- جۇغلانما
- 771
UID42803
تىزىملاتقان2014-6-13
ئاخىرقى قېتىم2015-5-29
توردا193 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 771
- ئاقچا
- 0
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abliz883 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-19 22:24
ئاندىرۇيىد بىلىملىرى[3]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئالىپ تورىنىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ.
بۈگۈن كەچ يەنە ئالىپتىكى دوستلارغا ئۆزۈم پايدىلىق دەپ قارىغان يەنە بىرنەچچە ئاندرويد بىلىملىرىنى ئېلىپ كەلدىم. ياقتۇرۇپ پايدىنىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
1.
ئاندرويد يانفۇنىدىكى كۇنۇپكىلارنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش:
RE باشقۇرغۇچ ئارقىلى System/usr/keylayoutqwerty.kl دەپ بىر ھۆججەت بار ،بۇ ھۆججەتنى تېكېست تەھرىرلىگۈچتە(ئەگەر چەكسىڭىز بىۋاستە ئېچىلمىسا ھۆججەتنى سەل بېسىپ تۇرسىڭىز ۋىندوۋسنىڭكىدەك ھۆججەت ئېچىش تاللانمىسى چىقىدۇ،شۇنىڭدىن ئېچىش شەكلى دېگەندىن تېكېست تەھرىرلىگۈچ دېگەننى تاللىسىڭىز تېكېست تەھرىرلىگۈچتە ئېچىلىدۇ) ئېچىپ كۇنۇپكىلار ۋە كۇنۇپكا ئىقتىدارىنى بەلگۈلەيدىغان كود نۇمۇرى بار،مەسىلەن
key 102 HOME WAKE-DROPPED (باش بەت)
key 139 menu WAKE-DROPPED (تىزىملىك)
WAKE-DROPPED key 217 SEARCH (ئىزدەش )
key 158 BACK WAKE-DROPPED (چېكىنىش )
دېگەندەك
WAKEWAKE-DROPPEDبولسا ئېكران ئوچۇق ياكى ئۆچۈك ھالىتىدە ئوخشاشلا ئىشلەيدۇ،ئەمىلىيەتتە كۆپ پەرقى يوق. شۇلارنىڭ ئىچىدىن، WAKE-DROPPED key 217 SEARCHSEARCHدېگەن قىممەتنى POWER دەپ ئۆزگەرتىپ ساقلاپ چېكىنگەندىن كېيىن،يانفوننى قايتا قوزغىتىپ ،ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى يەڭگىل باسسىڭىز ئېكران ئۆچۈپ قۇلۇپلىنىدۇ،ئۇزاقراق بېسىپ تۇرسىڭىز ئۆچۈرۈش تاللانمىلىرى چىقىدۇ،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسىنىڭ رولى ئىزدەش كۇنۇپكىسىغا يۆتكىلىدۇ.دېمىسەممۇ بىلىسىلەر،بەزى يانفونلارنىڭ ئۆچۈرۈش كۇنۇپكىسى چوققىسىدا بولۇپ،قولنى ئۇيەرگە ئاپارماقتىن ئاستى تەرەپتىكى ئىزدەش كۇنۇپكىسىنى بېسىش قولايلىق.ھەمدە كۆپ قىسىم يانفونلارنىڭ ئىزدەش كۇنۇپكىسى چەكمە كۇنۇپكا بولغاچقا فىزىكىلىق جەھەتتە ئاسان بۇزۇلمايدۇ. ئەمدى گەپنى ئازراق سوزۇپ قويسام،بايام يازغان POWER خەتنىڭ ئورنىغا CAMERA يېزىپ قويسىڭىز ئىزدەش كۇنۇپكىسى كامېرانى ئاچىدىغان كۇنۇپكىغا ئايلىنىدۇ،مانا مۇشۇنداق قىلىپ خالىغان كۇنۇپكىغا خالىغان ئىقتىدارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغىلى بولىدۇ.
2.
يۇيۇلغان سىستېما ئەپلىرىنى ئەسلىگە ئەكىلىش:
ئۇسۇلى: بۇنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلىنىلا سۆزلەپ ئۆتەي، ئۇ بولسىمۇ سىز يۇيىۋەتكەن،سېستىما بىلەن بىرگە قاچىلانغان ئەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە، سىز قاچىلىغان شۇ سېستىما بولىقىنى(rom بولىقىنى دىمەكچى)چوقۇم ساقلاپ قويىسىز ئەلۋەتتە، دەل سېز يانفۇنىڭىزغا قاچىلىغان شۇ روم بولىقىنى reھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق ئېچىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىنsystem/appنى يىشىپ ئېچىقىسىز، ئۇنىڭدىن كىيىن يىشىپ چىققان ئەپ ھۆججىتىنى يەنىappدىگەن ھۆججەت خالتىسىنى، يەنەre管理器بۇ ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق يانفۇنىڭىزنىڭ systemدىگەن ھۆججىتىگە كىرىپ ئۈستىلەپ چاپلىسىڭىز، يانفۇنىڭىز قايتا قوزغىلىدۇ، يانفۇن قوزغالغاندا بولسا يۇيۇلۇپ كەتكەن بارلىق ئەپلىرىڭىز ئەسلىگەكىلىپ بولىدۇ.
3.
SDكارتا بىلەن ئىچكى ساقلىغۇچنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش:
ئاۋال چوقۇم يانفون root ھوقوقىغا ئېرىشىشى كېرەك . ئىككىنچى قەدەمدە RE管理器نى قاچىلىۋالىمىز، ئاندىن system/etcدىكى vold.emmc.fstabبىلەنvold.fstab نى sd كارتىغا بىر نۇسخا كۆپەيتىۋالىمىز،ئاندىن كۆپەيتىۋالغان vold.emmc.fstabبىلەنvold.fstab نىڭ ئىسمىنى ئالماشتۇرىمىز(vold.emmc.fstabنىvold.fstab گە vold.fstabنىvold.emmc.fstabنىڭگە ئالماشتۇرىمىز)،كېيىنكى قەدەمدە ئىسىم ئالماشتۇرغان بۇئىككى ھۆججەتنى system/etcغا كۆچۈرۈپ ئاندىن بۇ ئىككى ھۆججەتكە ھوقوق بېرىمىزrw-r--r--. ئاخىرىدا يانفوننى قايتا قوزغاتساقلا بولىدۇ.
4.
ئاندرويد يانفۇنلارنىڭ wifiئۇلانماسلىقىنى ھەل قىلىش:
1. يانفوننى قايتا قوزغىتىش.
ئالدى بىلەن يانفوننى ئۆچۈرۈپ ، باتارىيەسىنى ئېلىۋىتىپ 30 سېكۇنىتتىن كېيىن باتارېيەنى سېلىپ يانفوننى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ .
2.يانفوننىڭ WiFi قايتا ئېچىش.
3.ئەسلىدىكى تورنى ساقىت قىلىش.
ئەگەر ئىلگىرى يانفونىڭىز باشقا بىر سىمسىز تور تارقاتقۇچ تارقاتقان سىمسىز تورنىڭ IP ئادېرىسىنى ساقلىۋالغان بولسا ھازىرقى WiFi غا ئۇلىغاندا يانفون ئالدى بىلەن ھازىرقى wiFi سىناپ باقىدۇ. ئەگەر ئادېرىس شەكىلى ئوخشاش شۇنداقلا ئادېرىس توقۇنۇشى يۈز بەرمىگەن بولسا تورغا نورمال ئۇلىنىدۇ ، ئەگەر نورمال ئۇلانمىسا ئەسلىدە ساقلىنىپ قالغان تور دائېرىسىنىڭ سىرتىغا چىقىش كېرەك . يەنى:
(1) يانفوننى ساقىت قىلماقچى بولغان تور دائىرىسىنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىش.
(2) بۇ تورنى ساقىت قىلىش
(3)ئۇلىماقچى بولغان تور دائىرىسىگە بېرىپ تورنى تاللاش
(4) پارول كىرگۈزۈپ تورغا ئۇلاش.
4.WiFi پارولىنى تەكشۈرۈش.
ئەگەر يانفونىڭىز مەلۇم WiFi نىڭ پارولىنى ئەستە تۇتىۋالغاندىن كېيىن ئۇ تورنىڭ پارولى ئۆزگەرتىلگەن بولسا توغرا پارولنى كىرگۈزمىسىڭىز تورغا ئۇلانمايدۇ .
5.
يانفۇننىڭ توك پىرسەنتىنى چىقىرىش:
.بىرنچى: تېلفونىڭىز روتلانغان بۇلشى كېرەك.
ئىككىنچى: RE باشقۇرغۇچ بۇلشى كېرەك .تۆۋەندىكى كود نى RE باشقۇرغۇچ ئارقىلىق system غا كىرىپ build.prop نى ئۇزاق بېسىپ تۇرۇپ تېكىست تەھرىرلىگۈچتە (使用文本编辑器打开)ئېچىش دېگەننى تاللاڭ. ئاندىن ئەڭ ئاخىرغا بۇ كودنى
ro.config.hw_battery_percent=true
قۇشۇپ ساقلاپ بۇلۇپ تېلفوننى قايتا قوزغاتسىڭىز بولىدۇ.
تىمامنى چۇققىلاپ قۇيۇڭلا دوسلا پايدىلانسۇن |
|