|
ئەسسالامۇ ئەلايكۇم تورداشلار.
مەن سىلەردىن جىددى ياردەم سۇراپ كەلدىم.
مەندە بىر ئاي ئىلگىرى سونىst18 دىن بىرنى ئالغانتىم.نەشرى 2.3.3 ئىكەن. بىرنەچچە كۈندىن بىرى سىستىما يېڭىلاڭ دەپ ئەسكەرتىش چىقىپلا تۇراتتى.بۈگۈن يېڭىلاپ قۇياي دەپ چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق بەرگەنتىم. چۈشۈرۈپ بولغىچە توكى ئاز قاپتىكەن. چۈشۈرگەن سىستىمىنى ئورنىتاي دەپ تۇكى ئازراق بولغاندىكىن سىملىق توك قاچلىغۇچقا چېتىپ تۇرۇپ قاچىلاشقا بۇيرۇق بەرگەنتىم تېلپۇن ئىتىلىپ سىستىمىنى يېڭىلاۋاتقان سىن بەلگە كۆرۈنۈپ تۇرۇپ تاماملانغاندىن كىيىن ئىكران ئۆچتى. شۇنىڭ بىلەن ئېچىلا دەپ قاراپ تۇرسام ئېچىلمايدۇ. توكتىن ئېلىپ ئېچىش كۇنۇپكىسىنى باسسام ھېچ قانداق شەپە يوق. جىملا تۇرىدۇ. باشقا باتارىيەنى سالساممۇ يەنىلا شۇنداق ئىنكاس يوق.بەكلا ئىچىم پۇشۇپ كەتتى.
ئۇستازلار بۇ زادى نىمە سەۋەپتىن مۇشۇنداق بولغاندۇ. سىستىما يېڭىلاشتىن ئاۋال ناھايتى نورمال ئىدى، سىستىما يېڭىلىغاندىن كىيىن ھېچ قانداق ئىنكاس يوق ھەتتا توكمۇ ئۆتمەيدۇ.
بۇ تېلپۇننى تېخى ئالغىلى ئۇزۇن بولمىغانتى.
ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن. ھەقلىق ياردەم قىلساڭلارمۇ بۇلىدۇ. تېلپۇن ئوڭشىلىدىغان ئىش بولسا ھەقلىق بولسىمۇ مەيلى.
توك ئۆتمەيدۇ. ھېچ قانداق ئىنكاس يوق.
بىلىدىغانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار. |
|