ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 849 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • xohkiz 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەپ يوللاشتىن ياردەم قىلساڭلارچۇ 1633985123 ئەسكەرتىش بىرۋىتىپ قوشۇڭلار

  • xakuf 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇگۇن مەن ئادرس تەھىرلەشنى ئۈگۈنىۋالدىم

  • polat189 ئۈلۈشكۈن 00:31 [ئىنكاس(0)] [...]

    9 كۈن تولىمۇ تەستە ئۆتتى ،

  • atiyan 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    IOS نىڭ ئۇيغۇرچە تىل بولىقى كىمدە بار ؟ قالدۇرۇپ قويساڭلار تىلفۇننى تۈرمىدىن قاچىلاپ ئىشلىتەتتىم .

  • izqi520 2014-6-23 14:13 [ئىنكاس(0)] [...]

    پادا باققاندا  دوسىت ئدۇق، ياڭاق چاققاندا ئايرىلدۇق.

  • ☜Βυ♡Г@Ч☞ 2014-6-20 12:44 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنسانغا بېقىپ ، قەلىپمۇ ئۆزگىرەيدۇ .

  • Padichi 2014-6-18 16:15 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆپىنچەيلەن ئوخشاش مەسلەھەت سوراشتى: قانداق قىلاي!-مەن يەنە قايتا دەيمەن كىتاب ئوقۇڭ!

  • xohkiz 2 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    دوسلا مەن بىر ئەپ يوللاي دىگەنتىم بوشلۇققا تىزىملىتىپ بولۇپ ئاندىن يوللامدىمەن 1633985123 ئەسكەرتىش بىرۋىتىپ

  • sirdaxalim 8 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    توۋا مەن تىما يوللڭساملا تەستىقلانمەيدىكەن دىسە

  • دىھقان 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    سامسۇڭغا 4.4روم قاچىلاي دىگەنتىم ھەجەپ قاچىلىيامىدىم دىسە  http://url class="vm">  http://url class="vm">  http://url class="vm">  http://url class="vm">

  • Padichi 7 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    پىتچىلىك سىكرىپىت كودى : http://url

  • alim09 2014-6-21 13:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوسلار تېلىفوننىڭ تورىنى ئۈستەل كومپىيۇتىرغا قانداق ئۇلايدۇ  بۇ خىلدىكى دەرىسلىك ب...

  • alipjan 2014-6-19 18:26 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يېڭىدىن لىيەنشاڭ A678t ئالغان بەيدۇ كىرگۈزگۈچىنى چۈشۈرۈپ ئۇيغۇرچە كىرگۈزەلمىدىم ،   ياردەم قىلىڭلار!!!

  • kara_iz 2014-6-18 00:49 [ئىنكاس(0)] [...]

    html , css , java , php  ۋاي ۋاي قايسى تىلنى ئۈگۈنۈپ ئۈلگۈرەي ئەمدى .

  • سەبىر0903 5 سائەت ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ىدا http://url

  • margan_m73 ئۈلۈشكۈن 14:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    رامىزان مۇبارەك

  • alipjan 6 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاخىرى تېلفۇنۇمدا ئۇيغۇرچە خەت يازالايدىغان بولدۇم!

  • 美丽的享受 2014-6-23 18:05 [ئىنكاس(2)] [...]

    سۇنئى ھەمراھ قازاننى جاپا تارتماي تەڭشەش ئۇسۇلىنى تاپتىم  يېڭىدىن سېتىپ ئالغان سۇنئى ئەمراھ قازاننى ئەكىلىپ تەڭشىگەندە قېشىڭدا ئادەم بولماي قالىدۇ يالغۇز تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ  نۇرغۇن جاپا تارتىپ كېتىسىز ئۆينىڭ ئۇگىزىغا چىقىپ چۈشۈپ دېگەندەك   ياكى ئىككى ئادەم بولسىمۇ يەنە جاپا تارتىسىز  مەن جاپا تارتماي تەڭشەش ئۇسۇلىنى تاپتىم  5مېتىرلىق يا ئون مېتىرلىق سىملىق توك مەنبەسى  خەنزۇچە 插座دەيمىز  مۇشۇ بار بولسىلا كۇپايە  ئالدى بىلەن سۇ ئى ئەمراھ قازان بىلەن 机子 ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى باش ئاپپارات دەمدۇق مۇشۇ ئىككىسىنىىڭ سېگىنال سىمىنى ئۇلايمىز  توك مەنبەسىگە چاتىمىز 遥控نىڭ بىر ئايرىم سېگىنال كۆرسۇتۇش كىنۇپكىسى بار شۇنى باسساڭ  كۆرۇنىدۇ  p00دەل شۇ  ئەمدى گەپ تەڭشەشتە قالدى سۇنئى ئەمراھ قازان بىلەن باش ئاپپاراتنى   ـ ياۋكۇڭنى ھەم توك مەنبەسىنى بىراق ئېلىپ ئۆينىڭ ئۆگىزىغا چىقىپ  سۇنئى ئەمراھ قازاننى مۇئاپىق جايغا قويۇپ بولۇپ باش ئاپپاراتنى توك مەنبەسىگە چاتقاندىن كىيىن ياۋكوڭنىڭ سېگىنال كىنۇپكىسىنى باسسىڭىز سېگىنال كۆرۇنىدۇ مانداق كۆرۇنىدۇ p00    مۇشۇنىڭغا قاراپ  قازاننى بۇراپ سېگىنال 80بولغىچە تەڭشىسىڭىز بولدى p80بولغانغا قەدەر قاراپ بۇراپ تەڭشىسەڭ بولدى تەڭشەپ بولغاندىن كىيىن قازاننى كىسەك بىلەن باستۇرۇپ مۇقىملاپ قويسىڭىز بولدى  ئەمدى باش ئاپپارتنى ياۋكوڭنى توك مەنبەسىنى ئىلىپ چۈشۈپ  باش ئاپپاراتبىلەن تېلېۋزۇر سىمىنى چاتسىڭىز بولدى  ئش تامام بولدى  مەن مۇشۇنداق تەڭشەپ  جاپا تارتماي ئاسان تەڭشىدىم

  • كۆك ئارال 2014-6-21 06:54 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆك ئارال ئۈندىدار سالونىنى قوشمىغانلار بولسا قوشىۋىلىڭلار . ئىزدەش نامى: Kokaral

  • Padichi 2014-6-18 16:20 [ئىنكاس(0)] [...]

    تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

  • `salam 2014-6-16 22:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    لىيەنشىياڭ A600e نىڭ ئەڭ يېڭى ئۇيغۇرچە رومى

كۆرۈش: 1289|ئىنكاس: 30

2014-يىلى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى 100 ئىستىقباللىق كەسىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

22

تېما

32

دوست

5505

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
0
جۇغلانما
2202
توردا
641 سائەت
نادىر
1

تۆھپە ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 18:11:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Padichi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-15 18:17  

  ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم!

ئاۋال چۈشەنچە بېرىۋالاي! «پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن» ناملىق يۈرۈشلۈك يازمىللىرىمنى يوللاۋاتقان ئىدىم ، بەلكىم قېرىنداشلار بۇ تېمىنى كۆرۈپ نىمىشقا تۇيۇقسىزلا يۆلىنىش ئۆزگەرگەندۇ ؟ دەپ ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن ، ياق ! يۆلىنىش ئۆزگەرمىدى ، «پىروگىراممىرلىق خاتىرەمدىن» داۋاملىق يىزىلىۋاتقان بولۇپ كىيىن مۇۋاپىق پۇرسەتتە سىلەر بىلەن داۋاملىق يۈز كۆرۈشىدۇ. ئاندىن مەزكۇر يۈرۈشلۈك تەرجىمە خارەكتىردىكى ماقالىلىرىمنىمۇ شۇنىڭ بىلەن بەك چوڭ پەرىقلىق دەپ قارىمايمەن ، ئەڭ مۇھىمى ، يېقىندىن بۇيان ماڭا ئېلخەت يازغان قېرىنداشلارنىڭ كۆپىنجىسىنىڭ خىتىدىن مەلۇم بولدىكى ، چەتئەلگە چىقىپ ياكى ئىچكىردىكى ئاددىسى دىيارىمىزدا ئالى مەكتەپلەرگە ياكى تولۇق كۇرىسلارغا ئۆتۈش ئالدىدىكى قېرىداشلار بەك كۆپكەن ، ئۇنداق بولمىغاندىمۇ جەمىيەتتىكى يەنە نۇرغۇن قېرىنداشلار ئۆزىنىڭ كەسىپ تاللاشتا ئىككىلىنىپ قالغانلىقىنى تىلغا ئېلىپتۇ.  شۇنىڭ ئۈچۈن مەن تولىمۇ قىيىن بىر ھالەتتە ۋاقىت چىقىرىپ ، ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن ئىزدەندىم ۋە نوپۇزلۇق ماتىرياللارنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەزكۇر يازمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. قالغىنىغا ماقالە داۋامىدا ئايرىم چۈشەنچە بېرىلدى.


2014-يىلى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى 100 ئىستىقباللىق كەسىپ
ئېلىكىتابىنى چۈشۈرىۋېلىڭ! : http://yunpan.cn/Qi62amGUeD5YM (提取码:67ea)

ھەرقايسى ئەللەر ، چوڭ – كىچىك تەشكىلاتلار ، شىركەتلەر ھەتتا شەخىسلەردىن تارتىپ ھەر يىلى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان سىتاتىسكا دوكىلاتلىرىنى ئېلان قىلىدىغان بولۇپ ، بەزىسى دۆلەتنىڭ كىرىمنى ۋە ئىقتىساسلىقلار ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مۆلچەرلەش نىيىتىدە بولسا ، بەزىسى خەيرى – ساخاۋەت ، ئىنسانلارغا تۆھپە قوشۇش ... دىگەندەك ، شىركەتلەر بولسا ئۆز كەسىپ يۆلىنىشگە ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولسۇن دەپ قىلغان بولسا ، شەخىسلەر ئۆزىنىڭ كەسپىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋە دۇنيادىكى ئورنىنى بىلىپ باقماقچىدۇر بەلكىم! مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بۇ بىر پايدىلىق ئىشتۇر ، بولۇپمۇ ھازىرقى ۋاقىتتا بۇنداق سىتاتىسكىلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇش ئۆز نۆۋىتىدە بىرقانچە مىڭ يۈەن كىرىم قىلغاندىنمۇ بەكرەك پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن!

خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق توربەتلەردە 2014- يىللىق كەسىپلەر دەرىجە سىتاتىسكىسى ئاللىقاچان يەنى
2014 كىرمەي تۇرۇپلار ئېلان قىلىنىپ بولغان ئىدى ، ئۇ چاغدا مەن بۇنىڭ ئىنگىلىزچە ئورگىنالىنى يوللاپمۇ قويغان ئىدىم. ئەمما مەلۇم بولدىكى يەنىلا نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنالىشى ناتايىن ئىكەن ، شۇڭا سەۋيەمنىڭ تۆۋەنلىكىگە قارىماي ، ئۇلارنىڭ ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان جايلىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر سىتاتىسكىدىكى كەسىپلەر ئىقتىسادى قىممەت نۇقتىسىدىن دەرىجىگە تىزىلغاندەك قىلىدۇ ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئومۇمى كەيپىياتىدىن قارىغاندىمۇ ئىقتىساد ئامىلىنى مۇۋەپپىقيەت دەپ
چۈشۈنۈش ئومۇملاشقان بولغاچقا شۇ بويىچە دەرىجىگە تىزىلغان بولۇشى ئىھتىمال – شەخسى قاراش.

بۇلار جەمئى 100 داڭلىق كەسىپ بولۇپ ، ۋاقىت ، سەھىپە ، سەۋىيە چەكلىمىسى تۈپەيلى ئالدىنقى 10 كەسىپلا سەل كونكىرىت بايان قىلىندۇ. قالغان كەسىپلەر ئومۇمى بايان شەكلىدىلا بىر تىلغا ئېلىنىپ ئۆتۈلىدۇ.

        1.يۇمشاق دىتال ئىنجىنىرلىق كەسپىي!  (كومپىيۇتېرغا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 1-جىسى)  
software_development.jpg

ھەر يىلقىغا ئوخشاشلا مەزكۇر يۇمشاق دىتال كەسپى يەنىلا ئۆز رىكورتىنى ساقلاپ قالدى. ئەسلى ئورگىنالدى ئنىقلىمىسدا ۋە باشقا مەنبەلەردە مۇنداق ئېنىقلىما بېرىلىپتۇ. كومپىيۇتېر ئىنجىنىرلىق كەسپىنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ، باشقا كەسىپلەرگە ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى : ئۇنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئەڭ قىسقا ، تەرەققى قىلىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ، كېڭىزيىش تىزلىكى ئەڭ شىددەتلىك! ... سىز ئىشلىتىۋاتقان ئاددى بىر سائەتتىن تارتىپ ، قولىڭىزدىكى تېلىفونىچە ، كوچا چىرىغىدىن تارتىپ ئۆيىڭىزدىكى ئائىلە سايمانلىرىغىچە ھەممىلا نەرسىگە يۇشاق دىتال ئىنجىنىرلىرىنىڭ قولى تەگمىسە قېنى سىز ئىشلىتەمسىزكىن؟! پەيدا بولغىنىغا تېخى يېرىم ئەسىرمۇ بولمىغان(مۇستەقىل كەسىپ بۇلۇپ شەكىللىنىش ۋاقتىنى كۆزدە تۇتىدۇ) بۇ كەسىپنىڭ ئىنسانىيەت تۇرمۇشىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىغىچە كېڭىيىشىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ ئۇنى 1- ئورۇنغا تىزىشىمىزغا يىتەرلىك سەۋەب بولالايتتى! دۇنيائاخبارات ساھەسىدە ئۇرۇشتىن قالسىلا ئەڭ قىززىق نۇقتا بۇلۇشى - دۇنيادىكى ئەڭ باي ماگىناتلارنىڭ مۇشۇ ساھەدىن چىقىۋاتقانلىقى قاتارلىق نۇرغۇن سەۋەبلەر بۇ كەسىپنىڭ يېقىنقى بىرقانچە ئون ھەتتا يۈز يىللاردا سەھنىدىن چۈشۈپ كىتىداغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىمىزغا سەۋەب بولدى.
Business-Software-Development.jpg

يىللىق كىرىمى : يۇقرى سەۋيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى 113 مىڭ 280 دوللار ....
ئوتتۇرا سەۋىيەلىكلەرنىڭ يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى 90 مىڭ 60 دوللار ...
تۆۋەن سەۋىيەلىكلەرنىڭ ئوتتۇرچە كىرىمى  70 مىڭ 850 دوللار ...
ئەسكەرتىش :1. يۇقارقى كىرىم ھىساباتى خەلىقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلغان.
2. يۇقارقى 3 خىل دەرىجە پىرسەنىتنى ئۆلچەم قىلغان بولۇپ مەسلەن يۇقرى سەۋىيە دىگىنى 75پىرسەنىتنى كۆرسىتىدۇ. باشقىللىرىنى شۇ بويىچە چۈشەنسڭىز بولىدۇ.

2.كومپىيۇتېر سېستىما ئانالىزچىسى! كومپىيۇتېرغا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 2-جىسى
01QgdyC2wOaXx_1201.jpg

راستىنى ئېيتسام مەزكۇر كەسىپنىڭ قانداق قىلىپ كومپىيۇتېر ئىنجىنىرلىق كەسپىدىن كىيىنلا دۇنيادىكى 2- چوڭ كەسىپ بولۇپ تىزىلغانلىقىنى تازا چۈشىنەلمەي قالدىم. ئەسلى ئورگىنالدا مۇنداق مەزمۇندا ئېنىقلىما بېرىلىپتۇ. « كومپىيۇتېر سېستىما ئانالىزچىسى كومپىيۇتېر سېستىمىسى بىلەن ئۇنى لاھىيەلىگۈچى ئورگاننىڭ لاھىيەسىنى ئەڭ مۇكەممەل دەرىجىدە ماسلاشتۇرۇش ، ۋە لاھىيە داۋامىدىكى شۇنداقلا لاھىيە پۈتكەندىن كىيىنكى سېستىما يوچۇقىنى تەھلىل قىلىپ تېپىش ۋە ھەل قىلىش لاھىيەسى بىلەن ئوتتۇرغا قويۇش» دىگەندەك ... يەنە تۆۋەندىكى شەرىتلىرىنى تىلغا ئېلىپتۇ « كومپىيۇتېر سېستىما ئانالىزچىسى كەمىدە تۆۋەندىكى شەرىتلەرنى ھازىرلىشى لازىم! 1.كومپىيۇتېر يۇمشاق دىتالىنى ياخشى چۈشىنىشى ، مۇرەككەپ بولغان پىروگىراممىلارنى ، ھەرخىل پارامىتىرلارنى قانۇنيەتلىك تەھلىل قىلالىشى لازىم! 2. كومپىيۇتېر قاتتىق دىتالىنىڭ ئىش ئىشلەش پىرىنسىپىنى پىششىق چۈشىنىشى لازىم!  3. كومپىيۇتېر تور تېخنىكىسىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشى ۋە تور تېخنىكىسىنىڭ كومپىيۇتېر مەشغۇلات پىرىنسىپىدىكى ئىش ئىشلەش قانۇنيىتىنى تەھلىل قىلالىشى لازىم! 4.يۇقارقى چوڭ ئۈچ بۆلەك يەنى كومپىيۇتېر مەشغۇلات سېستىمىسى ، كومپىيۇتېر قاتتىق دىتالى ۋە كومپىيۇتېر تور تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتىنى ناھايىتى ياخشى چۈشىنىشى ، تەتقىق قىلالشى ، تەھلىل قىلالىشى لازىم! شۇنىڭدىن كىيىنلا يۇقرى سەۋىيەلىك مۇنەۋۋەر ئىنجىنىرلار يازغان مۇكەممەل پىروگىرامما ، مەشغۇلات سېستىمىللىردىن يۇچۇق تاپالايدۇ.»  بۇ قۇرلارنى ئوقۇغاندىن كىيىلا ئاندىن بۇ كەسىپنىڭ نىمە ئۈچۈن دۇنيا بويىچە ئىككىنجى چوڭ كەسىپ بولۇپ تىزىلغانلىقىغا قايىل بولدۇم.

يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى:  يۇقرى سەۋىيە  100 مىڭ 30 دوللار!
ئوتتۇرا سەۋىيە 79 مىڭ 680 دوللار!
تۆۋەن سەۋىيە 63 مىڭ 30 دوللار! (خەلىقئارا ئۆلچەم)

3. چىش دوختۇرى!  (ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 1-جىسى)
dentist.jpg

بۇ خەۋەر ئادەمنى سەل بىئارام قىلىدۇ شۇنداقمۇ ، مۇرەككەپ ئىچكى كىسەللىكلەر دوختۇرلىرى تۇرسا، تەجىربىلىك تاشىقى كىسەللىكلەر دوختۇرلىرى تۇرسا ... ئەجبا چىش دوختۇرلۇق كەسپى شۇنچە مۇرەككەپ كەسىپلەردىنمۇ ئالى دەرىجىلىكمىدۇ؟ ئۇ نىمىشقا 3- ئورۇنغا تىزىلىپ قالدى؟ مەن راستىنلا
ھەيران قالدىم. ئەمەلىيەت شۇكى ئەسلى ئورگىنالمۇ ناھايىتى قىززىق دەللەر بىلەن باشلانغا ئىدى. « سىزنىڭ ئەڭ بىئارام بولۇپمۇ بارماي قۇتۇلالمايدىغان يېرىڭىز قەيەر؟ بېرىشنى خالىمايسىزيۇ ئەمما يۈگۈرۈپ بارماي ئامالىڭىز يوق!!! بىر ئادەمدە بىر پۇت بولار پۈتۈن ھاياتىدا بىر قېتىم سۇنار يا سۇنماس ، سۇنۇقچىنىڭ بازىرى شۇنىڭ بىلەن تۈگەيدۇ. بىر ئادەمدە بىر ئۆت ياكى بىر يۈرەك بولار ، ئىچكى كىسەل دوختۇرىنىڭ بازىرى بىر قېتىملىق ئوپراسىيە! ئەمما جەزىم قىلىمەنكى سىزنىڭ 32 چىشىڭىز بولمىغاندىمۇ 20 دىن كەم چىقمايدىغۇ دەيمەن. يەنە كاپالەت بېرەلەيمەنكى سىز يىگەن ھەر بىرنەرسە
ئېغىزڭىزدىن كىرگەندىن كىين تۇنجى ئۇچىرشىدىغان نەرسە دەل سىزنىڭ چىشلىرىڭىزدۇر. بۇلارغا
ئادەم تەبئىتىدىكى ھورۇنلۇق (چىشنى چوتكىلاش قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلسا كېرەك) قوشۇلۇپ ...
چىش دوختۇرلىرىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور بازار قىممىتى يارىتىپ بەردى.» يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇپ بولۇپ بۇ مەسىلىمۇ مىنىڭ كاللامدىن ئۆتكەندەك بولدى، سىزنىڭچۇ؟

يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى :  ئوتتۇرا يۇقرى سەۋيەلەر 145 مىڭ 240 دوللار!
تۆۋىن سەۋىيە 104 مىڭ 230 دوللار! (خەلىقئارا ئۆلچەم)

4. كەسپىي سېستىرا . (ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 2-جىسى)
nurse-practitioner-salary-by-state.jpg

   4- ئورۇنغا تىزىلغان  بۇ كەسىپكە قاراپ قانچىلىك ھەيران قالغىنىمنى بىلمەيسىز! مىنىڭ (بەلكىم بىزنىڭ) نەزىرىمدىكى بۇ كەسىپ ئۇنچە زىزلزىلە قوزغىغۇدەك كەسىپ ئەمەس ئىدى. ئەمما ئەسلى ئورگىنالدىكى سەۋەبلەرنى قايتا – قايتا ئوقۇپ چۈشەنگەندىن كىيىن شۇنى ھىس قىلدىمكى ، بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان « سېستىرا » سۆزى دائىرىسىگە رايونىمىزدىكى مۇتلەق نۇرغۇن سېستىرا ئۈنۋانىدىكى كىشىلەر كىرەلمەيدىغاندەك قىلىدۇ.  بېرىلگەن ئورگىنالدا مۇنداق مەزمۇندا ئىلاۋە بىرىلگەن ئىدى. «مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ھىسيات نۇقتىسىدىن مەزكۇر كەسىپنىڭ نىمە ئۈچۈن دوختۇر ، ئىچكى كىسەللىكلەر پىروففىسورى ، قۇرلۇش ئىنجىنىرى ... قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق كەسىپلەرنىڭمۇ ئالدىغا تىزىلىپ قالغانلىقىغا قايىل بولالمايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت شۇكى ئىنسانلارنىڭ ئىھتىياجى قايسى نۇقتىغا مەركەزلەشسە ئىستىقبال قاينىمى شۇ نۇقتىنى مەركەز قىلىپ پېرقىرايدۇ ، مەسلەن : ئەگەر ئىنسانلارنىڭ بىنا- قۇرلۇشلارغا ئىھتىياجى ئازايغاندا قۇرلۇش ئىنجىنىرىنىڭ قەدرى ، بىر ساتراچتىنمۇ تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە سېستىرالارنىڭ قىلىدىغان ئىشى سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىمۇ ئاددى ئەمەس ، كۈنىگە تۇغۇلىۋاتقان يۈزلىگەن بوۋاقلار، ھايات-مامات ئوتتۇرسىدىكى تۈمەنلىگەن كىسەللەر ، ئاغرىق ئازابىدا ۋايساۋاتقانلار، ئۆز ھاجىتىدان چىقالمايۋاتقانلار ... 100  بىمارغا بىر تەجىربىلىك دوختۇر يىتىپ ئاشىدۇ ئەمما 10 بىمارغا بىر سېستىرا يىتىشى ناتايىن» سىزچە شۇ سېستىرانىڭ قىلىدىغان ئىشى مۇشۇلارلىمىدۇ؟  ياق ... ھەيران قالدىمكى ئىلاۋىدە يەنە مۇنداق ئەسكەرتىشلەر بېرىلىپتۇ. « سېستىرا ئۈنۋانى ئۈچۈن كىسەل ئەھۋالىنى ئانالىز قىلالىشى ، تەجىربىخانىدا مۇرەككەپ تەجىربىلەرنى ئىشلىيەلىشى شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە دوختۇرنىڭ رولىنى ئوينىيالىشى ھەتتا بىر قېتىملىق مۇكەممەل ئوپراتىسيە مەشغۇلاتىنى قىلالىشى تەلەپ قىلىندۇ.»  ئەلىۋەتتە بۇلاردىن باشقىمۇ نۇرغۇن شەرىتلەر ، نۇرغۇن ئېنىقلىمىلار بولۇپ بۇلارنى بىر-بىرلەپ يىزىش ئەپسىز بولۇپ قالدى.

يىللىق ئوتتۇرچە كىرىمى :  ئالى دەرىجىلىك سېستىرالار :  106 مىڭ 510 دوللار
ئوتتۇرا دەرىجىلىك سېستىرالار : 89 مىڭ 960 دوللار ...
تۆۋەن دەرىجىلىك سېستىرالار :  78 مىڭ 410 دوللار ....
--- خەلىقئارا ئۆلچەم ----
ئەسكەرتىش :  بۇ يەردە مۇنداق ئىككى نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىتەي. 1- بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان تۆۋەن دەرىجىلك ئاتالغۇسى ھەرگىزمۇ  ناچار سەۋىيەنى كۆرسەتمەستىن ، خەلىقئارا ئۆلچەمنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ ، پىرسەنىتلەشتۈرۈپ ھىسابلاش نەتىجىسىدىن ئىبارەت.
2- يۇقارقى مەزمۇنلار تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ ، تىلىمىزدا تېخىمۇ جانلىق ، چۈشىنىشلىك ئىپادىلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ئوبرازلىق ئىپادىلەيمەن دەپ ئەسلى مەزمۇن ئەينەن تەرجىمە قىلىنماستىن مەزمۇن تۇتقا قىلىنىپ ئۆزگەرتىپ ئىپادىلەندى. قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ئوقۇشىنى ۋە باھا بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن

5. دورىگەرلىك (ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەرنىڭ 3-جىسى)
th1.jpg

«ئىلگىرىركى ۋاقىتلار بولغان بولسا ئېھتىمال دورىگەرلىك كەسپى ئالدىنقى ئوننىڭ ھەتتا 20 نىڭ ئىچىگە كىرەلىشى ناتايىن ئىدى . ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ، ھازىرقى ۋاقىتتا دورا ۋە ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى ئىنسانىيەت تۇرمۇشىغا كومپىيۇتېردەك ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىمراق بولۇپ قالدى. جەزىملەشتۈرەلەيمەنكى سىزنىڭ كۈنلىرىڭىز گۆش يىمەيمۇ ئۆتىۋېرىدۇ ، قورۇما ، ئىتالىيە چۆپى ، پىسالارنى يىمىسىڭىزمۇ كۈن ئۆتكىزەلەيسىز ئەمما ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىسىز، ئاددى دورا - كومۇلاچلارسىز كۈنلىرىڭىز قانچە ئۇزۇن خاتىرجەم داۋاملىشى مۇمكىن؟ مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشى ، خىېمىيىلىك قورال سىناقلىىرى
medicine2.jpg

، ئورگانىك ماددىلار ، خېمىيىلىك بىرىكمىلەرنىڭ يىمەكلەر ئارقىلىق داستىخىنىمىزغىچە ئاخىرى قورسىقىمىزغىچە بېرىشى بىزنى شۇنداق بىر ھاڭ لېۋىگە قىستاپ باردىكى كۆز يەتكۈسىز تىك قىيا زەھەرلىنىش ئالدىدا ئەپلەپ – سەپلەپ جان باقماقتىمىز، مۇشۇ تۇرىۋاتقان خەتەرلىك ئورنىمىزدىن ھىس قىلىپ باقساق بەلكىم ئاشۇ دورىلا بىزنىڭ پۇتىمىزدىكى دەسسەپ تۇرىۋالغۇدەك تاشلىرىمىزدۇر.....» مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا مەزكۇر كەسىپنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنىڭ 5- ساغلاملىققا ئائىت كەسىپلەر ئارسىدا 3- بولۇپ قېلىشىدىن ئەجەبلەنمىسەممۇ بولىدۇ.

   ئىلاۋە : توغرا ، ئەمەلىيەت شۇكى ، كىشىلەرنىڭ  قايسى تەرەپكە بەكرەك ئەۋجىگە چىقسا ، مۇۋەپپىقيەت ۋە ئىستىقبال شۇ تەرەپتىكى كەسىپلەردە بەكراق مول بولىشى مۇمىكىن ئىكەن.  بۇ قېتىمقى تونۇشتۇرۇش ماقالىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ ، كىيىنكى قىسىمىنى داۋاملىق ، قۇربىمنىڭ يىتىشىچە تەرجىمە قىلىپ يوللايمەن. بۇنىڭغا ئوخشىغان خەلىقئارالىق نوپۇزلۇق سىتاتىسكىلارنى ھەممىمىز بولۇپمۇ بىز ياشلار تېخىمۇ ئېنىقراقى ئالى مەكتەپ ئىشتىراكچىللىرى ئۈچۈن تولىمۇ پايدىلىق ۋە مۇھىم دەپ قارىغانلىقىمدىن ، مەزكۇر تەرجىمىگە تۇتۇش قىلدىم ، كەمتەرلىك قىلماي لىلا سۆزلىگەندە سەۋىيەرىم تۆۋەن بولۇپ تەرجىمىدە نۇرغۇن نۇقسانلار بولۇشى تەبئىي ، قېرىنداشلارنىڭ باشقىچە ئويلاردا بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن. پەقەت ئورتاق پايدىلىشى مەقسەد قىلىندى ، بەكتۇر چەتئەل تىلى ، چەتئەلدە ئوقۇش ، كەسىپ ئۇچۇرلىرى ، بىرىملىرى مۇنبىرى نامىدىن تەييارلاندى ۋە تارقىتىلدى.
  http://bektur.com/bbs/portal.php

ماقالىنىڭ ھوقۇقى توغرا يولدا پايدىلانغۇچى بارلىق قېرىنداشلارغا مەنسۇپ  ، مەنبەنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە تارقاتسىڭىز ياكى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.ئەگەر ماقالىدە ھەرقانداق نۇقسان ، ئارتۇقچە ۋە ياكى مەسىلە بار دەپ قارالغا نۇقتىلار بولسا تەنقىدى پىكىرلەر قۇبۇل قىلىندۇ.  ئەلىۋەتتە خالىسىڭىز مىنىڭ شەخسى خەت ساندۇقۇمغا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئادىرسى :
esedulla@sina.com   

كامالى ئىھتىرام بىلەن پادىچى!
-2014 – يىلى 5-ئاينىڭ 15 – كۈنى
- مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچى!
-رەھمەت – داۋامى بار!

- ۋاقىت چەكلىمىسى تۈپەيلى ، تېخىمۇ كۆپ مۇنبەرلەرگە ئۆزۈم يوللىيالمايمەن ، شۇڭا ئاداشلار ئىزدىنىش ، مىسرانىم ،... ئىشقىلىپ ئۆزۈڭلار خالىغان تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلار كۆرەلەيدىغان مۇنبەرلەرگە ئۆلچەملىك كۆچۈرۈپ يوللاپ قويساڭلار... ئاللاھ خالىسا ساۋابىقا شىرىك بولۇسىلە!  



th.jpg
ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىجۇغلانما يىغىش سەۋەبى
alip + 200 ياخشى يازما

ھەممە باھا نومۇرى : جۇغلانما + 200   باھا خاتىرىسى

تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....
جۇلا ئەپ بازىرى

3

تېما

0

دوست

303

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
80
توردا
99 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 18:57:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دورىگەرلىك  كەسپىنى ئۆگىنىپ ھازىر ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك شېركىتىدە  ئىشلەۋاتىمەن . شېركەت ھازىرقى جۇڭگو بويىچە ئەڭ چوڭ  ئۇيغۇر  تېبابەت دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ...ھەقىقەتەن  جانغا  ئەسقاتىدىغان كەسىپ جۇمۇ...

7

تېما

10

دوست

1164

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
10
جۇغلانما
324
توردا
250 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 18:58:26 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت،،
جۇلا ئەپ بازىرى

0

تېما

17

دوست

395

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
128
توردا
47 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 19:25:38 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

10

دوست

791

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
174
توردا
292 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 19:27:41 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە، چۈشۈرۋېلىپ ئۇقۇپ باقاي.

7

تېما

6

دوست

2358

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
352
توردا
1469 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 19:37:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ كومپيۇتېر ساھەسىدە چىداپ تۇرۇپ باشقا ئېلىپ چىقسا راھىتىنى شۇ چاغدا كۆرىدۇ دە.....
ئارىلىقتا قىينالغىنىنى شۇ ئادەم ئۆزى بىلمىسە....

3

تېما

3

دوست

460

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
124
توردا
123 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 20:25:27 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەن  ئۈگنىۋاتقان    داۋالاش    كەسپى  يوققۇ

22

تېما

32

دوست

5505

تەجرىبە

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

ئاقچا
0
جۇغلانما
2202
توردا
641 سائەت
نادىر
1

تۆھپە ئوردېنى

يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 20:26:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
turan319 يوللىغان ۋاقتى  2014-5-15 20:25
مەن  ئۈگنىۋاتقان    داۋالاش    كەسپى  يوققۇ

قېرىندىشىم ، داۋامى بار ! ... كەسىپنىڭ ئەھۋالىغا بۇنىڭغا قارپلا باھا بەرمەڭ! ...
تولا چاقچاق قىلغان ئادەمنىڭ ھۆرمىتى بولمايدۇ،تولا گەپ قىلغان ئادەم ئاسان خاتالىشىدۇ،تولا خاتالشقان ئ....

0

تېما

7

دوست

506

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
85
توردا
176 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:00:12 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دوستۇم.ياخشى تېمىلىرڭزىۇزۇلمىسۇن.
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

4

تېما

7

دوست

1451

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
0
جۇغلانما
396
توردا
492 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:12:06 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كومپىيوتېر تېخنىكىسى ، دەرس لاھىيىسى.... رىتسىپ تورىدا

0

تېما

1

دوست

339

تەجرىبە

ئاكتىپ ئەزا

Rank: 3Rank: 3

ئاقچا
0
جۇغلانما
84
توردا
136 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:13:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىرقى ياشلارپايدىلانسا بولغىدەك ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز ،ھارمىغايسىز.رەھمەت قېرىندىشىم.

0

تېما

0

دوست

195

تەجرىبە

تىرىشچان ئەزا

Rank: 2

ئاقچا
0
جۇغلانما
86
توردا
14 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:17:14 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى مەن سىستىرالىقتا ئوقۇۋاتقانتىم .
ئالپ Android يانفون تېرمىنالىدا يېزىلغان ئىنكاس

2

تېما

6

دوست

1102

تەجرىبە

يوللاش چەكلەنگەن

ئاقچا
1
جۇغلانما
257
توردا
321 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 21:38:27 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

5

تېما

6

دوست

1250

تەجرىبە

ئالىي ئەزا

Rank: 4

ئاقچا
1
جۇغلانما
285
توردا
359 سائەت
نادىر
0
يوللىغان ۋاقتى 2014-5-15 23:00:01 يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇقۇپ چىقتىم بۇرادىرىم ئەسەددۇللاھ    ، ماڭا بۇ يەنە بىر رىغبەتلەندۈرۈش بولدى…

داۋامىغا   تەشنامەن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

يانفون نۇسخسى|يانفون تېرمىنالى|ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى ( 新ICP备13002551号-1 )

GMT+8, 2014-7-1 22:42 , Processed in 0.111850 second(s), 41 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش