- جۇغلانما
- 1153
UID1336
تىزىملاتقان2011-5-12
ئاخىرقى قېتىم2014-4-25
توردا382 سائەت
باشقۇرغۇچى
  
- نادىر
- 1
- جۇغلانما
- 1153
- ئاقچا
- 46

|
مىكرو سوفىت شىركىتى بۈگۈن Building Windows 8 بلوگىدا ، Windows 8 نىڭ كۆپ خىل تىل قوللىشىنى تۇنۇشتۇردى .يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان Windows 8 غا Windows 7 گە قارىغاندا يېڭىدىن ئۇيغۇرتىلىنى ئۆزئىچىگە ئالغان 14 خىل تىل قوشۇلىدىغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن ئارايۈز ئومومىي تىلىنىڭ 109 خىلغا يېتىدىغانلىنى ئاشكارلىدى (Windows 7 دە ھازىرغىچە ئىشلىتىشكە بولىدىغان تىل 95 خىل) . مىكروسوفىت بۇ ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياندىكى كۆپ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا تېخىمۇ تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .بۇ سان ئاللىقاچان ئالما قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ قوللايدىغان تىل سانىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن .
يېڭىدىن قوشۇلغان 14 خىل تىل تۆۋەندىكىچە :
ئىنگىلىزتىلى (ئەنگىلىيە)
پەنجاپ تىلى (پاكىستان)
سىندى تىلى (پاكىستان)
مەركىزى كورد تىلى (ئىراق)
ئۇيغۇرتىلى (جۇڭگو)
بىلروسيە تىلى (بىلروسىيە)
كىنيارىۋاندا تىلى(رىۋاندا)
تىگرىنيە تىلى (ئىفئوپىيە)
تاجىك تىلى (تاجىكىستان)
ۋولۇف تىلى (سېنگال)
كى ئىچە تىلى (گىۋاتىمالا)
چېروكى تىلى (ئەنگىلىيە)
سكوتىش گالىك تىلى (ئەنگىلىيە)
ۋالىنسىيە تىلى (ئىسپانىيە)
(ئەسكەرتىش : بۇ تىللارنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم تىللار ئاڭلاپ باقمىغان تىللار ئىكەن ، شۇڭا ئىنگىلىزچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە ئالدىم)
تىل
ئەھۋالدىن قارىغاندا ، بىزنىڭ ئانا تىلدا سېستىما ئىشلىتەلەيدىغان كۈنلىرىمىزگىمۇ ئاز قالغان ئوخشايدۇ .
خەۋەرنىڭ ئەسلى مەنبەسى :Building Windows 8 بلوگى
خەنزۇچىسى : http://cnbeta.com/articles/173647.htm
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yarghol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-2-23 12:16
|
|