|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-14 11:40
بۇ فرانسىيە ئاكادېمىيەسىدە ئىشلەيدىغان يالقۇن ئاكىمىزنىڭ چىقارغان كۆپ تىللىق ئاتلاس(خەرىتە) تور بېتى، بۇنداق ئېنىق بولغان يۇرتىمىزنىڭ خەرىتىسى ھازىرغىچە يوق ئىدى، مانا بۇمۇ بارلىققا كەلدى. كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز !
تور ئادېرسى : Http://makanmap-prodig.cnrs.fr
ئاپتور توغرىسىدا
ئىسىم - فامىلسى: يالقۇن تاش
ئىلمىي ئۇنۋانى: جۇغراپىيە ئىلمى دوكتورى
كەسپى: فرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى
خىزمەت ئورنى: UMR8586 PRODIG CNRS, فرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات مەركىزى
ئادرېسى: 2 rue Valette, 75005 Paris, France
تېلېفون: (+33)144077593
ئېلخەت: makanmap@gmail.com
ماكان ماپ تەتقىقاتى
ماكان ماپ تەتقىقاتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى بىر دىئالوگلۇق تور ئاتلىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى مەقسەت قىلىدۇ. شىنجاڭنىڭ كۆلىمى 1664897 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگۇ ئومۇمىي يەر مەيدانىنىڭ 16 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ ، بۇ فرانسىيە زىمىنىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. تور ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ يېڭى كارتوگرافىيە سىستېمىسى بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيىسى، مەمۇرىي رايونلىرى ۋە ئىقتىسادى قاتارلىق تەرەپلەردىن ئاساسىي ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە. بۇ شىنجاڭنىڭ تۇنجى كۆپ تىللىق تور ئاتلىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ماكان ماپ ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، فرانسۇزچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق تۆت خىل تىلدا تۈزۈپ چىقىلدى. بۇ ئارقىلىق ئاشۇ زىمىندا ياشاۋاتقان يەرلىك خەلقنى بۇ ئاتلاستىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ئىنتېرنېتنىڭ ياردىمىدە پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سانسىزلىغان ئاممىغىمۇ بۇ ئاتلاستىن پايدىلىنىش شارائىتى يارتىپ بېرىلدى. ماكان ماپ بۇندىن كىيىنكى شىنجاڭ ۋە باشقا رايونلارنىڭ تور ئاتلىسى تەتقىقاتىدا پايدىلىنىش قىممىتى زور بولغان مەھسۇلات بولۇپ قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى تامامەن ھازىرلىغان. بۇ تەتقىقات تۇرى فرانسىيە دۆلەتلىك پەن تەتقىقات مەركىزى پرودىگ تەجىربىخانىسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئۇچۇرلارنى كۈزۈتۈش ۋە مودېللاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى توغرىسىدىكى تەتقىقات پلانى دائىرىسىدە ئېلىپ بېرىلدى. بۇ تەتقىقات تۈرى نۆۋەتتە فرانسىيە شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادا قانات يېيىۋاتقان تور كارتوگرافىيىسى تەتقىقات يۈزلىنىشىگىمۇ ئۇيغۇن كېلىدۇ. كەلگۈسىدىكى نەچچە يىل ئىچىدە، بۇ ئاتلاسقا تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئىقتىدارلار قوشىلىدۇ، بولۇپمۇ مەزكۇر رايوننىڭ تۈرلۈك تېماتىك خەرىتىلىرىنى ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ.
يالقۇن تاش
پارىژ ماي، 2014- يىلى
مەنبەسى: بىلىك كۇلۇبى |
|