ئالپ ئۇيغۇر ئۇچۇر تېخنىكا تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 ئەزا بولۇش
Algha
كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 32

Arduino-كۆكچىش ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان كىچىك ماشىنا

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 18:51  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ئاردىينوغا بولغان قىزقىشىم بىلەن تۇنجى قېتىم ياساپ چىققان قۇرۇلمام «كۆكچېش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ماشىنا» بولسىمۇ،تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ توغرىسىدا كۆپچىلىككە بىرەر تېما يازماي كەلگەنىدىم(ئەسلى مەن تېخىمۇ مۇككەممەل تېمىدىن بىرنى يېزىپ بالدۇرلا ئىلان قىلماقچى ئىدىم،مۇككەممەللىكنى قوغلىشىپ،مۇككەممەل قىلالماي ئاخىرى باشتىكى ئىزدىنىشىم بويىچىلا بۇ تېمىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم،قالغان مۇككەممەللەشتۈرۈشنى قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر!   )
ئەسلى بىرىنچى بولۇپ،قۇرۇلمىنىڭ سىنىنى يوللىماقچى ئىدىم،سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنلىرى بولمىغاچ يوللاشقا ئامالسىز قالدىم.توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
كۆكچىش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنىنى ياساشنىڭ قەدەم باسقۇچى توك يولنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش،ئاردىينۇ پروگىراممىسىنى تۈزۈش ۋە يانفۇندا ئىجىرا قىلىندىغان پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.
ياساشقا كېرەكلىك دىتاللار: بىر دانە سىمسىز كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا(بۇزۇلغىنى بولسىمۇ بولىدۇ،بۇ ماشىنىنى بىز يانفۇن ئارقىلىق كونتىرول قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىمىز،ماشىنىنىڭ ئالدى ئىككى چاقى ئوڭ-سولغا قايرىلدىغىنىدىن بولسۇن)،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
IMAGE00003.jpg
ئاردىينۇ توك يول تاختىسى(خالىغان تىپىدىن بولسا بولىۋىرىدۇ،نانو ياكى مىكرو تىپلىقى بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق،ئەمما توردىن مىكرو تىپلىقىنى سېتىۋالسىڭىز،چوقۇم پروگىرامما چۈشۈرۈش بۆلىكىنى بىرگە سېتىۋىلىڭ،ياكى ئامال بار مىكرو تىپلىق تاختىنى سېتىۋالماڭ،ئەرزان بولغان بىلەن ئاۋارچىلىقى كۆپ)دىن بىر دانە،كۆكچېش مودىلىدىن بىر دانە،قوش يوللۇق ماتور قوزغىتىش توك يولىدىن بىر دانە.(بۇ دىتاللار توغرىسىدا ئىلگىركى تىمىلىرىمدا چۈشەنچە بىرىپ بولۇنغان)
مۇناسېۋەتلىك دىتاللارنى تەخ قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئالدى بىلەن توك يولنى قۇراشتۇرىمىز.
توك يولىنى قۇراشتۇرۇشتا ئويۇنچۇق ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئەسلىدە بار بولغان توك يولىنى سۆكۈپ ئىلىۋېتىمىز،ئەمما ماتورنى ساقلاپ قالىمىز.تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىسىم:
IMAGE00005.jpg
ئاندىن تۆۋەندىكى توك يول سخېمىسى بويىچە توك يولنى قۇراشتۇرۇپ چىقىمىز:
IMAGE00006.jpg
قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىنكى ھالىتى:
