ئېلان قوبۇل قىلىش تېلېفونى: 13999061557
كۆرۈش: 1431|ئىنكاس: 6
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

ئاندرويد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

11

تېما

19

يازما

130

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
310
ئاقچا
6
ئاندرويد تېلېفۇندىكى ئۇيغۇرچە

(قۇتبىلىك)


(تۆۋەندە ئاندرويد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفونلار ئاندرويد تېلېفۇن دەپ ئېلىنىدۇ،ئاندرويد سىستېمىسى ھەققىدە بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كىرىپ كۆرۈڭ، تۇنجى ئاندرويد تېلېفۇننى بىلمەكچى بولسىڭىز بۇ يەردىن كۆرۈڭ).
ئايفون بولسا ئالما شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئالما MAC سىستېمىسىنى يادرو قىلغان،يېپىق كودلۇق   ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفۇن.
موبايىل تېلېفونى بولسا مىكروسوفت شىركىتى بازارغا سالغان Windows سىستېمىسىنى يادرو قىلغان يېپىق كودلۇق ئەقىلىي ئىقتىدارلىق تېلېفۇن .
بۇ ئىككى خىل تېلېفۇن  كۆپچىلىككە ئاساسەن تۇنۇش ، بۇھەقتە كۆپ سۆزلەشنىڭ ئورنى يوق .
بۈگۈن باش تىما بولىدىغان  "ئاندرويد تېلېفۇن"  گوگېل شىركىتى ئىشلەپ چىقارغان ئاندرويد سىستېمىسى قاچىلانغان تېلېفۇنلارنىڭ ئۇمۇمىي ئاتىلىشى بولۇپ، ھازىرغىچە ئوخشاش بولمىغان ماركىدا ، ئوخشاش بولمىغان باھادا نۇرغۇنلىغان تىپلىرى بازارغا سېلىندى.
مەسىلەن: HTC ، Motrolla،联想، LG ،Samsung قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ ھەرخىل تىپتىكى ئاندرويد تېلېفۇنلىرى.
يۇقىرىدىكى ئاندرويد سىستېمىسى ھەققىدە دېگەن ماقالىدە كۆرسىتىلگەندەك بۇ سىستېما ئوچۇق كودلۇق سىستېما بولۇپ، شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ گوگېلنىڭ مۇناسىۋەتلىك كېلشىملىرىگە بويسۇنغان ئاساستا  ئۆزگەرتسە تەرەققى قىلدۇرسا بولىدۇ.
شۇ سەۋەپتىن ئەينى چاغدا ئۇيغۇرلاردا مۇنبەر قۇرۇش مودا بوپ كەتكەندەك ھازىر ھەرقايسى تېلېفۇن  شېركەتلىرىدە ئاندرويد تېلېفۇن  ئىشلەپچىقىرىش مودا بوپ كەتتى .
ئۇچۇق كودلۇق بولغانلىق سەۋەبىدىن، نۇرغۇن شىركەتلەر سىستېما ئەسلى كودىنى گوگېلنىڭ تور بىكىتىدىن چۈشۈپ مۇناسىۋەتلىك قىسىملارنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئۆزگەرتىپ ، ئۆزىنىڭ تېلېفۇنلىرىغا قاچىلاپ بازارلاشتۇرۇپ تارقىتىشقا باشلىدى.(توردا كۆرسىتىلىشىچە مۇنداق قىلغاندا 15پىرسەنتتىن 25 پىرسەنتكىچە بولغان سېلىنمىنى تېجەپ قالغىلى بولىدىكەن).
مەيلى قايسى شىركەتنىڭ قايسى خىل تىپتىكى ئاندرويد تېلېفۇنى بولىدىكەن، ئۇ گوگېل شىركىتى تەمىنلىگەن كود ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن بولغاچقا (يادروسى، مەنبەسى بىر بولغاچقا) بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھازىرچە ئاندرويد تېلېفۇن  دەپ ئاتاپ تۇردۇق.
ئاندرويد تېلېفۇن  قولۇمغا چۈشكەن ھامان تۇنجى قىلغان ئىشىم ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان تېكىست ھۆججىتىنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش بولدى ، نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك بىر نەرسىلەر كۆرۈندى، ئىككىنچى بولۇپ تېلېفۇننىڭ تور كەسپىنى ئېچىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆرۈش بولدى ، نەتىجە شۇكى كاتەك كاتەك ...
توردىن ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم، يەنە ئەڭ ئالى ھوقۇق لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلدىم. كۆرگەن بىلگەنلىرىم بويىچە سىناش ئارقىلىق توردا تارقىلىپ يۈرگەن ئۇيغۇر يانفۇن خەت نۇسخىسىنى تېلېفۇننىڭ خەت نۇسخا ئامبىرىغا قاپلاپ كۆچۈرۈپ ، ئاندىن قايتا قوزغىتىپ ئۇيغۇرچە توربەتلەرنى كۆردۈم. خۇداغا شۈكرى ھەر ھالدا ھەرپلەر بولسىمۇ نورمال كۆرۈندى ، لېكىن ھەرپلەر ئۈزۈك –ئۈزۈك ھالەتتە ئىدى ، خەت يۆنىلىشى سولدىن ئوڭغا بولۇپ ئۇيغۇرچە ھەرپلەرنى سولدىن ئوڭغا قوشۇپ ئوقۇسا ئاندىن بىلگىلى بولاتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟  ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىزدىنىش كېرەك .
توردىن ماتېرىيال كۆرۈش ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئوڭدىن سولغا ئۇلاپ يېزىلىدىغان خەت بىلەن سولدىن ئوڭغا ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەرنىڭ سىستېمىدىكى ئىپادىلىنىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتىم ، ئىنگلىزلار بولامدۇ، خەنزۇلار بولامدۇ ئۇلار پروگرامما تۈزگەندە ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان شەكىلنى ئىشلىتىدىكەن ، بىزدەك ئەرەبچە يېزىق تۈرىدىكى ئۇلانما يېزىق ئىشلىتىدىغانلار بىلەن بولغان پەرقى بىرتال كىچىك بوشلۇق ئىكەن ، يەنى ئۈزۈلۈپ يېزىلىدىغان خەتلەر يېزىلغاندا ھەربىر ھەرپتىن كىيىن بىر كىچىك بوشلۇق ئاپتوماتىك قويۇلۇپ ماڭىدىكەن .
ئەگەر مۇشۇ قويۇلىدىغان بوشلۇققا شەرت بېرىپ ئەرەبچە يېزىقلار ئائىلىسىدىكى ھەرپلەر بېسىلغاندا ئاپتوماتىك قويۇلمايدىغان قىلىپ قويسا بىزنىڭ يېزىقىمىزمۇ ئۇلىنىدىغان بولىدىكەندە ...  مۇشۇ خىياللار بىلەن سىستېما ئىچىدىكى ھۆججەتلەرنى بىردىن بىردىن تەكشۈرۈشكە باشلىدىم. لېكىن ھەممىسى بىرخىل بولاق شەكلىدە ئىدى، بۇ سىستېمىنىڭ ھۆججەت قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ بىر پرېسلانغان ھۆججەت شەكلى ئىكەنلىكىنى ۋىنرار قاتارلىق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يەشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدىم .
ئىلگىرىلەش بەك ئاستا بولۇۋاتاتتى ، بارلىق ھۆججەتلەرنى دېگۈدەك يېشىپ كۆردۈم ، كۆپىنچىسىنىڭ ئىچىدە پاروللانغان XMLھۆججىتى بار بولۇپ، بۇنى ئادەتتىكى ئۇسۇلدا ئېچىپ كۆرگىلى بولمايدىكەن ، يەنە ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇ نىڭ ئىچىدىكى مەزمۇنلاردا كۆرەلەيدىغان بولدۇم ، لېكىن بۇ يېتەرلىك بولمىدى. مەن كۆرگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى قوللىنىلىشچان دىتاللار قىسمى بولۇپ چىقتى ، يەنە بىرقەدەم ئىلگىرلىگەن ئاساستا باشقا ئىچكى قىسىم ھۆججەتلىرىنى تەكشۈرۈشكە باشلىدىم ، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئاخىرى يېزىق شەكلىنى كونترول قىلىدىغان ھۆججەتنى تېپىپ چىقتىم، ئىچكى قىسمىدىكى ساپ پروگرامما كودى بولۇپ بۇنى ئۆزگەرتىش كېرەك ئىدى، قانداق ئۆزگەرتىش كېرەك؟ نېمىدە ئۆزگەرتىش كېرەك ؟
قىزىقىش بولغان ئىكەن داۋاملىق ئىزدىنىش بولىدۇ ، توختىماي ئىزدىنىش ئارقىلىق بۇمۇ ھەل بولدى .(خۇداغا شۈكرى)
ھۆججەتنى يېشىش ، ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ئۇنىڭ ئىچىدىكىنى يەنە يېشىش ...ئۇنى ئۆزگەرتىش ، ئاندىن قايتا بولاقلاش ، بۇنى يەنە بولاقلاش ...ئاندىن بولاقنى قاپلاپ كۆچۈرۈش ، سىستېمىنى قايتا قاچىلاش ...دىگەندەك نۇرغۇن جەريانلاردىن كىيىن تېلېفۇننى قوزغىتىپ ئۇيغۇر تور بەتلىرىنى كۆردۈم . يائاللا ئاخىرى ئۇلىشىپ چىققان ساپ ئۇيغۇرچە خەتنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم .
بولدى ،بىرىنجى قىلدىغان ئىش تاماملاندى دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ،ئىككىنچى بولۇپ قىلىدىغان ئىش يەرلىكلەشتۈرۈش .
دىتالدىن بىرنى ئېلىپ ئۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ كۆردۈم ، ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى ، ئاندرويد تېلېفۇندا ئۇيغۇرچە دىتال ئىشلىتىش ھەقىقەتەن ھۇزۇر بىلىندى.
خوپ بۇمۇ ھەل بولدى ئەمدىچۇ ؟ ئەلۋەتتە پروگرامما تۈزۈش كېرەك .
پروگرامما تۈزۈش خىيالىمغا كەلگەن ئاشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدىلا تاۋباۋ تورىغا چىقتىم ، ئاندرويد تېلېفۇندا پروگرامما تۈزۈشكە دائىر  تورداشلار تەۋىسيە قىلغان كىتابتىن ئالتىنى ئۈچ يۈز سومغا سېتىۋېلىپ ئەكەلدىم ، كىچە-كېچىلەپ كۆرۈش ئارقىلىق ناھايىتى تىزلا بۇ ئالتە كىتابنى چالا-پۇچۇق تۈگەتتىم، شۇنىڭ بىلەن پروگرامما تۈزۈشنى باشلىدىم ، تېرىشىپ-تىرمىشىپ يۈرۈپ خېلى بىرنەرسە بىلىپ قالغاندا تېكىست ئوقۇغۇچنىڭ ئەسلى كودى ئۇچراپ قالدى، بۇ كودنى ئىجرا قىلىپ ھاسىللانغان دىتالنى تېلېفۇنغا  قاچىلاپ ئۇيغۇرچە تېكىستلەرنى كۆرسەم، قالايمىقان خەنزۇچە خەتلەرگە ئوخشاش بىر نەرسىلەر كۆرۈندى، ھە قارىغاندا تېكىستنىڭ فورمات شەكلىدە مەسىلە باركەندە دەپ ئىزدەپ يۈرۈپ يۇنىكودلۇق فورمات شەكلىنى قاتتىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرچە تېكىسىت ئوقۇغۇچ پۈتكەن بولدى . ھازىر پروگرامما تۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كۆرۈۋاتىمەن .
شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرچە تونۇتۇش ، يەرلىكلەشتۈرۈشكە ئاساس سېلىش ، ساپ ئۇيغۇرچە كۆرۈنمە يۈزدىكى پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق جەريانلار ئاساسەن تاماملانغان بولدى.
مەن ئەمدى ئېسىل دىتالدىن بىرنى تۈزۈشۈم كېرەك  دەپ ئويلايتتىم ئىچىمدە .
ئاۋال بازارنى كۆرۈش ، ئېھتىياجغا قاراپ تۈزۈش كېرەكتە ، شۇنداق قىلىپ ئىنگلىزلار ، خەنزۇلار تۈزگەن دىتاللانى ، خەنزۇلار خەنزۇچىلاشتۇرغان دىتاللارنى كۆزەتتىم. قارىسام كېرەكلىك دىتاللارنىڭ ھەممىسى باركەن ، ئۇلارنى يەنە قايتا تۈزۈشنىڭ ئورنى يوق ، پەقەت ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەتسەكلا بولدى دەپ ئويلىدىم، خەقلەر ياسىغان نۇرغۇنلىغان دىتاللار كومپيۇتېردا بار دىتاللانىڭ مۇھىت ئاتلىغان نۇسخىسى ئىكەن .
مەسىلەن : QQ، تېكىست ئوقۇغۇچ، يۇمشاق دىتال چۈشۈرگۈچ ،PDF ئوقۇغۇچ ...
تۈزدىغاننى خەقلەر تۈزۈپ بوپتۇ ،مەن نېمە تۈزىمەن ، بىزگە (ئۇيغۇرلارغا) بۇ تېلېفۇنغا قاچىلۋالغۇدەك نېمە لازىم ؟ كومپيۇتېردىن يۆتكەيدىغان قانداق دىتاللىرىمىز بار ؟
ئويلاپ –ئويلاپ Windows xp گە يېڭىلا ئۇيغۇرچە پروگرامما تۈزۈش باشلانغان ۋاقىت ئىسىمگە كەلدى، ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ ياسالغان، ياسالغاندىمۇ بەس-بەستە ياسالغان ئىدى ، كىيىن لۇغەت ياساش مودا بولدى ، ئاندىن ئۆگۈتۈش دىتاللىرى، ئاندىن قالسا مەخسۇس شىركەت، ئاشخانا ئورۇنلار ئۈچۈن باشقۇرۇش سىستېمسى ...دىگەندەك .
شۇنداق تەرەققىيات ئاستا –ئاستا بولىدۇ، كومپيۇتېردىكى يۇمشاق دېتال ساھەسىمىز خېلى يامان ئەمەس كېتىپ بارىدۇ، ھازىر قارايدىغان بولساق 3Gدەۋرىنىڭ يىتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۆچمە ئالاقە ئۈسكىنىلىرى تۇرۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ ، مۇشۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۆتكەلمە ئۈسكۈنىلەرنىڭ بىرى بولغان ئاندرويد تېلېفۇنى بىزنىڭ قانداق دىتاللارنى ئېچىپ خەلقىمىزگە سۇنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتىدۇ؟
بىز كىرگۈزگۈچ ، لۇغەتتىن (بۇ ئىككى دىتال ياساپ بولۇندى) باشقا يەنە قانداق تېلېفۇن  يۇمشاق دىتاللىرىغا موھتاج؟
بۇنى ئەزىز قېرىنداشلارغا قالدۇردۇم

2

تېما

94

يازما

339

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

1

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
994
ئاقچا
1
QQ
yarqin3988 ۋاقتى: 2012-2-22 00:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭچە ئۆزىمىزگە تەئەللۇق ساپ ئۇيغۇرچە پاراڭلىشىش دېتالى بولۇشى كېرەك
1

3

تېما

37

يازما

273

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
662
ئاقچا
1
Nokiafun ۋاقتى: 2012-2-22 00:59:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى گەپ بوپتۇ. بۇ تېمىنى بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەندەك. ياكى گەپنى بىر يەردە ئاڭلىغاندەكمۇ ئىشقىلىپ.

Android ئۈچۈن كودى ئۆزىمىزدە بولغان پروگىراممىلار جىقلا كېرەك.
بۇ ھەقتە مەن بىر تېما يازماقچى ئىدىم. كىيىنچە  دىققەت توردا بولغاي.

7

تېما

61

يازما

500

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1209
ئاقچا
46
abral ۋاقتى: 2012-2-22 14:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىمگە كەلگەن تۈزۈشكە كېرەكلىك بولغان  ئەڭ ئاددى  ئەپتىن بىرسى بولسا مىلادىيە كالىندارىنى ھىجىرىيە كالىندارىغا ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدىغان ئەپ. بۇنىڭغا يەنە باشقا ئىقتىدارلارنى قوشۇپ قويسىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن بەش ۋاق ناماز ۋاقتىنى بەلگىلەپ قويۇش ، كۈندىلىك ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش دىگەندەك.

0

تېما

75

يازما

112

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
381
ئاقچا
1
qumulam ۋاقتى: 2012-2-22 20:48:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەقەت بىرلاapkھۆججەت بولسا شۇنى قاچلىساقلا شۇنداق كۆركەم ئۇيغۇرتىلى قوللانغىلى بۇلدىغان بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى.....

5

تېما

326

يازما

186

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
846
ئاقچا
31
MuHam_Mad ۋاقتى: 2012-2-23 00:44:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abral بىلەن qumulam قىرىنداشلارنىڭ پىكىرىنى جان دىل بىلەن قوللايمەن،،، تىرىشىپ بىقىڭلار،،قارىغاندا uigur ئەپەندىنمنىڭ خىلى ئىقتىدارى باردەك قىلىدۇ،، ئاللاھ ئىلمىڭلارنى تىخىمۇ زىيادە قىلسۇن،،، ھەم پايدىسىز ئىلىمدىن يىراق قىلسۇن،

11

تېما

19

يازما

130

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
310
ئاقچا
6
uigur  ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-2-26 00:57:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى توردىن چۈشۈرۈپ قويغان ئىكەنمەن. لېكىن قايسى تور بەتتىن چۈشۈرگىنىم ئېسىمدە يوق...
شۇڭا تېما ئىگىسى ۋە ئەسلى تور بەت ئىگىسىدىن كەچۈرۈم سوراش ئاساسىدا، مۇشۇ تور بەتكە مۇناسىپ بولغانلىقى ئۈچۈن يوللاپ قويغان ئىدىم.
مېنىڭچە تىرىشچانلىق- ھەممىمىزنى روناق تاپقۇزىدىغان بىردىنبىر يول...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

تېما يوللاش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش 这是一个自定义按钮
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش