- جۇغلانما
- 1557
UID1625
تىزىملاتقان2011-6-8
ئاخىرقى قېتىم2015-1-30
توردا44 سائەت
ئالىي ئەزا

- نادىر
- 0
- جۇغلانما
- 1557
- ئاقچا
- 64
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dihanogli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-13 22:38
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ، ئاندرويد يانفۇنلارغا ئۇيغۇرچە ‹ خانىم قىزلار دەستۇرى › ‹ ئۇيغۇر تائاملىرى رىسالىسى › ‹روھلان تور ئەسەرلىرى› قاتارلىق كۆپ مەنپەئەتلىك ئۈچ ئەپ سوۋغات قىلىندى . تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىنى شۇنداقلا قىممەتلىك تەكلىپ بىرىشىنى ئۆمىت قىلىمىز. ( مەزكۇر ئەپلەر مۇشۇ توربەتتىكى ئۇستازلارنىڭ ئاندىروئىد قا ئەپ ياساش تەجرىبىلىرى شۇنداقلا ( ئاندىروئىد قا ئەپ ياساش دەرىسلىكى ) گە ئاساسەن تەقلىد قىلىىپ ياسالغان)
مەزكۇر ئەپلەردىكى مەزمۇنلار چۈشەندۈرىلىشى:
1 . خانىم قىزلار دەستۇرى
مەزكۇر ‹خانىم - قىزلار دەستۇرى› ناملىق ئاندرويد ئەپ دىتالىمىز غا خانىم - قىزلىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق بىلىملەر ، قىزلارغا 100 نەسىھەت ، ئاياللارغا 100 نەسىھەت ، خانىم - قىزلار ساقلىق ساقلاش بىلىملىرى ، ھەرخىىل ئەسەرلەردىن سەرخىل تەرمىلەر قاتارلىق 300 خىلدىن ئارتۇق سەرخىل مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
خانىم - قىزلار ‹ ساغلاملىق › بىلىملىرى سەھىپىسى خانىم - قىزلارنىڭ ئادەت ( يەنى ھەيز ) گەمۇناسىۋەتلىك بىلىملەر ، يەنى ، تۇنجى ھەيز كەلگەن قىزلار ھەيز مەزگىلىدە تازىلىققا دىققەت قىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقى توغرىسىدىكى بىلملەر ، ھەيز قالايمىقانلىشىشقا دىئاگنوز قويۇش ، ھەيز قالايمىقانلىشىشىنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى قايسى؟ ، ھەيز قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان 2 چوڭ ئامىل،ئاغرىتىپ ھەيز كېلىش ، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىدىغانلار ئۈچۈن ئاددىي رېتسىپلار ، ئاياللار كۆكرەك كېسەللىكى ھەققىد ىكى بىلىملەر يەنى ، كۆكرەك كېسەللىكى ، ئۆتكۈر سۈت بېزى (ئەمچەك) ياللۇغى ۋە ساقلىقنى ساقلاش بىلىملىرى ، كۆكرەكتە پەيدا بۇلىدىغان مونەكچىلەرنى تەكشۈرۈشىنىڭ مۇھىم پەيتى ، ئەمچەك راكىنى پەرقلەندۈرۈش ، ئەمچەك راكىنى غەربچە داۋالاش ئۇسۇلى ، خانىم - قىزلار ھامىلدارلىق بىلىملىرى ، يەنى ، تۇغماسلىق كېسىلى ، ئاياللارنىڭ تۇغماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ، ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار ، ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى 12 تۈرلۈك ساۋات . . . . .قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
ئۇندىن باشقا يەنە نىكاھ ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلغان توي قىلىشتىن بۇرۇنقى ئىشلار ۋە ئائىلىنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلى ، كېلىن تاللاش خۇسۇسىدا ، كۈيئوغۇل تاللاش خۇسۇسىدىكى مەزمۇنلار شۇنداقلا نىكاھنىڭ بىرىنچى كىچىسى ، تەربىيىلىك ئايال قانداق بولىدۇ ؟ ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئاياللار تەربىيىسى قارىشى ، ئائىلىنى بەختلىك قىلىدىغان ئامىللار ، ئەقىللىق ئانىنىڭ ئوماق قىزلىرىغا قىلغان نەسىھىەتلىرىى ، تەربىيە كۆرگەن قىز-ئاياللارنىڭ ئەخلاقى ، ياخشى ئايال ئەرنى ئۆزگەرتەلەيدۇ . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
يەنە تېخى پەرزەنت تەربىيىسى ، يەنى ، 1. پىسخىك تەربىيە ، 2. ئەخلاقى تەربىيە ، 3. ئادەت تەربىيىسى ، 4. ماسلىق تەربىيىسى . . .قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆزئىچىگە ئالغان پەرزەنت تەربىيىسى بىلىملىرى بۇلۇپ ، باشقىلارنىڭ بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كېلەمدۇ؟ ئىسلامدىكى پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ساۋات ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 100 خىل ئۇسول ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى 12 پىرىنسىپ ، پەرزەنت تەربىيىسىدىكى ناتوغرا ئۇسۇللار ، سىز لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقىمۇ؟ . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلار كىرگۈزىلگەن.
يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ ،ھارماي ئوقۇۋەرسىڭىز ئاتا مىراس نەسىھەتلەر ، ئابدۇقادىر داموللام ئۈگۈتلىرى ، ئەخلاق گۈلىستانىدىن تەرمىلەر ، خانىم - قىزلارغا ئىلىم ۋە تەربىيە ئۆگىتىش ، زىبۇ زىننەت، كىيىنىش، ياسىنىش ۋە گىرىم قىلىش بىلىملىرى ، سالاملىشىشتىكى ئەدەپ- قائىدىلەر ، ئايال ۋە ئىلىم ، ئاياللار ھەققىدە 9 ھىكمەت ، ئىپپەت-ھايا . . . . . . قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ مەزمۇنلاردىن خەۋەردار بولىسىز.
2. ئۇيغۇر تائاملىرى رىسالىسى
بۇ رىسالىگە كاۋاپ پىشۇرۇش، قۇرۇما قورۇش ، ئۇن-گۈرۈج -تائاملىرىنى ئېتىش ۋە تەم تەڭشەش كە مۇناسىۋەتلىك 200 پارچىدىن ئارتۇق ماتېريال كىرگۈزىلدى
3. روھلان تور ئەسەرلىرى
روھلان توربېتى ئاتامانلىرىدىن ئالاھىدىن ئابدۇرېشىت ئەسەرلىرىدىن 90پارچە ، ھەۋەس ئەسەرلىرىدىن 55 پارچە ، سەلكىن ئەسەرلىرىدىن 42 پارچە ، ئەنگىنئەر ئەسەرلىرىدىن 26پارچە بۇلۇپ، جەمئى 217 پارچە ئەسەر كىرگۈزىلدى.
ئەپلەرنىڭ سىغىمى كىچىك ، ئىشلىتىش ئاسان بۇلۇش ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن كەڭ ئىشلەتكۈچىلەرگە مەنىۋىي زوق ئاتاقىلغۇسى
مەزكۇر ئەپلەرنى چۈشۈرۈش ئادرىسى : http://yunpan.cn/QiPdiquIvHeKy
ئېلىش نۇمۇرى:79f9
http://yunpan.cn/QiPdiquIvHeKy
( ئەسكەرتىش ! مەزكۇر ئەپلەرگە كىرگۈزىلگەن بارلىق ئۇچۇرلار توردىن يىغىلغان . بۇ ئۇچۇرلارنىڭ دېھقان ئوغلى يۇمشاق دىتالىغا كىرگۈزىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭدىكى كۆزقاراشنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىنى ياكى بىزنىڭ شۇخىل كۆز قاراشنى ياقىلايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىمايدۇ.
بۇ ئۇچۇرلاردىن پەقەت پايدىلىنىشقا بولىدۇكى، ھەرگىز دىياگنۇز - داۋالاش ياكى ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا ئاساس قىلىشقا بولمايدۇ. كونكرېت ئىشلاردا يەنىلا دوختۇر ياكى مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىملارنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز. )
تەكلىپ - پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىزلەر ئابدۇ ۋاھاب قۇربان (دېھقان ئوغلى) بىلەن ئالاقىلاشقايسىزلەر
يانفۇن: 18799865714
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاندىروئىد ئەپلىرىنى ياساشنى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىزلەر پەقەت 10 يۈئەنگە ئاندىروئىد قا ئەپ ياساش دەرىسلىكىمىزنى سېتىۋېلىشىڭىزلارنى قارشى ئالىمىز . دەرسلىكىمىزنىڭ تەپسىلاتى :
/forum.php?mod=viewthread&tid=26761
چۈشۈرۈش ئادرىسى :
1. چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://qiannao.com/file/adilahtam/ea7a9445/
2. چۈشۈرۈش ئادرىسى؛ http://aqpmdqkusv.l47.yunpan.cn/lk/QNFbwXf5Z5Ah8
ئېلىش نۇمۇرى : 83db |
|