- جۇغلانما
- 5041
UID7972
تىزىملاتقان2012-6-14
ئاخىرقى قېتىم2015-5-30
توردا1965 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
xjgsm مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 5041
- ئاقچا
- 0

|
دۆلىتىمىز تېلىفۇنلىرى راستىنلا ناچارمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى:
ئەسلى روم ئۆزلەشتۈرۈش توغۇرلۇق بىر تېما يوللىماقچى ئىدىم(بۇرۇن يوللىغان ،تولۇقلاپ تېخىمۇ مۇكەممەل قىلىپ يوللاشنى ئويلاشقان) بىراق بىر تېمىدىكى بىرقانچە ئىنكاسنى كۆرۈپ بۇ تېمىنى ئاۋال يوللاپ تۇرشنى توغرا كۆردۈم.
دۆلىتىمىز تېلىفۇنلىرى راستنلا شۇنچە ناچارمۇ؟
ئاۋال بىرقانچە تېلىفۇنلارنى كۆرۈپ باقايلى:
三星s7568i توردىن ئىزدەپ بىقىڭ. 展讯ئۆزەكلىك يانفۇن (ساختىسى ئەمەس) شاڭخەي يەنى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى شىركەت.
سونىي xperia c s39h بۇ تېلىفۇن بولسا mtk6589 لىق cpu ئىشلىتىلگەن.
LG G PRO LITE بىز دەيدىغان LG بولسا 6577 MTK ئۆزەك ئىشلىتىلگەن.
مانا ئۈستىدىكى چوڭ ماركىلار بىز ناچار دىگەن CPUنى ئىشلىتىپتۇ. ئەمسە دەپ بىقىڭە دۆلىتىمىز تېلىفۇنلىرى شۇنچە ناچارمۇ؟
ئۇندىن باشقا دۆلىتىمىزنىڭ华为,联想,酷派,朵唯,魅族,步步高,oppo,小米قاتارلىق يانفۇنلارنى ناچار دېگەنلەرنى ئاڭلىدىم ھەم كۆردۈم.بىراق بىر ھەقىقەت باركىن بولۇپمۇ 华为,联想,酷派,步步高,oppo قاتارلىق يانفۇنلارنى تۈرى سىز ئويلىغاندىنمۇ كۆپ .ئىشلىتىلگەن cpuنىڭ تۈرىمۇ 4خىلدىن ئاشىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە سىز ياخشى دەپ قارايدىغان 高通 cpu مۇ بار.
ئەمسە نىمىشقا بۇلار بىرلا خىل ئۆزەكنى تۇتمايدۇ؟
1- سەۋەپ .بازار
ھەممىمىزگە مەلۇم.كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ئوخشىمايدۇ.شۇنىڭغا ماس بولغان باھادىكى يانفۇنلارنى بولۇپمۇ يۇقىرى ،ئوتتۇرا ،تۆۋەن دەرىجىلىك يانفۇنلارنى ئىشلەپ چىقارغاندىلا بازارنى ئىگەللەپ پايدىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.مەسىلەن يۇقىرى سەپلىمىلىك يانفۇنلارنى ئىشلەپ چىقارسا قولى قىسقا نامرات ئادەملەرنىڭ بازىرىدىن قۇرۇق قالىدۇ.(نامرات ئادەملەردىن قانچىلىك پايدا قالىدۇ دەپ ئويلاۋاتامسىز؟ دۆلىتىمىزدە قانچە مىليۇن نامرات ئادەم بار؟ ئەگەر بىر تىلىفۇندىن 1يۇەندىن پايدا قالسا قانچىلىك پايدا قالىدۇ؟)
2- سەۋەپ.تور
Tds-cdmaتورى يەنى كۆچمە 3g تورى پەقەت دۆلىتىمىزنىلا قاپلىغان(راست گەپ قىلسام شەھەر،ناھىيە ۋە ئەتراپىدىكى يېزا كەنتلەرنىلا) شۇڭا بەزى ئۆزەكلەر بۇ تور چاستۇتىسىنى قوللىمايدۇ. بۇنى قوللىتىش ئۈچۈن ئۆزەك ئالماشتۇرۇش كېرەك ئەلۋەتتە.تېلىگىراف تورىنى mtk,spd ئۆزەكلىك يانفۇنلار قوللىمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا قوللايدىغان ئۆزەك ئىشلىتىش كېرەك.
ئەگەر مەلۇم بىر ماركىلىق يانفۇننى ئېلىپلا رازى بولمىسىڭىز ياكى بۇزۇلۇپ قالسا شۇ ماركا ۋە شۇ تېلىفۇنلارنىڭ ھەممىسى ساختا ناچار سۈپەتسىز بولامدا؟؟؟بىر تېلىفۇندىن مەسىلە كۆرۈلۈش دېگەن نورمال ئەھۋالغۇ؟دۇنيادىكى ھەممە ئادەم كېسەلسىز يۈرىۋاتامدا؟دورا ئىچىپ كېسەل كۆرسىتەلەيدىغان ئادەم جىنىدا كېسەل بولىۋاتسا، يانفۇن سىزگە مەن ئاغرىق مېنى ئالما دەمدا؟
بەك ھاياجانلىنىپ كەتتىم ھە؟
ئەمدى مەن سىلەرگەن دۆلىتىمىز ئىشلەپ چىقارغان ئۆزەكلەرنىڭ بىر قىسىم ئارتۇقچىلىقىنى سۆزلەپ بېرەي.
Mtk.
8يادرۇ دېسە بەزىلە يالغان ساختا دەيدۇ. بۇ لارغا دەيدىغان گىپىم (ھىم)
Mtk بولسا تەيۋەن لىيەنفاكى شىركىتىنىڭ ئىشلەپ چىقارغان ئۆزىكى .مەن بۇ كەسىپكە كىرگەندىلا بۇ ئۆزەكنىلا ئۇچىراتقان.ئارتۇقچىلىقى ناھايتتى كۆپ .كەمچىللىكىمۇ يوق ئەمەس ئەلۋەتتە.
ئارتۇقچىلىق بىر :
باھاسى ئەرزان ، ئىقتىدارى ياخشى.
ئارتۇقچىلىق ئىككى:
پەقەت قاتتىق دېتالدا مەسىلە كۆرۈلمىسە ئالدىراپ كېسەك بولمايدۇ. كېسەك بولغان تەغدىردىمۇ 线刷包ئارقىلىق ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ(قاتتىق دېتال ساق بولسا)
سىستىمىنى زاپاسلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.رېكوۋرىي بولمىسىمۇ كومپىيۇتېردا زاپاسلىيالايسىز.
展讯(spd)
ماتىريالىنى توردىن ئىزدەڭ.
ئارتۇقچىلىقى:
Tds-cdmaتورىنى قوللايدۇ. پەقەت قاتتىق دېتالدا مەسىلە كۆرۈلمىسە ئالدىراپ كېسەك بولمايدۇ. كېسەك بولغان تەغدىردىمۇ 线刷包ئارقىلىق ئەسلى ھالىتىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ(قاتتىق دېتال ساق بولسا)
بۇ ئۆزەك ئىشلىتلگەن يانفۇنلارنىڭ رومىنى تەرجىمە قىپ باقتىڭلارمۇ؟تەرجىمە قىلساڭلار بىلىسىلەر uyghur دېگەن نىڭ ئورنىغا چىرايلىق(ئۇيغۇر تىلى) دەپ چىقىدۇ.
كەچۈرۈڭلار بەك سۆزلەپ كەتتىم.ئاخىرىدا ھەممىڭلارغا بەخىت سائادەت ،تىنچ ئامانلىق تېلەيمەن.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-28 16:42):
ئىنكاس يېزىشقا ئالدىرىماي تېمىنى ئۇبداق ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
تولۇقلىما مەزمۇن (2014-6-28 17:23):
مەن تېخى بۇ تېلىفۇنلارنى ھىچقانداق تېلىفۇن بىلەن سىلىشتۇرمىدىم. |
|