- جۇغلانما
- 6021
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-9
توردا1234 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 6021
- ئاقچا
- 71


|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۇمشاق دېتال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-1 11:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ھەممىمىز 360، بەيدۇ، خۇئاۋىي قاتارلىقلارنىڭ تور دىسكىلىرىنى ئىشلىتىمىز،
بەزىدە بىز ھەمبەھىرلىگەن ماتىرىياللارنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرسى يوقاپلا كىتىدۇ،
ئەلۋەتتە مەنمۇ ئىزچىل يۇقارقى تور دىسكىلىرىنى ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدىم،
بىراق ۋىندوۋس سىستېمىلىق يانفۇن ئىشلەتكەندىن بىرى Onedrive غا كۆنۈپلا قالدىم، تىزىملىتىش ئادىرسى بۇ يەرنى چىكىڭ
ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ تور دىسكىسى بەكمۇ قۇلايلىق، ئۇ Microsoft ھىساباتىڭىز بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ!
بۇ تور دىسكىسى مىكروسوفىتنىڭ، بۇرۇنقى نامى Skydrive, بىراق ھازىرقى يىڭى نامى Onedrive بۇ تور دىسكىسىنى مەن سۆيۈپ ئىشلىتىمەن،
چۈنكى بۇ تور دىسكىسىنىڭ مۇلازىمىتى ئۇيغۇرچە، دىمەكچىمەنكى بۇ تور دىسكىسىنىڭ تور بىتى
ئۇيغۇرچىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ!
ئۇنداقتا بىز بۇ سۆيۈملۈك تور دىسكىسىنىڭ بىر نەچچە ئىكراندىن تۇتىۋىلىنغان سۈرىتىنى كۆرۈپ باقايلىمۇ؟
بۇ تور دىسكىسىنىڭ باشقا تور دىسكىلىرىغا ئوخشاشلا Ios, Windows Phone, android, Windows pc ،Mac os x قاتارلىق ئابونىتلار تىرمىنالى بار،
تۆۋەندىكىلەر بۇ تور دىسكىسىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرى
1. تور بەت نۇسقىسنىڭ كۆرۈنمە يۈزى ئۇيغۇرچە، مانا بۇ مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ Onedrive مۇلازىمەت تور بىتى،
2. Windows 8 ۋە Windows Phone نى تۇتاشتۇرغۇچى كۆۋرۈك، ۋىندوۋسفوندا بۇ تور دىسكىسىغا ھۆججەتلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلەپ قويسىڭىز ھەرگىز ئۆچۈپ كەتمەيدۇ، ۋىندوۋسفوندا بۇ تور دىسكىسىنى ئىشلىتىش بەك قۇلايلىق!
3. ئەلۋەتتە باشقا تور دىسكىلىرىغا ئوخشاش تور بەت يۈزىدە تۇرۇپ بىۋاستە كىنو-فىلىم قاتارلىقلارنى كۆرەلەيسىز
4. باشقىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى pdf, microsoft Word, power point, قاتارلىق OFFICE ھۆججەتلىرىنى بىۋاستە ئىچىپ كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرۋالالايسىز ھەم تور بەت يۈزىدە تۇرۇپ كۆرەلەيسىز! ئىنتايىن قۇلايلىق!
5. بۇ بىز ئۇيغۇرلارغا باشقىلىرىغا قارىغاندا يىقىنكەن!
ئانا تىلىمىزنى قوللىغىنى ئۈچۈن، ئانا تىلىمىز ئۈچۈن، ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن Onedrive نىڭ ئۇيغۇرچە ئىشلىتىڭلار، بۇ مۇلازىمەت تور بىتىنىڭ ئۇيغۇرچە بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئۇستازلارغا رەھمەت!
بەلكىم بۇ تور دىسكىسىنى ئۇيغۇرچە نۇسقىسنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالى مىكروسوفىتنىڭ ئۇيغۇرتىلىغا كۆڭۈل بۆلىشىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسېتىشى مۇمكىن!
ئۇنداقتا Onedrive غا مەرھەمەت!
مىكروسوفىت ھىساباتىڭىز بولسا بىۋاستە كىرسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر بولمىسا تىزىملاتسىڭىزمۇ بولىدۇ، مىكروسوفىت ھىساباتى مىنىڭچە ۋىندوۋس ئىشلەتكۈچىلەردە بولۇشقا تىگىشلىك بىر ھىسابات، ئۇنىڭ ئىلخەت مۇلازىمىتى، Onedrive, Skype, قاتارلىق مۇلازىمەت تور بىكەتلىرى ئۇيغۇرچە!
ئانا تىلىمىزنى، بىزنى قوللىغانلارنى بىزمۇ قوللاپ قويايلى! ئەمەلىيەتتە بۇ ئۆزىمىزنى قوللىغانلىق بوپ قالىدۇ!
گەرچە مۇلازىمىتىرى چەتئەلدە بولىشى سەۋەپلىك ھۆججەت يوللاش سۈرئىتى بىر قەدەر ئاستا، بىراق ھەقىقەتەن ئىشلىتىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ!
مىكروسوفىتنى Windows Phone غا ئۇيغۇرچە قوشۇپ بەرمىدى دەپ ئاغرىناتتۇق، بىراق ئويلاپ بىقىڭ،
ھىلىغۇ مىكروسوفىت Windows 8, ئۆزنىڭ ئىلخەت مۇلازىمىتى تور بىتى، Onedrive, Skype, Microsoft Office 365... لارنى ئانا تىلىمىزدا ئىشلىتىشىمىزگە نىسىپ قىلدىغۇ؟
ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن Windows Phone 8.1 نى كۆرۈپمۇ باقتىم، ۋاقىت رايۇنىدىن Uighur(China) نى چىقىرۋەتكەن ئۇنداق ئەھۋال يوقكەن، چىقىرۋەتكەن بولسا ئۈمۈدسىزلىنەتتۇق، بىراق ھازىر يەنە ئۈمۈد بار دىگەن گەپ،
دەپ بىقىڭ، Google، Android قا، Google Mail گە، ئالما IOS كە، ياكى Mac os x گە ئۇيغۇرچە قوشۇپ بەردىمۇ؟
بۇ دىگىنىنم مىكروسوفىت مەھسۇلاتلىرى ياكى مۇلازىمەتلىرى ئەڭ ياخشى دىگىنىم ئەمەس،
ئۇلار بىزنى قوللىدى، بىزمۇ ئانا تىلىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ ئۇلارنى قوللاپ قويايلى دىمەكچىمەن!
قىنى ئۇنداقتا بۇ ئۇيغۇرچە تور دىسكىسىدىكى ئۇيغۇرچە تىل سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قوللىشىمىزغا مۇھتاج، ئۇنى بىز ئىشلەتمىسەك باشقىلار ئىشلىتىپ قويمايدۇ!
ئانا تىلىمىزغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئۆز ئەمەلىي ھەركىتىمىز بىلەن ئىپادىلەيلى! |
|