- جۇغلانما
- 1975
UID23546
تىزىملاتقان2013-9-19
ئاخىرقى قېتىم2015-3-26
توردا494 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1975
- ئاقچا
- 0
|
3G تورىنىڭ ئۇمۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، سىمسىز تور تېخنىكىسى كۈندىن-كۈنگە پىشىپ يېتىلمەكتە. يان تېلفوندا ئەپلەردىن پايدىلىنىپ سىنلىق پاراڭلىشىش، خەلىقئارا ئۇچۇر تورىدىن پايدىلىنىش، تور مۇھىتىدا كىتاپ كۆرۈش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش قاتارلىق مول مەزمۇنلاردىن ئورتاق پايدىلانغىلى بولىدۇ. بۇ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەمەلى قوللىنىلىشى ۋە تېز سۈرئەتتە تارقىلىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ،يان تېلفون ئىقتىدارى تېخىمۇ ئەقلى ئىقتىدارلىق بولۇشى كېرەك.
ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلفون ئۇقۇمى
ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېفون (Smart Phone) دەپ ئاتىلىۋاتقان سېستىما كومپىييۇتېرغا ئوخشاش مۇستەقىل مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ، يان تېلفون ئىشلەتكۇچىلەر ئۆزى خالىغانچە يۇمشاق دېتاللارنى قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدىغان، ئويۇن قاتارلىق 3-خىل مۇلازىمەت ساھەسىدىكى پىروگراممىلار تەمىنلەنگەن مەشغۇلات سېستىمىسى. بۇخىل پىروگراممىلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق يان تېلفون ئىقتىدارىنى ئاشۇرغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆچمە تورلار ئارقىلىق سىمسىز تورغا ئۇلاشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان يان تېلفونلارنىڭ ئۇمۇمى ئاتىلىشى - ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلفون.
ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلفون ئادەتتىكى سېزىمچان ئېكرانلىق يان تېلفونلاردىن پەرىقلىنىدۇ. ئادەتتىكى سېزىمچان ئېكرانلىق يان تېلفونلارنىڭ ئىشلىتىدىغىنى يېپىق ھالەتتىكى مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەمەلى ئىقتىدارى چەكلىك.
ئەقلى ئىقتىدارلىق يان تېلفون مۇنداق بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:
1. ئادەتتىكى يان تېلفونلارنىڭ بارلىق ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، نورمال ئالاقە قىلغىلى بولۇش.
2. سىمسىز تورنىڭ خەلىقئارا ئۇچۇر تورىغا ئۇلىنىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، GSM تورىدىكى GPRS، ياكى 3G 4G تورىنى قوللاش.
3. PDA ئىقتىدارىنى ھازىرلاش، PIM يەنى شەخسى ئۇچۇر باشقۇرۇش ، كۈندىلىك خاتىرە، كۆپ ۋاستە ئىقتىدارى، تور كۆرگۈچ قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
4.ئېچىۋېتىش خارەكتېرىدىكى مەشغۇلات سېستىمىسىنى ھازىرلاش، مەشغۇلەت سۇپىسىدا كۆپلىگەن يان تېلفون يۇمشاق دېتاللىرىنى قاچىلاپ ئىشلىتىش.
5. ئىقتىدارى يۇقىرى، كېڭىيىشچانلىقى كۈچلۈك ، 3- خىل مۇلازىمەت تىپىدىكى يۇمشاق دېتاللارنى قوللاش.
Android مەشغۇلات سېستىمىسى ھەققىدە بايان
Android مەشغۇلات سېستىمىسى بولسا ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفون سېستىمىلىرى ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەشغۇلات سېستىمىسى بولۇپ ، ئۇ Linux ئىچكى يادروسى ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن، يانفون يۇمشاق دېتاللىرىنى تېز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدىغان يېڭىچە سۇپا.
Android مەشغۇلات سېستىمىسى بىر قەدەر ئاددى بولسىمۇ ، لېكىن ئىقتىدارى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇ ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىززىق نوقتىغا ئايلاندى ھەمدە كەلگۈسىدە يۇمشاق دېتال ساھەسىدىكى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئېقىمغا ئايلانغۇسى.
داۋامى بار...
مەزكۇر ماقالە كومپىيۇتېر ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلىدىن ئېلىندى. ئاپتورى: ئالىمجان ئوسمان(شاھدىيارى)
ئەگەر تورداشلار پايدىلىنىش قىممىتى بار دەپ قارىسا ئاخىرى داۋاملىق يوللىنىدۇ. |
|