- جۇغلانما
- 1129
UID20905
تىزىملاتقان2013-8-5
ئاخىرقى قېتىم2015-4-6
توردا415 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1129
- ئاقچا
- 0
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم كەڭ ئالىپ ئەھلى.مەزكۇر دەرسلىك ئەتراپىمىزدىكى ۋە مۇنبەردىكى نۇرغۇن دوسلارنىڭ ئۆز قىزىقىشى بويىچە سالۇن قۇرۇش ئارزۇسىغا ئاساسەن يىغىنچاقلانغان ئاساستا تۈزۈپ چىقىلدى ھەم ئالىپ تورى ۋە روھلان تورىدا بىرلا ۋاقىتتا تارقىتىلدى.
1. ئالدى بىلەن http://mp.weixin.qq.comغا كىرىمىز.
2. “注册”نى بىسىپ تېزىملىتىمىز.
3. ئاساسى ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن “同意并遵守”نى تاللاپ داۋاملاشتۇرىمىز.
“注册” نى باسقاندىن كىين سىزنىڭ ئېلخەت ئادرىسىڭىزغا بىر ئېلىخەت ئەۋەتىلىدۇ، ئۇنى كىرىپ ئاچىسىز ۋە قوزغىتىسىز.
ئاچقاندىن كىيىنكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك.ئۇچۇرلارنى تولۇق تولدۇرۇپ،كىملىكىڭىزنىڭ كۆپەيتىلگەن رەڭلىك نۇسخىسىنى تاپشۇرىسىزئاندىن تاپشۇرىسىز..
1. ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇشتا،“账号名称”دىگەننى تولدۇرغاندىن كىيىن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، باشقا ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن تاماملاشنى بىسىپ تاماملايمىز.بۇ يەرگىچە سىزنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىڭىز ھاسىل بولدى دىگەن گەپ
2. باش بىتى.
باش بەت يىتەكلىگۈچى بەت دەپمۇ قويىمىز، تىزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىنكى بەت يۈزى ئادەتتەبەكلا ئاددى،ھەممىلا كىشى كۆرۈپلا چۈشىنەلەيدۇ.
3. دائىملىق ئۇچۇرلار
دائىملىق ئۇچۇرلاردىگىنىمىز، سىز ئاممىۋى سۇپىنى قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن سىزگە ئەگەشكەن ئابونتلارسىزگە يولللىغان ئۇچۇرلادۇر. ئادەتتە بىز كۆپ ئۇچرىتىدىغان بىز يوللاپ بەرگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن دەپ ئاپتوماتىك ھالدا يوللاپ بىرىلىدۇ.
4ئابونت باشقۇرۇش
بۇ بۆلەكتە سىز ئۆزىڭىزگە ئەگەشكەن بارلىق ئابونتلارنى تۈرگە ئايرىيالايسىز.تۈركۈملەپ ئۇچۇريوللىغاندا ئۇلارغا ئايرىم –ئايرىم ھالدا ئۆزىڭىز بەلگىلەپ ئۇچۇر يوللىيالايسىز.
5. تۈركۈملەپ ئۇچۇر يوللاش
بۇ تۈردە يۇقىرىدا ئىيتىپ ئۆتكەندەك، تۈركۈملەپ ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. ھازىرچە كۈندە پەقەت بىرنىلا يوللىغىلى بولىدۇ، بەلكىم كىيىنچە پۇل ئالامدۇ بىر نىمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇ بەلكىم ئابونتلارنىڭ قالايمىقان ئۇچۇرلارنى قوبول قىلىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىشى مومكىن.
6.ماتېرىيال باشقۇرۇش
بۇ تۈردە سىزئۆزىڭىزنىڭ رەسىم، رەسملىك خەت ھۆججەت، مۇزىكا، ئاۋاز ، سۈرەت ۋە سىن قاتارلىق ماتېرياللىرىڭىزنى يوللاپ تەھرىرلىيەلەيسىز .
7. تەھرىرلەش
بۇ يەردە سىزئاممىۋى سۇپىنىڭ ئۇچۇرلىرى،ئۈندىدار نۇمۇرى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇپ تەھرىرلەيەلەيسىز.
“公众号手机助手”ئارقىلىقسىنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىڭىزنى باغلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ نۇمۇر ئارقىلىق ئابونتلارغا تۈركۈنلەپ ئۇچۇر يوللىيالايسز.-ئورگان توربەتنىڭ دىيىشىچە بولغاندا، ئۆزىڭىزنىڭ ئۈندىدار نۇمۇرىنى باغلىغاندىن كىيىن سىز بۇنۇمۇر ئارقىلىق سىزگە ئەگەشكەن ئابونتلارغا ئۇچۇر يوللىيالايدىكەنسىز. سىز mphelper نى دوسلۇققا قىتىپ بۇ ئارقىلىق ئۇچۇر يوللىسىز ئابونتلىرىڭىز تاپشۇرۋالالايدىكەن. لىكىن بۇنىڭدىمۇئوخشاشلا كۈنىگە بىرنى يوللاش چەكلىنىدۇ.
8. ئالاھىدە ئىقتىدار
رەسىمدەكۆرسىتىلگەندەك بۇ تۈرگە كىرسىڭىز ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنگ 编辑模式”ئادەتتە مەلەم نوقتىلىق سۆز بەلگىلەپ ،شۇ سۆزگە ئاساسەن ئاپتوماتىك ئۇچۇرقايتۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆزدە تۇتىدۇ.
; “开发模式” دا سىزگە بىر 接口 بىرىپ مۇشۇ ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ سېستىمىڭىزنى ئۇلاش ئارقىلىق ھەرخىل ھاۋارايى، ماشىنا قىتىم سانى دىگەندەك ئۆزگىرىشچان ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشتا بەك قولايلىق. ھازىرقى ئۇيغۇر ئاممىۋى سۇپىلىرى كۆپىنچىسى بىرىنچى تۈردىكىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ.
مانا مۇشۇ يەرگىچە كۆرگەن بولسىڭىز ،ئادەتتە ئۆزىڭىزنىڭ ئاممىۋى سۇپىڭىزنى قۇرۇپ باشقۇرۇپ كىتەلەيسىز، ھەم ئىقتىدارىنى تولۇق بىلەلەيسىز. قېنى ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ شۇنداق ئاممىۋى سۇپىسىنى قۇرۇش ئارزۇسى بولسا قول سىلىپ سىناپ بىقىڭ.
مەزمۇنى سەل تومتاق بولۇپ قالدى،ئاللاھ خالىسا كىيىنكى قىتىم سىنلىق دەرس شەكلىدە تېخىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ سۆزلەيمەن.كۆپچىلىككە رەھمەت. |
|