ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 1739|ئىنكاس: 41
ئوڭ تەرىپنى يىغىش

«مۇئەللىم» ئەقلىيفوننىڭ تېلېگرف نۇسخىسى بازارغا سېلىنىپتۇ

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

3

يازما

77

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

نادىر
0
جۇغلانما
176
ئاقچا
5
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   aliptekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 13:34  

قاتتىق دېتالى
تىپى: MU518
ئېكرانى: 5.0 دىيۇملۇق، IPS ئېكران، 960*540 نۇقتىلىق، HD ئېكران؛
سىستېما: Android 4.3 ئۇيغۇرچە سىستېما، ئەسلى سىستېما تەمىنلىگەن كۆپ تىللىق ئارا يۈز ئىشلىتىلگەن؛
CPU: قوش يادرولۇق گاۋتوڭ  1.2Hz مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ئىشلىتىلگەن؛
كامېرا: 5 مىليون پىكسىللىق ئاپتوماتىك فوكۇسلۇق ئارقا كامېرا، 2 مېليون پىكسىللىق ئالدى كامېرا سەپلەنگەن؛
قوللاش تورى:  CDMA2000 3G ۋە 2G GSM لىق قوش كارتا (جۇڭگو تېلېگىرافى، كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش كارتىلىرىنى قوللايدۇ)؛
سىغىم: 4G لىق يۇقىرى سىغىم (سىغىم كارتىسى ئارقىلىق 32G غىچە كېڭەيتكىلى بولىدۇ)، 512Mb لىق RAM؛
باشقىلار: سىمسىز تور، كۆكچىش، سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى سەپلەنگەن.

يۇمشاق دېتال
ئاندرويد سىستېمىسى:

  ئاندرويدنىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىدىكى  4.3 نەشرى  قوللىنىلغان، ئەسلى ئاندرويد سىستېمىسى تەمىنلىگەن كۆپ خىل تىللىق ئارايۈز ۋە كىرگۈزۈش ئۇسۇلى تەمىنلەنگەن. ئەقلىيفوندىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق ئاتالفۇ ۋە بۇيرۇقلارنى مۇئەللىم شىركىتى مۇتەخەسىسلەر تەتقىقات بۆلۈمىدىكى 5 نەپەر تىلشۇناس ۋە دوكتور ئىلمىي ھالدا قېلىپلاشتۇرغان ۋە ئۆلچەملىك تەرجىمە قىلغان. سىستېما خەت نۇسخىسى كۆركەم، ئۆلچەملىك، تېكىستنى ئوڭ تەرەپكە توغرىلاش، ئارىلاش كۆرسېتىشتىكى يۆنىلىش مەسلىسى ھەل قىلىنغان. ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ سىستېما ئىچكى قىسمىغا قوشۇلغان (3-تەرەپ كىرگۈزگۈچىسى ئەمەس)، ئەرەبچە، تۈركچە، خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، رۇسچە ئاۋازلىق كىرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئىملا تەكشۈرۈش سۆزلۈك ئامبىرى قېتىلغان. كۇنۇپكىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئۆلچەملىك، ئۇيغۇرچە ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەقلىي كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان.


مۇئەللىم كۆپ تىللىق لۇغىتى:

  مۇئەللىم كۆپ تىللىق لۇغەتلىرى شىركىتىمىزنىڭ كۆپ يىلدىن بېرى تۈزۈپ چىققان سۆزلۈك ئامبىرى بولۇپ، سۆزلۈكى مول ، توغرىلىقى ۋە ئىلمىيلىكى يۇقىرى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى، ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە چوڭ لۇغەت، خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت، ئوكسفورد ئىنگلىزچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، ئەلمەۋرىد ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت، تۈرك تىل قۇرۇمى تۈركچە ئىزاھلىق لۇغەت قاتارلىق بىر قىسىم نوپۇزلۇق لۇغەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمىي سۆزلۈك سانى 5 مىليۇندىن ئاشىدۇ. مۇئەللىم ئەقلىي فونلىرىدا تىل تۈرى بويىچە مۇئەللىم ئۇيغۇرچە لۇغىتى، مۇئەللىم خەنزۇچە لۇغىتى، مۇئەللىم ئەرەبچە لۇغىتى، مۇئەللىم ئىنگلىزچە لۇغىتى، مۇئەللىم تۈركچە لۇغىتى، مۇئەللىم رۇسچە لۇغىتىدىن ئىبارەت ئالتە ئەپ تەمىنلەنگەن بولۇپ، سىستېمىلىق تۈرگە ئايرىلغان، ئالتە تىل ئارىسىدا قارىمۇ-قارشى يۆنىلىشتە سۆزلۈك ئىزدىگىلى بولىدۇ. سۆزلۈكى مول، سۆزلۈك ئىزدەش قولايلىق، سىستېما ئىچكى قىسمىدىن كۆپ تىللىق كىرگۈزگۈچ تەمىنلەنگەن. سۆزلۈكلەرنى ئېلېپبە تەرتىۋى بويىچە ئىزدەش، كۆپ لۇغەتتىن ئىزدەش، ئىزدەلگەن سۆزلۈكنى ساقلىۋېلىش، ئىزدەش تارىخىي قۇرۇش، ئىزاھات ئىچىدىكى سۆزنى توردىن ئىزدەش، خەت نومۇرىنى چوڭايتىپ-كىچىكلىتىش، ئەپ تىلىنى خەنزۇچە-ئۇيغۇرچە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارلارغا ئىگە.


مۇئەللىم چۆچەك-مەسەللەر باغچىسى:

  ئۇيغۇر خەلق چۆچەك-مەسەللىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تەبىئەت ۋە ئىنسانىي قاراشلىرىمىزنىڭ جەۋھىرى، ھايات ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى مەڭگۈلۈك ھېكمەت، ئۆز ۋە ئۆزگىنى تونۇشتىكى ئوبرازلىق پەلسەپە قامۇسى. مۇئەللىم ئەقلىيفونلىرىغا ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى، ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى، دۇنياۋىي مەشھۇر چۆچەك-مەسەللەردىن ئىبارەت ئۈچ ئەپ ھەقسىز تەمىنلەنگەن. 200 دىن ئارتۇق ئاۋازلىق چۆچەك-مەسەل كىرگۈزۈلگەن، ھەر بىر چۆچەك-مەسەلگە ئىجادىي كارتون رەسىمى بېرىلگەن . ئاۋازلىق چۆچەكلەرگە خەلقىمىز ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن، «چۆچەكچى موماي» دەپ تەرپلەنگەن،  ئەلنى سۆيگەن، بارلىقىنى كەسپىي ئاۋاز بېرىش ئىشلىرىمىزغا بېغىشلىغان شىنجاڭ تېلېۋېزىيە ئىستانىسى تەرجىمە مەركىزىنىڭ تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى  ۋە ياش ئاۋاز ئارتىسلىرىمىزدىن سالىھجان روزى قاتارلىقلار ئوبرازلار بويىچە ھېسسىياتلىق، ئىجادىي ئاۋاز بەرگەن. «مۇئەللىم» چۆچەك-مەسەللەر باغچىسى پەرزەنتلەرگە ھاياتنى قىزغىن سۆيۈشنى ئۆگىتىدۇ.

خاتىرە دەپتەر، Office Suite، PDF:
   سىستېما ئىچكى قىسمىدىن تەمىنلىگەن كۆپ تىللىق كىرگۈزگۈچ ئارقىلىق خاتىرە قالدۇرۇش، ئىشخانا ئاپتوماتلاشتۇرۇش WORD، EXCELھۆججەتلىرىنى قۇرۇش ۋە ئۆزگەرتىش، تېكىست فورماتىدىكى ئېلكىتابلارنى كۆرۈش،  PDF شەكلىدىكى ئېلكىتابلارنى كۆرۈش ئىقتىدارى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. مىڭلىغان كىتابلارنى يانفونىڭىزغا قاچىلاپ خالىغان ئورۇن، خالىغان ۋاقىتتا يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكراندا ھوزۇرلىنالايسىز.  ئەقلىيفون قولىڭىزدا بولىدىكەن كىتاب ئوقۇشىڭىزغا، بىلىم ئېلىشىڭىزغا ھېچقانداق بانا قالمىدى.
قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، QQ، ئېلخەت، تور كۆرگۈچ قاتارلىق ئۇچۇر-ئالاقە ئىقتىدارلىرى:
   ئۇچۇر ئالاقە دەۋرىدە ئانا تىلىڭىزنىڭ ھوزۇرىنى سۈرگىڭىز كەلدىمۇ؟ خەنزۇچە يانفونلاردىكى ئۇيغۇرچە خەت تونۇماسلىق، ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بولماسلىق، تور بەتلەر نورمال كۆرۈنمەسلىك، ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى ئىزدىيەلمەسلىك بېشىڭىزنى قاتۇرمىسۇن، مۇئەللىم ئەقلىيفونغا قىسقا ئۇچۇر، ئۈندىدار، QQ، ئېلخەت، تور كۆرگۈچ قاتارلىق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان ئەپلەر قاچىلانغان بولۇپ، دوستلىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇرچە مەشغۇلاتتا ۋە ئۇيغۇرچە يېزىقتا بىمالال ئالاقە قىلالايسىز. تور بەتلەردىن ئۇيغۇرچە ئۇچۇرلارنى ئىزدىيەلەيسىز. ئانا تىل سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ ئىززىتىمىز، مۇئەللىم ئەقلىيفوننىڭ زىننىتى.

گۇگىل ئەپ بازىرى، نەفىس ئەپ بازىرى، ئاندرويد ئەپ بازىرى
  خېرىدارلار ئېھتىياجلىق تېخىمۇ كۆپ ئەپلەرنى چۈشۈرۈشكە  قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مۇئەللىم ئەقلىيفونلىرىغا گۇگىل ئەپ بازىرى، ئاندرويد ئەپ بازىرى، نەفىس ئۇيغۇرچە ئەپ بازىرى قاتارلىق ئەپ بازارلىرى قوشۇلدى. ناھايىتى قولايلىق ھالدا تۈرلۈك ساھەدىكى ئەپلەرنى چۈشۈرۈپ يانفونىڭىزنى تېخىمۇ بېيىتالايسىز.

فوتوئاپپارات، ئالبوم، رادىيو، ئۈنئالغۇ، سىن قويغۇچ، ئۈن قويغۇچ، سىن تۈزىگۈچ:

   مۇئەللىم ئەقلىيفوننىڭ كۈچلۈك رەسىم تارتىش، سىن ئېلىش، ئۈن ئېلىش، ئۈن-سىن قويۇش، رادىيو ئاڭلاش ئىقتىدارى بار بولۇپ، مەيلى ئۆزىڭىز ئالغان ئۈن-سىن بولسۇن، مەيلى  تور بەتلەردىكى ياكى ئۆزىڭىزچۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئۈن-سىنلار بولسۇن، يۇقىرى ئېنىقلىق ۋە سۈپەتتە ئازادە ھوزۇرلىنالايسىز.

1.jpg
2 .jpg
3.jpg
4.jpg
5.jpg
6.jpg

ھەرقايسى جايلاردىكى مۇئەللىم مائارىپ ئېلېكترون مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش مەركىزىدە
بىر تۇتاش پائالىيەت باھاسى: 985 يۈەن
جۇلا ئەپ بازىرى

25

تېما

215

يازما

247

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1320
ئاقچا
446
ۋاقتى: 2014-5-21 18:19:09 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىچكى سىغىمى بەك كىچىكمۇ ؟بۇنداق كۆپ ئەپ قاچىلىسا سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتكىدەك،ھىچ بولمىغاندا قۇتلاندەك قىلىپ ئىشلىسىمۇ مەيلىتى،شىركەتتىكىلەر سېستىمىسىنى ياخشى ھەل قىپتۇ،بۇندىن كىيىن سەپلىمىسى ۋە سىرتقى شەكلىگە كۆپرەك كۈچىسە بولغىدەك

4

تېما

145

يازما

395

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1501
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-5-21 18:31:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەل پەل قىممەت ھىس قىلغاندەك ئەمما يەنىلام ئۆزىمىزنىڭ ، ئانا تىلمىزنىڭ ، مۇئەللىم لۇغەت ، چۆچەك دىگەندەكلەنىڭ قىممىتىنى بۇنىڭغا سىلىشتۇرغىلى بولمايدۇ دەھشەت مۇۋاپىق دىسەك بولدۇ
سەنشىنڭ ڭ535 دىن شۇنداق بىزار بولدۇم يا روتلىيالمىدىم ي ...
جۇلا ئەپ بازىرى

46

تېما

418

يازما

797

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Motiwar قۇرغۇچىسى

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2702
ئاقچا
186

تۆھپە ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2014-5-21 18:57:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەر
شىنجاڭ مۆتىۋەر ئېلېكترون پەن-تېخنىكا تورى  www.Motiwar.Biz

7

تېما

267

يازما

375

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1366
ئاقچا
10
QQ
ۋاقتى: 2014-5-21 18:58:16 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە كارتىدا 3G تورغا چىقدىغان لاھىيلگەن بولسا  نىمدىگەن ياخشى بۇلاتتى  ـ ھە ،
مەن تۇنجى بۇلۇپ سىتۋالاتتىم،

4

تېما

65

يازما

75

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

نادىر
0
جۇغلانما
278
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-21 19:03:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاسى سەل ئۆرە بولۇپ قالدىمۇ قانداق

8

تېما

529

يازما

558

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2217
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-5-21 19:08:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bayawat يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 18:58
ھەممە كارتىدا 3G تورغا چىقدىغان لاھىيلگەن بولسا  نىمدىگ ...

دوستۇم،  ئۇنداق پۇتاق چىقىرىپ كەتمەڭ،  ھەممە كارتىدا 3G تورغا چىقىدىغان قوش كارتىلىق يانفوننى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يانفون سودىگىرى سامسۇڭمۇ ياساپ چىقالمىدى تېخى،
مۇئەللىم شىركىتىنىڭ مۇشۇ يانفوننى ياساپ چىققىنى ئۆزىمىزنىڭ مىللى شىركەتلىرىنىڭ زور تەرەققى قىلغانلىقى،  
ئۆز مىللى شىركەتلىرىمىزدىن ئۇنداق پۇتاق چىقارمايلى،
بولسا قوللاپ قويايلى،  ئەگەر ئۆزىمىز يانفۇن سېتىۋېلىپ بولغان بولساق تونۇش بۇرادەر، ئۇرۇق تۇققانلارغا تونۇشتۇرايلى،   سېستىما پۈتۈن ئۇيغۇرچە، كۆپ تىللىق لۇغىتى بار دەپ،

8

تېما

529

يازما

558

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2217
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-5-21 19:13:10 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىپ يوللىغان ۋاقتى  2014-5-21 19:03
باھاسى سەل ئۆرە بولۇپ قالدىمۇ قانداق

مىنىڭچە ھەرگىز قىممەت ئەمەس،  سەپلىمە ھەر جەھەتتىن سىزگە يارايدۇ،  ئۇنىڭدىن باشقا لۇغەت ئىقتىدارى تۇرسا،   
بولسا ئۆز شىركەتلىرىمەزنى بىر قوللاپ قويايلى قېرىنداشلار،


ئەگەر مەن تېلگىراف كارتىسى ئىشلەتسەم ئىككىلەنمەي قۇتلان ياكى مۇشۇ مۇئەللىمنى ئالاتتىم،  ئەپسۇسكى مەن ئەزەلدىنلا بىرلەشمە G 3 كارتىسى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن،     شۇنداق بولسىمۇ ئەل ئاغەينىلىرىمگە تونۇشتۇرىمەن،

8

تېما

529

يازما

558

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2217
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-5-21 19:14:51 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما ئىگىسى  بۇ ئىككى خىل تېلفۇننىڭ رەسىمى باركەنغۇ،  بىرى سامسۇڭ ئېس 4 كە ئوخشايدىكەن   قايسى  راس

2

تېما

262

يازما

257

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1101
ئاقچا
1
ۋاقتى: 2014-5-21 19:16:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتا مۇئەللىم لۇغىتىمۇ مۇشۇ پۇلغا كەلمەيتى ، تېلفۇنغا ئىھتىياجى بارلار قىممەت كۆرمەي ئېلىڭلار ، باھاسى دەششەت مۇۋاپىقكە

1

تېما

264

يازما

195

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1312
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-21 19:24:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىنزە سەپلىمىسى سەل تۆۋەن بولاپ قاپتۇ، ھازىر ساپلا 2گ رام بىلان چىقىۋاتىدۇ ئەمەسما

1

تېما

392

يازما

428

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
2692
ئاقچا
0
QQ
ۋاقتى: 2014-5-21 19:25:02 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   royharry تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-21 19:27  

باھاسىمۇ بولغۇدەك،سەپلىمىسى يامان ئەمەسكەن،دۇكاندىكىنى كۆرسەم سۈپىتىمۇ خىلى ياخشى ،سىپتىكەن،سىستىمىسى ئۇيغۇرچە كەن،ئۇنىڭغا قوشۇپ سەپلەنگەن لۇغەت ئۆگىنىش قۇراللىرىنى قوشقاندا ھەقىقەتەن يىڭى تىلفۇن سىتىۋالغۇچىلارنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولالايدۇ، ئەگەر مىنىڭ ھازىر تىلفۇن ئالماشتۇرۇش نىيىتىم بولسا ئىككىلەنمەي سىتىۋالاتتتىم،

1

تېما

264

يازما

195

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
1312
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-21 19:28:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر ئۇيغۇرلار سەل تىلفوننىڭ ئىپى سىپىنى بىلىدىغانلار iphone ئىشلىتىۋاتىدۇ، تىلفوننى چۈشەنمەيدىغانلار يانا شۇ كونۇپكىلىق دەۋىردە، ئوتتىرا ئىقىمدىكى تىلفونلارنى ئىشلىتىدىغانلار بەك ئاز جىما.

0

تېما

1

يازما

3

تەجرىبە

يېڭى ئەزا

Rank: 1

نادىر
0
جۇغلانما
9
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-21 19:37:07 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىي سانائەت ۋە ئېلىكتىرون ئۇچۇر تېخنىكىنى بىزلەر ئۈچۈن ماسلاشتۇرۇپ قولايلىق يارتىپ بېرىۋاتقانلارنىڭ كەسىپ تىجارىتى تېخىمۇ گۈللەنگەي روناق تاپقاي
دوسلار  ئۆتكەندە تىل ئۆگىنىش ئېھتىياجى بىلەن مۇئەللىمنىڭ  i658 يانفۇنىدىن بىرنى ئالغانتىم  .ئىشلىتىدىغان كارتام تېلگىراف كارتىسى بولغانلىقتىن ئىككى يانجۇققا ئىككى يانفۇن سېلىپ قاملاشمىدى. شۇنىڭ بىلەن خۇاۋېي p6 گە لۇغەتلىرىنى قاچىلاپ ئىشلەتكىلى لۇغەت ساندانى ۋە ئەپ دىتالىنى سېستىمىدىن ئالدىم  ئاندىن خۇاۋېيغا قاچىلىدىم بىراق قوزغالماي چېكىنىپ كەتتى. قانداق قىلغاندا نۇرمال خۇاۋېي يانفۇنۇمدا ئىشلىتەلەيمەن  ھەقلىق بولسىمۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار

0

تېما

166

يازما

204

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

نادىر
0
جۇغلانما
918
ئاقچا
0
ۋاقتى: 2014-5-21 20:15:54 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا ۋە سەپلىمە جەھەتتە مۇۋاپىقكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش


تېما يوللاش تېز ئىنكاس تۈرگە قايتىش
تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش