|
دۇنيا ئۇيغۇر تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن "مەن ئۇيغۇر" ناملىق پروگرامما تۈزۈلۈپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
ئاتى: مەن ئۇيغۇر
ئىجرا بولۇش مۇھىتى: ئۆزىنى ئۇيغۇر دەيدىغان ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسى
قاتتىق دېتال تەلىپى: مېڭە باشقا پىروگراممىلارنىڭ يۇيۇشىغا ئۇچىرىمىغان بولۇشى كېرەك.
يۇمشاق دېتال تەلىپى: ئۇيغۇر تىلىدىن ساۋادى بولۇشى كېرەك.
ئالاھىدىلىكى: بۇ پروگرامما قاچىلانغانغاندىن كېيىن ئادەم ئويغانغاندا تەڭ قوزغىلىپ، مېڭىدىكى ئىجرا بولۇۋاتقان باشقا پروگراممىلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. شۇ كىشى شۇنداق پىروگرامما قاچىلانغان يەنە بىر كىشىگە ياكى زۆرۈرىيتى يوق ئەھۋالدا باشقا تىلدا گەپ قىلسا ئەسكەرتىش بېرىدۇ. مەسلەن:
ياۋ سەن با... دېسە مەزكۇر پروگرامما "گىرامماتكىلىق خاتالىق كۆرۈلدى، تۈزىتىپ قايتا سىناڭ" دەپ ئەسكەرتىش چىقىردۇ. ئەسكەرتىشكە بويسۇنماي داۋاملىق ياۋ سەن با دەۋەرسە ئۈچ قېتىملىق ئەسكەرتىشتىن كېيىن "ئېغىر خاتالىق" ئۇچۇرى چىقىپ، بۇ پىروگرامما مېڭىدىن ئاپتۇماتىك ئۆچۈپ كېتىدۇ. ۋە باش مۇلازىمېتىرغا بۇ كىشىنىڭ پىسخىكا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش مۇمكىنچىلىكىنى ھەم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئازايغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ.
قاچىلاش: بۇ پىروگراممىنى مېڭىڭىزگە قاچىلاش ئۈچۈن يوقارقى قاتتىق، يۇمشاق دېتال مۇھىتى ھازىرلانغان بولسا "مەن ئۇيغۇر، ئانا تىلىم-ئۇيغۇر تىلى" دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم ئىچىڭىزدە، ئۈچ قېتىم ئۈنلۈك تەكرارلىسىڭىزلا قاچىلاش تاماملىندۇ.
ئەسكەرتىش: ئىسپىرىتلىق ئىچىملىكلەر ۋە تاماكا، خىروئىن قاتارلىق چىكىملىكلەر ياكى ئەخلاقسىز قىلمىشلار بۇ پىروگراممىنىڭ نورمال ئىجرا بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
|
|