ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
ئىزدەش
كۆرۈش: 673|ئىنكاس: 18

Arduino-سىمسىز پەرىقلەندۈرش RFID ھەققىدە(1)

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-28 18:31  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ئالدىنقى تېمىلىرىمغا چۈشكەن ئىنكاسلاردا ۋە ئاردىينو چ چ توپىدا قېرىنداشلىرىمىز RFID ھەققىدە چۈشەنچە بىرىشىمىنى ۋە شۇ توغرىسىدا بىرەر تېما يېزىشىمنى ئۈمىد قىلىشقانىدى،ئىنشاھ ئاللاھ،بۈگۈن بۇ توغرىسىدا تېما يېزىشقا ۋاقىت چىقىپتۇ،شۇڭا بۇ توغرىسىدا ئازىراق چۈشەنچە بەرمەكچىمەن.(RFID توغرىسىدا يازىدىغان مەزمۇنلار كۆپ ئىدى،سىلەرنىڭ ئوقۇپ بولالماي زېرىكىپ قالماسلىقىڭلار ئۈچۈن قىسىملارغا بۆلۈپ ئىلان قىلماقچىمەن).
1.RFID ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
rfid-2.jpg
رادىئو چاستوتىسى ئارقىلىق پەرىقلەندۈرۈش تېخنىكىسىRFID  (Radio Frequency IDentification) تېخنكىسى يەنە ئېلېكتىرونلۇق خەتكۈچ تېخنىكىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.سىمسىز رادىئو چاستۇتىسى ئارقىلىق پەرىقلەندۈرۈش بىر خىل خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى بولۇپ،ئۇ سىمسىز رادىئو سىگىنالى ئارقىلىق ئالاھىدە بەلگىلەنگەن نىشاننى پەرىقلەندۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا قارىتا مۇناسېۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنى ئوقۇش ۋە يېزىش مەشغۇلاتىنى ئېلىپ بارىدۇ،پەرىقلەندۈرۈش سىستىمىسى بىلەن ئالاھىدە بىكتىلگەن نىشان ئوتتۇرىسىدا مىخاينىكىلىق شەكىلىدىكى ئۇچۇرىشىش ياكى نۇر ئالاقىسى ئۇچىرىشىشى قۇرۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.دائىم ئىشلىتىلدىغان RFID تېخنىكىلىرىدىن تۆۋەن چاستوتلىق(125k~134.2k)،يۇقىرى چاستۇتلىق(13.56Mhz)،ئالاھىدە يۇقىرى چاستۇتلىق،مەنبەسىز قاتارلىق تۈرلىرى بار. RFIDكارتا ئوقۇغۇچىمۇ يۆتكىلىشچان ۋە مۇقۇم ھالەتتىكى دەپ ئايرىلىدىغان بولۇپ،نۆۋەتتە RFID تېخنىكىسى كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.مەسىلەن:كۈتۈپخانا،دەرۋازىنى ساقلاش سىستىمى،قاتناش ترانسپورتتىكى بىلەت سېتىش سىستېمىسى دىگەندەك.
ئاردىينۇ بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىشىك قۇلۇپىنى ئېچىش قۇرۇلمىسى،يوقلىما قىلىش قۇرۇلمىسى قاتارلىق قۇرۇلمىلارنى ياساپ چىقىشقا بولىدۇ.
خىزمەت پرىنسىپى:
RFID تېخنىكىسىنىڭ ئاساسى خىزمەت پرىنىسىپى ئاددىي بولۇپ:خەتكۈچ كارتا ماگىنىت مەيدانىغا كىرگەندىن كىيىن،كارتا ئوقۇغۇچ چىقارغان رادىئو سىگىنالىنى قوبۇل قىلىدۇ،ھەمدە ئىندوكىسيەلىك توك ئىقىمىدىكى ئىنىرگىيەگە تاينىپ تۇرۇپ ئۆزدىكى ساقلاش ئۆزىكىگە ساقلانغان مەھسۇلات ئۇچۇرىنى (Passive Tag ،يەنى توك مەنبەسى بولمىغان خەتكۈچ ئۇچۇرنى)،ئاكتىپلىق بىلەن مەلۇم چاستۇتىدىكى سىگىنال(Active Tag ،مەنبەلىك خەتكۈچكە)غا ئايلاندۇرۇپ كارتا ئوقۇغۇچقا يوللاپ بىرىدۇ،كارتا ئوقۇغۇچ ئۇچۇرنى قوبۇل قىلىپ كود يېشىش ئېلىپ بارغاندىن كىيىن،مەركىزى ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش سىستىمىسىنىڭ بىرتەرەپ قىلىشىغا يوللاپ بىرىدۇ.بىر مۈكەممەل بولغان RFID سىستىمىسى كارتا ئوقۇغۇچ بىلەن ئېلېكىتىرونلۇق خەتكۈچ(كارتا)،قوللىنىشچان يۇمشاق دىتالدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ.زاغرا نان تىلى بىلەن چۈشەندۈرگەندە خەتكۈچ كارتا كارتا ئوقۇغۇچ چىقارغان سىسمىسىز سىگىنالنى قوبۇل قىلغاندىن كىيىن سىسمىسز سىگىنالدىكى ئېلېكتىر ئىنىرگىيىسگە تاينىپ تۇرۇپ،ئۆزدىكى ئۇچۇرنى كارتا ئوقۇغۇچغا يوللاپ بىرىدۇ.
خەتكۈچ كارتىلىرنىڭ ئىسىم كارتوچكىسى شەكىللىك،تۈگىمە شەكىللىك بىر قانچە تۈرلىرى بار.
2.خەتكۈچ كارتىنىڭ تەرتىپ نۇمىرىنى ئوقۇش تەجرىبىسى
تەجرىبە كىتەرلىك ئۈسكۈنىلەر:بىر دانە ئاردىينو توك يول تاختىسى (خالىغان تىپىدىن)،بىر دانە RFID كارتىسى ۋە كارتا ئوقۇش مودىلى(،توردىن سېتىۋىلىش باھاسى 14~20 يۈەن ئەتراپىدا،مېنىڭ بۇ قېتمقى تەجىرىبىدە ئىشلەتكىنىم يۇقىرى چاستۇتلىق MFRC522  RFID كارتا ئوقۇش مودىلى)،يىتەرلىك ئۇلاش سىمى.
توك يولىنى قۇراشتۇرۇش:توك يولنىڭ ئۇلىنىش سىخېمىسى تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرستىلدى
rfid-circuit.jpg
توك يول ئۇلىنىش پۇتلىرى: (ئەسكەرتىش:ئوخشاش بولمىغان كارتا ئوقۇغۇچ توك يولى مودىللاردا ھەرقايىسى  توك يول ئۇلىنىش پۇتلىرىنىڭ ئورنى ئوخشاش بولماسلىق مۈمكىن،شۇڭا تۆۋەندە ماس بولغان ئىنگلىزچە ئىپادىلىنىشى ئايرىم بىرىلدى)
RFID -> Arduino UNO
-------------------
GND -> GND
VIN -> 5V
  SS -> D10
SCK -> D13
MISI -> D11
MISO -> D12
3V# ->
RST -> D5
توك يولنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن،ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى RFIDئامبار ھۆججىتىنى چۈشۈرۈڭ. RFID.rar (8.01 KB, چۈشۈرۈش سانى: 32)
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-6-28 18:49:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت چۈشىنىشلىك يوللاپسىز ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن
ۋاقتى: 2014-6-28 19:20:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختىم ئۇچۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-06-28 18:49:22
رەھمەت چۈشىنىشلىك يوللاپسىز ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن

مەن زادىلا چۈشەنمىدىم بۇنى
来自: Android客户端
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-6-28 19:26:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nuyali يوللىغان ۋاقتى  2014-6-28 19:20
مەن زادىلا چۈشەنمىدىم بۇنى

بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاخىردىكى تەۋسىيە قىلغان تېمىلارنى ئوقۇپ چىقىڭ
ۋاقتى: 2014-6-28 19:44:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
来自: Android客户端
ۋاقتى: 2014-6-28 20:10:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
ۋاقتى: 2014-6-28 21:11:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەختىم ئۇچۇن يوللىغان ۋاقتى  2014-06-28 19:26:21


بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاخىردىكى تەۋسىيە قىلغان تېمىلارن

بۇلىدۇ رەھمەت ئوقۇپ باقاي
来自: Android客户端
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-6-28 22:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت چۈشىنىشلىك يوللاپسىز ئاللاھ ئەجىرڭىزنى بەرسۇن
ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن[quote]ياخشى يېزىپسىز قۇلىڭىزغا دەت كەلمىسۇن
[/quote]
كۆپچىلىكنىڭ ئىلھام،مەدەتلىرىگە كۆپ تەشەككۈر!
ۋاقتى: 2014-6-28 22:38:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى تېمىلارنى يوللاۋاتىسىز،قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.مەن سېتىۋالغان يۈرۈشلۇكتە بۇ كارتا يوقكەن،تېمىنى ساقلىۋېلىپ تۇراي،ئايرىم سېتىۋېلىپ سىناپ باقاي.
ۋاقتى: 2014-6-28 22:54:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ پۇرسەتتە سورىۋالاي  چاشقان ئۆتتۈرىدىغان بىر نەرسە چىقىپتىكەن توكقا چېتىپ قويسا چاشقان دەمسىز پاشا دەمسىز قوڭغۇز دەمسىز ھەممىنى ساراڭ قىلىپ ئۆتتۈرىدىكەن مىنىمۇ ئىككى مىنۇتتا ساراڭ قىپ قويغىلى تاس قالدىلەر، ئىچىنى ئېچىپ قارىسام بىر تال ئۈزۈمچىلىك كىلىدىغان جىگەر رەڭ بىژمە تۇرىدۇ، بۇ قانداق ئىشتۇ ئۇ بىرنىمىدە شۇنچە كۈچ بارمىدۇ
ۋاقتى: 2014-6-28 23:07:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت . شۇنداق خۇشال بولدۇم .
QQ توپىدا بىر قانچە قىتىم مۇشۇ توغۇرلۇق سۇئال سورسام جاۋاپسىز قالغان ئىدى . ئاچچىقىمدا RFID Card نى نېرى تىقىۋەتكەن ئىدىم .
مانا ئەمدى ھاياجان ئىلىكىدە قايتىدىن قولۇمغا ئالماقچىمەن .
مۇشۇ تىمىنى يازغان قىرىندىشىمىز : كۆپ جاپا چەكتىڭىز ، سىز نىڭ ھەر بىر تىمىلىرىڭىزنى شۇنداق ھوزۇر ئىلكىدە ئوقۇيمەن . ماڭا بەكلا چۈشۈنۈشلۈك بىلىنىدۇ . بەلكىم باشقىلار غىمۇ شۇنداق بىلىنگەندۇ .
تاراۋى نامىزىغا ۋاقىت قىستاپ قالدى ، ناماز دىن كىيىن سىناق ئىلىپ بار مەن ئاللاھ خالىسا ،ئاللاغا ئامانەت .
ھەممىڭلارنى ئۇلۇغ رامىزانىغا مۇبارەك بولسۇن .
ۋاقتى: 2014-6-29 01:12:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قۇرۇلما بىلەن كومپىيۇتېردىكى ئۇچۇر باشقۇرۇش سىستېمىلىرىغا تىزىملىتىپ كىرگىلىمۇ بولىدۇ،
يەنى بۇ كارتا سىزدە بولسا سىز مەخپى نۇمۇر ئىشلەتمەي تىزىملىتىش كۆزنىكىدە كارتىڭىزنى كارتا ئوقۇغۇچقا تەگكۈزۈپلا سىستېمىغا كىرەلەيسىز!


ھە راس، ئىلىكتىر چەۋەنداز مۇئەللىم،   بۇ كارتىغا ئۆزىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنىمۇ يازغىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2014-6-29 01:23:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىكى كارتا ئوقۇش مودىلىدا VIN   SS   ئۇلىنىش پۇتى يوق ئىكەن ،   پەقەت SDA   SCK   MOSI   MISO    IRQ   GND  RST   3.3V   پۇتلىرى بار ئىكەن ، VIN  بىلەن  SS  پۇتى قايسى پۇتىغا ماس كېلە ؟
ۋاقتى: 2014-6-29 01:41:20 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Final يوللىغان ۋاقتى  2014-06-28 22:54:02
مۇشۇ پۇرسەتتە سورىۋالاي  چاشقان ئۆتتۈرىدىغان بىر نەرس

اداش  نىم  نەرسكەن  مەنمۇ  ئﯣيگە  ھتياجلىق  نەرسى  دەپ  ئەپ  قوياي
来自: Android客户端
ۋاقتى: 2014-6-29 06:49:21 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
841529931 يوللىغان ۋاقتى  2014-6-29 01:41
اداش  نىم  نەرسكەن  مەنمۇ  ئﯣيگە  ھتياجلىق  نەرسى  دەپ  ئ ...

توك مۈشۈك ئىكەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفون نۇسخسى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1   

GMT+8, 2014-7-16 10:40 , Processed in 0.086026 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش