمايدىكەن…ھەي…来自: Android客户端

35

تېما

397

يازما

1449

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

ئالىي سەركەردە

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3982
ئاقچا
4
سانغۇن ۋاقتى: 2014-7-4 10:39:27 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشنا135 يوللىغان ۋاقتى  2014-07-04 10:33:12
كۆك ئاسمان قېرىندىشمىزنى ئۇستا تەرجىمان دەپ يۈرسەك يى

كۆك ئاسمانجان شائىر ئەمەس،بۇ شىئىرنى روھلاندىكىلەر يازغان…来自: Android客户端
☆★ئالپ مۇنبىرى تور دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەردۇر☆★☆

8

تېما

158

يازما

167

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
812
ئاقچا
0
Final ۋاقتى: 2014-7-4 11:04:55 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇق شۇئارنى ئاز توۋلاپ  ئەرزىگەن بولسا قوللايمەن نى بېسىڭلا

31

تېما

334

يازما

1277

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 5Rank: 5

نادىر
1
جۇغلانما
3880
ئاقچا
475

تۆھپە ئوردېنى

كۆك ئاسمان  ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-7-4 11:06:18 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سانغۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-7-4 10:39
كۆك ئاسمانجان شائىر ئەمەس،بۇ شىئىرنى روھلاندىكىلەر ي ...

توغرا ئۆزۈم يازمىدىم ,روھلاندىكى قېرىنداشلار يېزىپتىكەن ياخشى يېزلىپتىكەن رۇخسىتنى ئېلىپ بۇ مۇنبەردىكى دوستلارنى ئوقۇپ باقسۇن دەپ يوللۇدۇم,شائىرلىقتىنمۇ خەۋرىمىز بار بىراق يازغىلى ۋاقىت يوق بوپ قالدى

35

تېما

397

يازما

1449

تەجرىبە

ئالاھىدە ئەزا

ئالىي سەركەردە

Rank: 5Rank: 5

نادىر
0
جۇغلانما
3982
ئاقچا
4
سانغۇن ۋاقتى: 2014-7-4 11:13:54 ئالپ يانفون نۇسخىسىدا يېزىلغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆك ئاسمان يوللىغان ۋاقتى  2014-07-04 11:06:18


توغرا ئۆزۈم يازمىدىم ,روھلاندىكى قېرىنداشلار يېزىپت

ئوھھۇ،مۇنداق ھۈنىرىممۇ بار دەڭئۇنداق بولسا كىچىككىنە ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبىرىمىز ياكى مۇنبىرىمىزدىكى بىرقانچە دوستلارنى قېتىپ بىر شىئىر يېزىۋەتمەمسىز؟…تالانت ئىگىلىرى كۆمۈلۈپ قالمىسۇن…来自: Android客户端
☆★ئالپ مۇنبىرى تور دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق مۇنبەردۇر☆★☆
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش