- جۇغلانما
- 6040
UID13905
تىزىملاتقان2013-2-14
ئاخىرقى قېتىم2015-4-14
توردا2111 سائەت
مۇنبەر ئاقساقىلى
مۇنبەر ئاقساقىلى√ BADBOY
 
- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 6040
- ئاقچا
- 0

|
سامسۇڭ شىركىتى گەرچە ئالىي دەرىجىلىك نۇسخىدىكى Galaxy S5 يانفونىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق، ئىشەنچىلىك ئۇچۇرلاردا بۇ يانفوننىڭ ئىچكى قىسىمدا سىناق قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇزۇنغا قالماي ئىستېمالچىلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
يىقىندا چەتئەل تاراتقۇلىرى Galaxy S5 Prime يانفونىنىڭ نەچچە پارچە رەسىمىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، بۇ يانفوننىڭ شەكلى Galaxy S5 بىلەن پەرقلەنمىسىمۇ، بىراق، ئۇنىڭ ئىقتىدارىدا ئۆزگىرىش بولغان شۇنداقلا يانفون گىرۋىكىگە مېتال يالىتىلغان ئىكەن.
Galaxy S5 Prime يانفونى ھازىر سامسۇڭ شىركىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفونى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بۇ يانفونغا ئېنىقلىق دەرىجىسى 1440×2560 بولغان 5.2 دىيۇملۇق ئىكران، ئىككى خىل نۇسخىدىكى بىر تەرەپ قىلغۇچ، يەنى بىر خىل نۇسخىسىغا گاۋتوڭ 805 تىپلىق، يەنە بىرسىگە سامسۇڭ ئۆزى ياساپ چىققان Exynos 5430 تىپلىق سەككىز يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلىنىدىغان بولۇپ، GPU قىسمىنىڭ ئاساس چاستوتىسى 600MHz گە يېتىدىكەن.
بۇندىن باشقا، بۇندىن ئىلگىرى ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا بۇ يانفونغا 3GB لىق ئىچكى ساقلىغۇچ سەپلىنىدىغانلىقى، ئاندىرويىد 4.4 سىستېمىسى قاچىلىنىدىغانلىقىمۇ تىلغا ئېلىنغان، ئۇندىن باشقا، يانفون كامېراسى 16 مىليون پىكسىل ئېنىقلىقتا بولۇپ، OIS ئىقتىدارى قوشۇلغان ئىكەن.
مەزكۇر يانفوننىڭ ئېلان قىلىنىش ۋاقتىغا كەلسەك، ئۇچۇرلاردا بۇ يانفوننىڭ بۇ يىل 6-ئايلاردا ئالدى بىلەن كورىيە بازىرىغا سېلىنىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش: نۇر تورىدىن ئۆز ئەينى كۆچۈرۈلۈپ كېلىندى.
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|