ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1310|ئىنكاس: 21
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

خۇاشو ئەقلىيفون، تاختا كومپىيوتېر، خاتىرە كومپىيوتېر...

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

520

يازما

242

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1380
ئاقچا
0
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ahmetjan88 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-6-3 22:08  

Computex 2014 تەيبىي كومپىيوتېر كۆرگەزمىسى ئېچىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، خۇاشوشىركىتى ( ASUS شىركىتى) تەيبىيدە مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. بۇ قېتىملىق مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، خۇاشو شىركىتىنىڭ باش مۇدىرىيەت رەئىسى- شى چۇڭتاڭ شەخسەن ئۆزى سەھنىگە چىقىپ، بۇ شىركەتنىڭ نۇرغۇنلىغان يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەڭ دىققىتىنى تارتقىنى يەنىلا پۈتۈن يەر شارى بويىچە تۇنجى نۇسخىدىكى ‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن›- Transformer Book V تىپلىق مەھسۇلاتى بولۇپ قالغانىدى، خۇاشو شىركىتى بۇ قېتىم ئېلان قىلغان Transformer Book V تىپلىق مەھسۇلات بىرلا ۋاقىتتا ھەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون، خاتىرە كومپىيوتېر ھەم تاختا كومپىيوتېر قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئىقتىدارغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ مەھسۇلاتنىڭ مەشغۇلات سېستىمىسىنىمۇ Windows、Android قاتارلىق ئىككى خىل مەشغۇلات سېستىمىسىغا خالىغانچە ئالماشتۇرۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن، شۇڭلاشقا بۇ مەھسۇلات ‹بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن› مەھسۇلات دەپ ئاتالغانىكەن. بۇ خىل مەھسۇلاتنى سېتىۋالغۇچىلار بىرلا ۋاقىتتا Windows سېستىمىلىق خاتىرە كومپىيوتېر، Windows سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتېر ۋە Android سېستىمىلىق ئەقلىيفون، Android سېستىمىلىق خاتىرە كومپىيوتېر شۇنداقلا Android سېستىمىلىق تاختا كومپىيوتېرغا ئىگە بولغانغا باراۋەر بولىدىكەن.
Transformer Book V تىپلىق بۇ مەھسۇلات ئىككى قىسىمدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسمى بولسا 12.5 دىيۇملۇق چۇۋۇۋەتكىلى بولىدىغان تاختا كومپىيوتېر، خاتىرە كومپىيوتېر قىسمى ئىكەن، ئىككىنچى قىسمى بولسا 5 دىيۇملۇق ئېكران سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قىسمى ئىكەن. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئالدىنقى قىسمى يەنە تاختا كومپىيوتېر، خاتىرە كومپىيوتېر قىسمىغا بولسا 12.5 دىيۇملۇق HD IPS ئېكرانى سەپلىنىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا Intel شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەنىكەن. بۇ قىسىم مەھسۇلات 4GB لىق ئىچكى سىغىم بوشلۇقىغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سىغىم ساقلاش بوشلۇقى 128GB غا يېتىدىكەن. ئۇنىڭغا يەنە 28Whr لىق باتارىيە سەپلەنگەن بولۇپ، ماسسىسى تەخمىنەن 800 گىرام كېلىدىكەن، مەشغۇلات سېستىمىسى جەھەتتە بولسا Windows 8.1 مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن.
بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىككىنچى قىسمى يەنە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قىسمىغا بولسا 5 دىيۇملۇق سېزىمچانلىقى IPS بولغان ئېكران سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا يەنە كېيىنكى ئەۋلاد Intel 22nm Moorefield تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلىنىلگەن. بۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون قىسمى 4G LTE تورىنى قوللىيالايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچكى سىغىمى 2GB غا، ئەڭ چوڭ سىغىم ساقلاش بوشلۇقى بولسا 64GB غا يەتكۈزۈلگەن. بۇ يانفون قىسمىغا يەنە 8 مىليون پېكسىللىق ئارقا كامىرا ۋە 2 مىليون پېكسىللىق ئالدى كامىرا سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ باتارىيىسىنىڭ توك سەرپىيات مىقدارى سائىتىگە 2550 مىللىئامپىرغا يەتكۈزۈلگەن. ئۇنىڭغا Android 4.4 مەشغۇلات سېستىمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، رازمىرى 148×73×11 مىللىمىتىر، ماسسىسى بولسا تەخمىنەن 140 گىرام كېلىدىكەن.
20140603042711930.jpg
201406030431419517.jpg
20140603043108183888.jpg
2014060304313839822.jpg
2014060304314057511.jpg
201406030431422223.jpg
(ئەسكەرتىش) نۇر تورىدىن ئېلىندى.
201406030430552995.jpg
6665646488.jpg
201406030431515859.jpg
2014060304310649788.jpg
2014060304323057877.jpg
201406030432386842222.jpg
جۇلا ئەپ بازىرى

2

تېما

203

يازما

269

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1576
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 22:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەچەتكەنغۇ بۇ باھاسى قانچە چىقار بۇنىڭ؟

0

تېما

19

يازما

44

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
112
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 22:27:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ  پەيزى كەنغۇ
جۇلا ئەپ بازىرى

6

تېما

173

يازما

115

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
809
ئاقچا
112
ۋاقتى: 2014-6-3 22:35:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تېخى بىر تال ئوخشايدۇ دىسەم كەينى تەرەپكە سېلىپ قۇيىدىكەن ئەمەسمۇ
..

0

تېما

48

يازما

80

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
327
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 22:43:08 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسى قانچىدۇ…؟ يىتوسەنكەنغۇ تېخى تېلپۇنىسىمۇ كومپىيوتىر قوللىغاننى قوللامۇ…؟

0

تېما

149

يازما

147

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
653
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 22:59:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىكەن

3

تېما

76

يازما

163

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
608
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 23:03:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەيۋەنلىكلەريامان جۇمۇ...ئارقىدائامېرىكا بار ئەمەسمۇ...
ئىمان يوقتا ۋىجدان يوق.....

1

تېما

348

يازما

258

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1596
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 23:16:19 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىىقەتەن يامان نىمىلەركەن جۇمۇ بۇ!

9

تېما

347

يازما

170

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1011
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-3 23:22:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ مۇنبەردە بار ئۇيغۇرچە رومنى قاچىلىغىلى بولىدىغان، يەنى 7295 كۇپەي تىلفۇننى ھازىرقى شارائىتتا ياخشىراقىنى ئالساق، نەچچە سومغا بىرە، بىلىدىغانلار بىر جاۋاب بىرۋىتڭلار

7

تېما

398

يازما

344

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1566
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-6-3 23:41:35 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەيۋەننىڭما بۇ ماركا ؟

0

تېما

229

يازما

400

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2592
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-4 00:27:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ كەينىگە چاپلاپ قويغان تېلىفۇنى بەك قوپال كۆرسىتىپ قويدىمۇ نېمە

4

تېما

23

يازما

69

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
214
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-4 00:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايفۇن 5 ئەس بىلەن سامسۇڭ نوتى 3 تىگىشىدىغانلار 315658735 ما ئۈندىدارنى قوشۇڭ!!!!

8

تېما

529

يازما

558

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2217
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-6-4 00:51:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىگە تەڭ ئېسىلۋالسا بىرسىنىمۇ باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ

0

تېما

2

يازما

14

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
31
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-4 00:58:56 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىغۇ بۇكومپىيوتىر باھاسى قانچىدۇ؟

0

تېما

113

يازما

214

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1671
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-6-4 07:32:53 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسلا  قايسىڭلادا  win7  با  سىغىمى كىچىك 32 بىتلىقى  بولسا تەۋسىيە قىلىڭلا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش