- جۇغلانما
- 835
UID42787
تىزىملاتقان2014-6-13
ئاخىرقى قېتىم2014-8-19
توردا21 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 835
- ئاقچا
- 5
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا nurehmet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-21 13:41
ئالدىنقى قېتىم رامىزاننىڭ ۋاقتىنى ھېسابلاش كودىنى ئالغاچ كەلدىم دەپ بىر تېما يوللىغان ئىدىم،بۈگۈن يەنە ئولتۇرۇپ مىلادىيە-ھېجرىيە كالىندارىنى ئۆز ئارا ئايلاندۇرۇپ كۆرسېتىش كودى بىلەن قوشۇپ،رامىزان ۋاقتىنى تەتۈر ھېسابلاش كودىنىمۇ ئالغاچ كەلدىم،
ئەمىسە يەنە شۇ گەپ،راڭپىزىدىن كاۋاپ ياخشى، قۇرۇق سۇئالدىن جاۋاب!
كود مانائۈنۈمىنى بۇ يەردىن كۆرىمىز دەيمەن
يەنە دېسەم يەنە شۇ گەپ،ئىچىدىكى يىل،ئاي،كۈن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك خەتلەرنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۆزىمىزگە بويسۇندۇرالايمىز.
قىسقىچە ئەسكەرتىش::بۇ پەقەت كود ئۈنۈمىنى تەمىنلەش ئۈچۈنلا تەمىنلەندى،رامىزان،روزا ھېيت،قۇربان ھېيتنى ھېسابلاشتا ئاي كۆرۈش ئاساس قىلىنىدۇ.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ :«سىلەر رامىزان ئېيىدىن بۇرۇن روزا تۇتماڭلار ، سىلەر ئاي كۆرۈپ روزىنى باشلاڭلار ،ئاي كۆرۈپ روزىنى تاماملاڭلار ، ئەگەر ئاينى بۇلۇت توسۇۋالغان بولسا ، شەئبان ئېيىنى 30كۈن توشقۇزۇڭلار » دېگەن ھەدىسى بويىچە ،8-ئاي شەئبان (ئەسلى 29-كۈنلۈك جۈپ ئاي)نىڭ 29-كۈنى كەچتە ئايغا قاراش كېرەك ، ئەگەر ھىلال ئاي (يېڭى ئاي)كۆرۈنسە ، شەئبان ئېيى ئاخىرلىشىپ شۇ كەچتىن باشلاپ روزا ئاي (9-ئاي)باشلانغان بولىدۇ دە ، ئەتىسى سەھەردە روزىغا كىرىش كېرەك ، بۇ چاغدا 8-ئاي ئەسلىدىكى خۇسۇسىيىتى بويىچە كىچىك ئاي بولىدۇ.ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە ، ئىككىنجى كۈننى ئۆتكۈزىۋىتىپ(يەنى ھەدىسنىڭ روھى بويىچە شەئباننى 30كۈن قىلىۋىتىپ )3-كۈنى سەھەردە روزىغا كىرىش كېرەك ، بۇ ھالدا بۇ كۈن 9-ئاي (رامىزان ئېيى )نىڭ بىرىنجى كۈنى بولىدۇ دە ، 8-ئاي ئەسلىدىكى جۈپ ئايدىكى كىچىك ئايلىق خۇسۇسىيىتى يوقۇتۇپ چوڭ ئاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.روزا تۇتۇپ رامىزاننىڭ يەنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتە يەنە ئايغا قاراش كېرەك ،ئەگەر ھىلال ئاي كۆرۈلسە ،ئوخشاشلا ھەدىسنىڭ روھى بويىچە رامىزان ئاخىرلاشقان ۋە شەۋۋال(10-ئاي)باشلانغان بولىدۇ ،بۇ ھالدا 9-ئاي ئەسلىدىكى تاق ئايلىق چوڭ ئايلىق خۇسۇسىيىتى يوقۇتۇپ كىچىك ئاي سانىلىدۇ. ناۋادا ھىلال ئاي كۆرۈنمىسە ، روزىنى يەنە بىر كۈن ئۇزارتىش كېرەك ،بۇ چاغدا 9-ئاي يەنى رامىزان ئېيى يەنىلا چوڭ ئاي بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھاللاردا بەزىدە ئىككى خوشنا ئاي ئوخشاشلا چوڭ ئاي ياكى كىچىك ئاي بولۇپ قېلىشى ياكى قائىدىگە خىلاپ ھالدا جۈپ ئاي چوڭ ئاي بولۇپ ، تاق ئاي كىچىك ئاي بولۇپ قېلىشىمۇ مۈمكىن . ئاللاھ ھەقتۇر ! ئاللاھ پاكتۇر ، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر!
دېققەت قىلىش كېرەككى ، ھىلال ئاي كۆرۈنمەي قالغاندا ، روزىنى پەقەت بىر كۈنلا ئۇزارتىپ (ئۇ ئاخشىمىمۇ ھىلال ئاي كۆرۈنمىگەن تەقدىردىمۇ)ئەتىسى روزا ھېيت قىلىش كېرەك ،چۈنكى ئىككىنجى كۈنى يەنە ھېلال ئايغا قاراش ھاجەت ئەمەس ، ئەگەر ھىلال ئاي يەنە كۆرۈنمىدى ،دەپ روزا تۇتۇلسا دۇرۇس بولمايدۇ ؛چۈنكى بۇ كۈن روزا ھېيتقا تەۋە بولۇپ ، بەلگىلىمىدە ھېيت كۈنى روزا تۇتۇش ھارام(مەنئى) قىلىنغان.[ |
|