بىر نارسىدە بالا يۈتتى كۆردۈڭلارمۇ؟
بالا يۈتسە ھىچ ھەسرەت يوق يۈردۈڭلارمۇ؟
كەلگۈسىمىز ئۇ پەرزەنىتنى سۆيدۈڭلارمۇ؟
بالا يۇتتى دەۋاتىمەن ، پەرزەنىت يۈتتى!
بۇ پەريادىنىڭ ۋەزمىنىنى تۇيدۇڭلارمۇ؟
دەپ توۋلايمەن ، ئاچچىق ئەلەم ، بىتاقەتتە!
،بالا يۈتتى دىگەن نىدا ھەممە يەردە
،ئانا ئۈچۈن قانچە ئەلەم بۇ چوڭ زەربە
،ئۇيقۇ يوققۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن كېچەلەردە
،قانچە پايدا يەتتى ساڭا ھەي شەرمەندە
،مەزلۇملارنىڭ نالەسىگە يوقتۇر پەردە
.زەرداپ-يېغا يۇتقاي سىنى پات-پۇرسەتتە
،نىمە ئىش بۇ؟ يۈتىۋەرسە ھىچ قەدىرسىز
،قايسىڭ ئالدىڭ شۇ گۈھەرنى ئىت رەھمىسىز
،ئىمانىسىز-پەس ئۆتكەن نەرسە ق.كەرىمسىز
تاتلىقمىكەن تاپقان پۇلۇڭ ھىچ سەرىمسىز؟
.لالما كەبى خار-زەبۇن بول سەن پەسەندە
، كۈندە نالە - كۈندە يېغا شۇ سەۋەبتىن
، لىكىن ئۈن يوق پەرزەنتىنىڭ ھىچ تەرەپتىن
،قەدىرسىزسەن نەزىرمىدەچوڭ تەرەتتىن
،قۇتۇلالما مەڭگۈ مەينەت بىر بەرەستىن
دەپ قارغايمىز سىنى ھەردەم ، ھەر نەپەستە
، دەسلەپ دائىم قىلدۇق دۇئا ئىنسابىغا
، قىلمايلى دەپ ھەر نىم بولسا بىر بەددۇئا
،ئەمدى سەبىر يەتتى چەككە - ھەق دادىغا
، ئايلاندۇردۇڭ ئانىلارنى سەۋدايىغا
، خانىۋەيران بولغىن خەلىق ۋاي-داتىغا
ئوتتۇرا ياشنى ئالساڭ مەيلى يېرىم جاننى
ئەمما ئالما كەلگۈسىمىز ئىلىم پەننى
بۇ ئۈمۈدنى يوقاتتىڭمۇ تاتلىق قەننى
زىمىن قانداق كۆتۈرگەندۇ ئىپلاس تەننى
بۇ قارغىشلار تۇتقاي سىنى پەسكەش (ئەرنى)
ۋەيران بولغىن ئۈزۈل كېسىل بىر ئىلاھى تالاپەتتە
ياردەم قىلىش مۇمكىن بولماي بىلمەس سالدىم
كۈندە كۆرۈپ تۇرسام گەرچە كۆرمەس سالدىم
گۈھەرىمىز بولمىش جانغا زەر كۆڭۈلنى بۆلمەس سالدىم
جاننى ئالار ئازاپلارغا چىدام بىلەن ئۆلمەس سالدىم
قانداق چىداش مۇمكىن بولسۇن ئەمدى بۇ چوڭ جاراھەتتە
ئەي ئەزىزىم كەچۈر ئاكاڭ يارىماسنى
كۈلپىتىڭگە ھامى بولماس قارىماسنى
سەن گۈھەرنى قوغدىيالماس يارىماسنى
ھىچ بولمىسا خەتەر بار دەپ سارىماسنى
كىمدىن سورار بۇ ھىسابنى تاڭنا مەشھەر قىيامەتتە
-------------(بەك بەك بەك ئاچىق كۈلۈمسىرەش)--------------
-مەركىزى شەھەر
-2014.6.21