- جۇغلانما
- 6021
UID9987
تىزىملاتقان2012-9-11
ئاخىرقى قېتىم2015-4-9
توردا1234 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
غەلبە تىرىشچانلىقتىن كېلىدۇ!
 
- نادىر
- 3
- جۇغلانما
- 6021
- ئاقچا
- 71


|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
ئەگەر سىز C# ھەۋەسكارى بولسىڭىز تېمامنى ئەستايىدىل ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
--------------------------------------------------------------------
مەن C# غا قىززىققان ۋاقتىمدىن باشلاپ ئۇ مىنىڭ تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان،
ئۇ ماڭا قانداق ئويلاشنى، قانداق تەپەككۇر قىلىشنى، قانداق مۇلاھىزە قىلىشنى ھىس قىلدۇرغان،
ئۇ ۋاقىتلاردا مەن شۇنچىلىك خۇشال ئىدىم...
مىنىڭ تورغا چىقىش شارائىتىم يوق ئىدى، مەندە پەقەت ئوتتەك قىززىقىش، ۋە بىر دانە ئادەتتىكى سەپلىمىلىك خاتىرە كومپىيۇتېردىن بىرى بار ئىدى،
C# غا بولغان ئوتتەك قىززىقىشىم بىلەن مەن www.altaxna.com تور بىتىدىن 300 يۈئەنگە C# نىڭ دەسلەپكى 30 قىسىم ئاساس دەرىسلىكلىرىنى سىتىۋالغان ئىدىم،
ھەر كۈنى كەچتە سائەتنىڭ قانچە بوپ كەتكىنىنىمۇ ئۇنتۇپ تاكى تولىمۇ ھىرىپ كەتكىنىمنى سەزگەنگە قەدەر C# نىڭ ئىچىگە كىرىپ چۈشەندۈرۈلگەن ھەر بىر مىساللار، ھەر بىر فۇنكىسىيە، ھەر بىر جۈملە، يىڭى ئۈگەنگەن مەزمۇنلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەر خىل شەكىلدە قايتا-قايتا مۇلاھىزە قىلىپ قول سىلىپ ئىشلەپ، كىچىك كىچىك پروگراممىلارنى يازاتتىم،
ئاندىن ئۇخلايدىغان ۋاقىتتا گەرچە شۇنچە چارچاپ كۈچەپ-كۈچەپ ئويلىغانلىقتىن بىشىمنىڭ ئىچى ئاغرىسىمۇ ئۆزۈمنىڭ بۈگۈن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگۈنىۋالغىنىمنى، نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىررىشكىنىمنى ئويلاپ ئۆزۈمدىن تولىمۇ پەخىرلەنگەن ھالدا ئۇخلاپ قالاتتىم،
ئەتتىگىنى ئاپام ئويغاتقاندا بولسا كاللامغا ئىككىنچى بولۇپ كىلىدىغىنى يەنىلا پروگرامما ئىدى...
مۇشۇ تەرىققىدە كۈنلىرىم تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئەمما ھارغىنلىق ئىچىدە بىر نەچچە ئاينىمۇ ئۆتكۈزۈپ ئەلتەشنا تورىدىن سىتىۋالغان 30 قىسىم ئاساس دەرىسلىكلىرىممۇ ناھايتى تەسلكتە تۈگەپ قالدى!
ئۈگەنگىنىم ئۈچۈن ئەمەلي ئىشلىتىشچانلىقى بار بولغان بىرەر پروگراممىنى يىزىپ باقماقچى بولدۇم،
تۇنجى قىتىم يىزىپ چىققىنىم Android سىستىما بولىقى ياساش پروگراممىسى( C# ) ئىدى،
يىزىپ چىقىش جەريانىدا نۇرغۇن ئەزەلدىن ئويلاپ باقمىغان يولۇقۇپمۇ باقمىغان مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدىم،
مەسلىھەت سوراي، ئۈگىنەي دىسەم ھىچكىم يوق، ھەممىسىنى ئۆزۈمگە تايىنىپ خەنزۇچە مۇنبەرلەرنى كۆرۈپ يۈرۈپ مىڭ تەسلىكتە ھەل قىلىپ 6 كۈن سەرىپ قىلىپ يىزىپ تاماملىدىم،
گەرچە پىروگرامما كودى شۇنچىلىك تەرتىپسىز، شۇنچىلىك مۇرەككەپ، پروگراممىنىڭ بارلىق كودلىرى بولۇپ 1000 قۇرغا يىقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئىشنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ نۇرمال خىزمەت قىلدۇرالىغىنىمغا ئىچ ئىچىمدىن خۇشال بولغاندىم،
كىيىن بۇ مۇنبەرگە يوللىدىم، تورداشلارنىڭ، يىقىن دوسلار، قىرىنداشلىرىمنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشتىم، بۇ ماڭا ناھايتى زور ئىلھام بولغاندى!
كىيىن Windows Phone توغرىسىدا ئىزدىنىپ بەزى نەتىجىلەرگىمۇ ئىرىشتىم،
بۇ ئۈگەنگىنىمنىڭ تولىمۇ ئازلىقى، يەنە بىسىپ ئۆتۈشكە كىرەكلىك مۇساپەمنىڭ تولىمۇ كۆپلىكى ، نۇرغۇن يوللارنىڭ بارلىقى كۆلۈمگە ئايان ئىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن يەنە قايتا www.altaxna.com دىكى دەرىسلىك ئىشلىگەن ئۆمەرجان مۇئەللىم بىلەن قايتا ئالاقىلىشىپ كارتىسىغا يەنە 300 يۈئەن سىلىۋەتتىم،
Windows Phone ئۈچۈن يۇمشاق دېتال يىزىشتىنمۇ ئازراق نەتىجە چىقىرىپ بولۇپ 2 ھەپتىدىن كىيىن ئۆمەرجان مۇئەللىم بىلەن ئالاقىلاشتىم،
مۇئەللىم ماڭا ھىلىققى كىيىن مەن سىلىپ بەرگەن 300 يۈئەننى ماڭا قايتۇرۇپ بىرىدىغىنىنى، ھازىر C# قا قىززىقىدىغان ، ئۈگۈنىدىغان باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يوقلۇقىنى شۇنىڭ بىلەن بۇ دەرىسلىكنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقىنى ئىيىتتى...
بىشىم قايدى، كاللامغا بىر چىلەك سۇنى قۇيغاندەك بولدۇم!
ئوقۇغان خەتلەرگە ئىشەنگۈم كەلمەي قايتا- قايتا ئوقۇدۇم، خەتلەر ھەقىقەتەن شۇنداق يىزىلغان ئىدى...
مەن مۇئەللىمگە يالۋۇردۇم، ئۈتۈندۈم، دەرىسلىك مۇشۇ يەردە توختاپ قالسا مىنىڭ ۋەيران بولىدىغىنىمنى ، جىنىم چىقىپ كەتكىنى بىلەن ئوخشاش بولىدىغىنىنى، ئىستىقبالىم، كەلگۈسۈم، ئارزۇلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈگىشىدىغىنىنى دىدىم،
ئۆمەرجان مۇئەللىم ئۇزاققىچە جاۋاپ قايتۇرمىدى، بىر ھازادىن كىيىن 5. ئايلاردا ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ بىرەلەيدىغىنىنى، ھازىر قولىدا ئىشلەشكە تىگىشلىك تۈرلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىنى ئىيىتتى،
مەن مۇئەللىمنىڭ مۇشۇنداق دىگىنىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ ماقۇل بولدۇم،
شۇنىڭ بىلەن ئۆيدە ئىچكى ئىشلار تۈپەيلىدىن مانا ھازىر 5. ئاينىڭ 24. كۈنى بولۇپ قاپتۇ،
مۇئەللىمگە چ چ دا نۇرغۇن قىتىم خەت ئەۋەتكەن بولساممۇ ھىچبىر جاۋاپ كەلمىدى، يەنىلا ئۈمۈدۈمنى ئۈزمىدىم!
مانا ھازىر بۇ تېمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمەن،
ئارىمىزدا نۇرغۇن ئەقىللىق، پروگراممىغا ئوتتەك قىززىقىدىغان، ئەمما چىقىش يولىنى تاپالمايۋاتقان، شارائىتى يار بەرمەيۋاتقان قىرىنداشلار ھىلىمۇ ھەم نۇرغۇن،
شۇ سەۋەپتىن www.altaxna.com دىن دەرىسلىك سىتىۋالغان ۋە سىتىۋالماقچى بولغان، C# قا ئىشتىياق باغلىغان ، Windows, Windows Phone غا ئەپ يىزىشنى ئۈگەنمەكچى بولغان، قىرىنداشلىرىمىز ھەممىمىز بىرلىككە كەلسەك، مەن ئۆمەرجان مۇئەللىمنى چوقۇم قايىل قىلدۇرسام، ھەممىمىز دەرىسلىك سىتىۋالساق، بىرلىكتە ئۈگەنسەك ،
ئەلۋەتتە دەرىسلىكلەردە ئايدىڭ بولمىغان قاراڭغۇ يەرلەرمۇ ساقلانغان، شۇ يەرلەرنى مەن ۋە ھەمكارلاشقۇچىلىرىم تولۇقلىما دەرىسلىك قىلىپ دەرىسلىكنىڭ ئەڭ چۈشىنىشلىك، ئەڭ ئاممىباپ ئەڭ ئاددىي بولىشىغا داۋاملىق كاپالەتلىك قىلىمىز، يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ھەر قانداق قىيىنچىلىققا ئۇچرىسا بىلگىنىمىزنى ئورتاقلاشساق، بىلمىگىنىمىزنى بىللە ئىزدىنىپ ئۈگەنسەك دىگەن ئۈمۈدتە،
ئاللاھ خالىسا مەن چوقۇم بىر يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسى قۇرۇپ چىقىمەن، بۇ دەرىسلىكلەر مۇشۇ يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىمىز ئۈچۈن قىممەتلىك ماتىرىيال بولۇپ قالىدۇ!
گۇرۇپپىغا ئەزا قوبۇل قىلىدىغان ۋاقىتتا ھازىر ئۈگەنگەنلەردىن سىناق ئىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە بۇ سىناق دەرىسلىكتىن چەتنەپ كەتمىگەن ھالەتتە بولىدۇ!
ئەگەر www.altaxna.com دىن C# دەرىسلىكىنى سىتىۋالغان، سىتىۋالماقچى بولغان، قىرىنداشلار بولسا تىما ئاستىغا ئىنكاس قالدۇرساڭلار، بىلەلمىگەن ھەر قانداق نۇقتا بولسا بىلگىنىمىزچە ياردەم قىلىشنى خالايمىز!
يىڭى دەرىسلىك سىتىۋالغانلار، ئۈگەنگۈچىلەرنىڭ پەقەت ئوتتەك قىززىقىشى ۋە مۇستەھكەم ئىرادىسى بولسىلا مەن شۇلارنىڭ دەرىسلىكنى ئۆزلەشتۈرىشىگە ياردىمىم، ۋە تىرىشچانلىقىم بىلەن كاپالەت بىرىمەن!
بىر ياخشى دەرىسلىك توختىتىلدى دىگەن گەپ مىللىتىمىزنىڭ پروگرامما تەرەققىياتىغا خىلى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ!
ھازىردىن باشلاپ ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلار 1622180363 چ چ نۇمۇرى بىلەن ئالاقىلىشىپ دەرىسلىك سىتىۋىلىشقا تىزىملىتىڭ ياكى سىتىۋىلىپ بولغان بولسىڭىز ھەمكارلىشىڭ،
مەن مۇئەللىم بىلەن چوقۇم ئالاقىلىشىپ دەرىسلىك سىتىۋالىدىغانلارنىڭ سانىنى ئۇقتۇرىمەن، بۇنىڭ دەرىسلىككە چوڭ پايدىسى بولىدۇ!
ھازىردىن باشلاپ بۇ مۇنبەرگە پروگراممىدا يىڭى ئۈگەنگۈچىلەر ھەل قىلالمىغان ھەر قانداق بىر مەسىلىلەر تېما قىلىپ يوللانسا جاۋاپسىز قالمايدۇ،
يەنە دەپ قوياي، ئەگەر بىرمۇ بىرلىكتە ئۈگۈنىدىغانلار چىقمىسا 1 سائەتلىك بىر قىسىم دەرىسلىكنى 100 يۈئەنگە توختىسىمۇ چوقۇم سىتىۋىلىپ ئۈگىنىمەن، بۇ ھەرگىزمۇ بىرلىكتە ئۈگىنىدىغانلار چىقمىسا توختاپ قالىدىغىنىمنى بىلدۈرمەيدۇ! |
|