|
تېڭشۈن پەن-تېخنىكىسىنىڭ 13-ماي خەۋىرى: مىكروسوفت ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان يىللىق بىخەتەرلىك ئەھۋالى دوكلاتى (Security Intelligence Report) دا كۆرسىتىلىشىچە، Windows 7 ۋە Windows Vista نىڭ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتال ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش قېتىم سانى Windows XP غا قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.
بۇنداق نەتىجە ئېنىقلا مىكروسوفتنىڭ XP ئابونتلىرىنى يېڭى نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىغا ئالماشتۇرۇشىغا قايىل قىلىشى تەس.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Windows XP سىستېمىسى ئىجرا بولىدىغان كومپيۇتېرنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى %2.42 بولغان، لېكىن Windows Vista ۋە Windows 7 سىستېمىسىدىكى كومپيۇتېرلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %3.42 ۋە %2.59 بولغان. ئەمما ئەڭ يېڭى سىستېما Windows 8 ۋە Windows 8.1 ئابونتلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، خۇشال بولۇشقا ئەرزىيدىغىنى بۇ ئىككى يېڭى نۇسخىدىكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى پەقەت %1.73 ۋە %0.08 بولغان.
بۇ نەتىجە ئېنىقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەيران قالدۇرىدۇ، بولۇپمۇ بۇ سانلىق مەلۇماتلارنى مىكروسوفتنىڭ ئۆزىنىڭ يامان غەرەزلىك يۇمشاق دېتالدىن قوغداش ماتورى (Malware Protection Engine) توپلىغان. ئەمما بۇ سانلىق مەلۇماتلار كىشىلەر ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئېنىق ئەمەس.
Windows XP يەنىلا %25 بازار ئۈلۈشىنى ئىگىلىمەكتە، لېكىن Windows 7 نىڭ بازار ئۈلۈشى %50، لېكىن Windows 8 نىڭ بازار ئۈلۈشى پەقەت %10.
ھەر ئاينىڭ ئىككىنچى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىدىغان بىخەتەرلىك يامىقى ئەمدى XP سىستېمىسىنى قوللىمايدۇ.
بۇ دوكلات ئېنىقلا مىكروسوفتنىڭ Windows سىستېمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش پىلانىغا ئېغىر زىيان سالىدۇ.
مەنبە: ئوكيان خەۋەرلىرى |
|