| 
 | 
	
 
| 
 
 كۆچمە خەۋەرلىشىش ئېشىپ كەتكەن ئېقىم مىقدارى پۇلىنى ئەمدى  قايتۇرمايدىكەن. 
 
ئەگەر سىز كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابۇنتى بولسىڭىز 2014-يىل 6-ئاينىڭ1-كۈنىدىن بۇرۇن ئايلىق ئېقىم مىقدارىڭىز ئېشىپ كەتكەن بولسا ئېشىپ كەتكەن قىسىمىغا مىگابايتىغا بىر يۈەندىن پۇل تۇتاتتى. لىكىن ياخىشى يېرى شۇ ئاي ئىچىدە ماس كىلىدىغان ئېقىم مىقدارىنى  قوشۇپ ئاچقۇزىۋەتسىڭىز پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرەتتى. مەسىلەن :سىز ئايدا بەش يۈەنگە 30mb ئېقىمنى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز ئېقىم مىقدارىڭىز تۈگەپ يەنە 10mb ئېشىپ كەتكەن بولسا 10يۈەن تۇتىۋالاتتى. لىكىن يەنە بەش يۈەنلىك ئېقىم مىقدارىنى ئاچقۇزۋەتسىڭىز ئېشىپ كەتكەن 10mbنى يېڭىدىن ئاچقۇزغان ئېقىمدىن تۇتىۋىلىپ بەش يۈەن پۇلىڭىزنى قايتۇرۇپ بىرەتتى.تېخى يەنە 20mbئېقىم مېقدارىڭىز قالاتتى.  
2014-يىل 6-ئاينىڭ1-كۈنىدىن باشلاپ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئېشىپ كەتكەن پۇلنى قايتۇرۇشنى بىكار قىلىپ ئېشىپ كەتكەن ئېقىم ھەققىنى تۆۋەنلەتتى. يەنى ئەسلىدىكى مىگابايتىغا ئېلىنىدىغان بىر يۈەننى ،0.29 يۈەنگە چۈشۈردى. ئېقىم مېقدارىم ئېشىپ كىتىپتۇ دەپ ئېقىم ئاچقۇزسىڭىز پەقەت يېڭى ئاچقۇزغان ئېقىم قوشىلىدۇ لىكىن پۇلىڭىز قايتۇرۇلمايدۇ. شۇڭا ئېقىمنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ ئاچقۇزۋىلىڭ.  
يېڭى يولغا قويۇلغان ئېقىم مىقدارى باھاسى: 
 
30يۈەنگە 500mb  
40يۈەنگە 700mb  
50يۈەنگە 1G  
70يۈەنگە 2G  
100يۈەنگە 3G 
130يۈەنگە 4G  
180يۈەنگە 6G  
280يۈەنگە 11G  
شۇ ئايدا قوشۇپ ئاچقۇزغىلى بولىدىغان ئېقىم بوغچىسى پەقەت بىر خېللا بولۇپ 10يۈەنگە 100mb. بۇ ئېقىم ئاچقۇزغان ۋاقىتتىن باشلاپ شۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئېگە بولىدۇ.  
 
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئەلتەشنا ئۈندىدار سالونىدىن كۆچۈرۈپ كېلىندى.  |   
 
 
 
 |