IMAGE00004.jpg
توك يول قۇراشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئەستايدىل بولۇڭ،توك سېمى بىر قەدەر كۆپ،رەڭ ۋە تاختا ئۈستىدىكى ھەرىپ بەلگىلەرگە دىققەت قىلغان ئاساستا قۇراشتۇرۇڭ.ماتور قوزغىتىش توك يولىنىڭ مەنبە توك سىمىنى ئاردىينو توك يول تاختىسىغا ئۇلىماي،ئامال بار بىۋاستە توك مەنبەسىگە ئۇلىۋىتىڭ(باتارىيەگە ئۇلىۋىتىڭ)،بولمىسا ماتورنى قوزغىتىشقا توك يىتىشمەي قالىدۇ.
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە توك يولىنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،تۆۋەندىكى ئاردىينۇ پروگراممىسىسنى ئاردىينۇ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىدا ئىچىپ ئاردىينۇ توك يول تاختىسىغا يوللاڭ.
  1. char val;
  2. int dcpin=2;
  3. int bcpin=3;
  4. int rcpin=4;
  5. int lcpin=5;
  6. void setup()
  7. {  
  8. Serial.begin(9600);
  9. pinMode(dcpin,OUTPUT);
  10. pinMode(bcpin,OUTPUT);
  11. pinMode(rcpin,OUTPUT);
  12. pinMode(lcpin,OUTPUT);
  13. }
  14. void loop()
  15. {  
  16. val=Serial.read();
  17. if(val=='1')  
  18. {   
  19. digitalWrite(dcpin,HIGH);   
  20. }else if(val=='0'){
  21. digitalWrite(dcpin,LOW);
  22. digitalWrite(bcpin,LOW);
  23. digitalWrite(rcpin,LOW);
  24. digitalWrite(lcpin,LOW);
  25. }else if(val=='3'){
  26.   digitalWrite(bcpin,HIGH);
  27. }else if(val=='4'){
  28.   digitalWrite(dcpin,HIGH);
  29.   digitalWrite(rcpin,HIGH);
  30. }else if (val=='2'){
  31.   digitalWrite(dcpin,HIGH);
  32.   digitalWrite(lcpin,HIGH);
  33.   }
  34. }
  35.   
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
پروگرامما كودىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى،ئاردىينۇ توك يول تاختىسى كۆكچىش مودىلى ئارقىلىق «0،1،2،3،4» دىن ئىبارەت بەش دانە بۇيرۇق سانلىق مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ،ماس بولغان ئۇلىنىش پۇتىغا يۇقىرى توك بىسىمى ياكى تۆۋەن توك بىسىمىنى چىقىرىپ بىرىدۇ،ماتور قوزغىتىش مودىلى كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ماتورنى ئوڭ ياكى تەتۈر ئايلاندۇرىدۇ،ئەقىللىق قېرىنداشلىرىمىز پروگىرامما كودىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەي.
توك يولنى قۇراشتۇرۇپ،قوزغاتقاندىن كىيىن،ناۋادا يانفۇنىڭىزدا ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۆكچىش تىرمىنال(blueterm.apk،ئىلگىركى تېمىلىرىمدا بار ياكى ئاردىينۇ چ چ توپنىڭ ھۆججەت بەھرىلىنىش بوشلىقىدىمۇ بار ) پروگىراممىسى بولسا،بىۋاستە ئۇنى قوزغىتىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1دىن تارتىپ 5 كىچە بولغان ساننى كىرگۈزۈپ سىناپ بىقىڭ.بۇ خىل ئۇسۇلدا يانفۇن ئارقىلىق كىچىك ماشىنىنى كونتىرول قىلغىلى بولسىمۇ،بىراق مەشغۇلات قىلىش قولايسىز،بۇنىڭغا مەخسۇس كونتىرول پروگىراممىسى بولسا تېخىمۇ قولاي بولىدۇ،تۆۋەندە مەن تۈزۈپ چىققان ئاندرويد پروگىراممىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆرستىلدى.(ئىلگىرىمۇ كۆرىستىلگەن)

بۇ پروگراممىنىڭ رولىمۇ يانفۇن بىلەن ئويۇنچۇق ماشىنىنى باغلايدۇ،ھەربىر كونۇپكىنى باسقاندا 1دىن 5 كىچە بولغان سانلىق مەلۇمات كودىنى كۆكچىش ئارقىلىق ماشىنىغا يوللاپ،ماشىنىنى كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.(ئەسلى بۇ پروگىراممىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش،ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئويۇم بار ئىدى،يەنە تېخى ماشىنىنىڭ ئالدى چىرىقى،كەينى چىرىقىنى كونتىرول قىلىش،لابا بىرىش دىگەندەكلەرنى قوشماقچى ئىدىم،بىراق بۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم)
تۆۋەندە ئاندرويد پروگىراممىسنىڭ ئەسلى كودى تەمىنلەندى،ئاندرويدقا پروگىرامما تۈزۈشنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىشىنى،پايدىلىنىشىنى،ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىناق پروگىرامما(قاچىلاپ كۆرۈپ باققۇچىلار ئۈچۈن)
btc.apk (72.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 44)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2تەجرىبە +115 يىغىش سەۋەبى
t-burkut + 15 ياخشى يازما
amat015 + 100 ئىجادىي ئەسەر

باھا خاتىرىسى

جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-10 18:53:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىكەن.بىراق مەن پايدىلنالمىغۇدەكمەن....
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2014-5-10 18:57:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى تېمىكەن.بىراق مەن پايدىلنالمىغۇدەكمەن....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!قىلالمايمەن دېسىڭىز مەڭگۈ قىلالمايسىز،تىرىشىپ بىقىڭ قېرىندىشىم!
تەرەققىيات  زور غۇ   ،،،تىلفۇندا ماششىنا ئوينايمە دەپ ئاۋارە بولغىچە ئۇيۇنچۇق ماششىنا ئېلىپ نەخمەيداندىن بىركۈرنۈش ئوينىسا بولغىدەك

ئەمىلىيەتتە بىز تەرەققىياتنىڭ بارغانسېرى كەينىدە قىلىۋاتىمىز،ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت!
جۇلا ئەپ بازىرى
ۋاقتى: 2014-5-10 21:24:58 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئېلىكتىر چەۋەنداز مەن دەل مۇشۇ ماشىنىغا ئىشتىياق باغلاپ تىزگىنەكلىك ماشىنىنىڭ كونىسىدىن بىرنى ساقلاپ قويغان .توردىن كۆكچىش مودىلى سېتۋالالسام چوقۇم بۇ تەجرىبىنى ئىشلەيمەن
ۋاقتى: 2014-5-10 21:34:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
murxad.1330997344ئىسىملىك قېرىنداشلىرىم سىلەر تىمنىڭ ماھىتىنى خاتا چۈشنىۋالدىڭلامۇ ياكى قەستەن دەۋاتامسىلەر؟بۇيەردە كىچىك بالنىڭ ماشىنىسىنى ئويناش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن يوللانغان تېمابۇ.  سىلەرگە نىمە يوللاپ بەرسە بولىتى.يۈگرەپ كىرىپلا ئىنكاس يېزۋالدىكەنسىلەر.
ۋاقتى: 2014-5-10 21:47:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن چۇشىنەلمىدىم نىمى دىگەن مۇرەكەپ
ۋاقتى: 2014-5-10 22:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشقا نەرسىلەرنى قويۇپ ئەمدى مۇشۇ پىروگراممىسىنى قانداق يېزىشنى تونۇشتۇرسىڭىز بۇلاتتى ! قارىسامغۇ ئاددىيدەك قىلىدۇ ، شۇنداقتىمۇ بىر قور تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن بولسىڭىز ياخشى بۇلاتتى ! پىروگراممىسىنى يېزىشنى بىلسىلا قالغان ئىشنى قىلىپ بېقىشنى ئويلايدىغانلار كۆپ چىقاتتى
ۋاقتى: 2014-5-10 22:09:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەرگە بىرسى قىلغىلى ئشتاپالماي تىما يوللىمايدۇ بۇيەردە كاللىڭىز ئوبدان ئشلەتسىڭىز چەكسىز بىلىم ۋە كۈچ سىزنى كۈتۈپ تۇرىدۇ  ئەڭ ئاددى سىزبۇنىڭدىن پايدىلىنىپ  ئشكىڭىزنى تۇتماي تۇرۇپ ئىچىپ ياپالايسىز تەسەۋۋۇر قىلسىڭىز چۆكۈپلا كىتىسىز  بۇشىرىن تىمىغان  شۇڭا ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدىغان گەپقىلماڭ
ۋاقتى: 2014-5-10 22:18:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nurdunjan1122 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-5-10 22:20  

مەنچە مۇشۇ قالايمىقان ئىنكاس يازىدىغان دوسلارنى  راۋرۇس بىرپارچە  ئالىپقا تىىزىملىتىش ئىلتىماسى يازغۇزۇپ قاملاشتۇرۇپ يازالىغانلارنى ئاندىن ئىنكاس يىزىشغا يول قويغان بولساق تىمايىزىشنىڭ ئۇنچە ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلەتتى شۇچاغدا ھىچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ تىمىسىنى تولۇق ئوقۇپ ئاندىن ئىنكاس يازامدىكىن دەيمەن
ۋاقتى: 2014-5-10 22:18:49 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلان132 يوللىغان ۋاقتى  2014-05-10 21:34:34
murxad.1330997344ئىسىملىك قېرىنداشلىرىم سىلەر تىمنىڭ ماھىتىن

ئەمەلىيەتتىمۇ كىچىك بالىنىڭ ماشىنىسىكەنغۇ بۇ
ۋاقتى: 2014-5-10 22:57:50 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ تىرىشىڭ قېرىندىشىم
ۋاقتى: 2014-5-11 00:26:42 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ تېمىنى كۆرۈپ پەن تېخنىكىدى سەۋىيەمنىڭ نەقەدەر تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ھەر قايسىمىز ئارىمىزدىن چىقىۋاتقان e-chewendazدەك پەن تېخنىكا ئۈستىدە ھارماي ئىزدىنىۋاتقان ئوغلانلىرىمىزدىن پەخىرلىنەيلى، ئۇلارغا مەدەت بېرەيلى!ھارمىغايسىز قېرىندىشىمىز چەۋانداز!!!
ۋاقتى: 2014-5-11 00:57:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sanjar يوللىغان ۋاقتى  2014-5-10 22:04
باشقا نەرسىلەرنى قويۇپ ئەمدى مۇشۇ پىروگراممىسىنى قاند ...

مەنمۇ شۇ ئويدا
ۋاقتى: 2014-5-11 01:00:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەنمۇ ئاردىينودىن بىرنى ئېلىپ تەجرىبە قىلىشنى ئويلاشقىلى ئۇزۇن بولدى ، ئەمما ئەڭ يامان بولغىنى مۇشۇ پروگرامما كودىنى قانداق يېزىشنى بىلمەيمەندە ، بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر تەپسىلىي توختالسىڭىز بولاتتى .....
ۋاقتى: 2014-5-11 02:37:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللاھ  رەھمەت  قىلسۇن  قېرىندىشىم   مەن  سىزنىڭ   تېمىڭىزغا  تەشنا   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | ئەزا بولۇش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

بايانات

 

1. ئالپ تورىغا قانۇن-نىزاملارغا خىلاپ؛ مىللى ئەنئەنە، ئەخلاققا يات گەپ-سۆزلەرنى يوللاشقا بولمايدۇ. مىللەتلەر ئىتتپاقلىقى ۋە ئۆز-ئارا ئىتتپاقلىققا تەسىر يەتكۈزدىغان، تېما-ئىنكاسلارنى يوللاش مەنئى قىلىندۇ.

 

2. ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلگەندىن باشقا تېمىلارنى رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ. باشقا تور بەتلەرگە كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ.

 

3. ئالپ تورىدا ئېلان قىلىنغان بارلىق ئۇيغۇرچە يانفون ئەپلىرى، يانفون روملىرى ۋە ئۇيغۇرچە كومپىيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى ئالپ تورىغا مەنسۇپ. رۇخسەتسىز باشقا تور بەتلەردە ئېلان قىلىشقا، چۈشۈرۈشكە تەمىنلەشكە بولمايدۇ.

 

特别警告:本网站坚决不允许发表违反国家法律法规的、含有分裂煽动内容的、引起民族矛盾的、破坏民族团结的、带有宗教色彩或有色情的文章、帖子、图片、音视频、电影、歌曲等。若发现将IP地址上报相关部门处理,后果自负。注意自我保护,谨防上当受骗

Powered by Discuz! X3.1

© 2001-2013 Comsenz Inc. Template By

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش