|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا e-chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-5-10 18:51
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى بارلىق ئېلېكتىرون،Arduino ھەۋەسكارلىرى! ھەممىڭلارغا كەمىنە ئېلېكتىر چەۋەندازدىن ئوتلۇق سالام!
ئاردىينوغا بولغان قىزقىشىم بىلەن تۇنجى قېتىم ياساپ چىققان قۇرۇلمام «كۆكچېش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ماشىنا» بولسىمۇ،تاكى بۈگۈنگە قەدەر بۇ توغرىسىدا كۆپچىلىككە بىرەر تېما يازماي كەلگەنىدىم(ئەسلى مەن تېخىمۇ مۇككەممەل تېمىدىن بىرنى يېزىپ بالدۇرلا ئىلان قىلماقچى ئىدىم،مۇككەممەللىكنى قوغلىشىپ،مۇككەممەل قىلالماي ئاخىرى باشتىكى ئىزدىنىشىم بويىچىلا بۇ تېمىنى كۆپچىلىكنىڭ ھوزورىغا سۇندۇم،قالغان مۇككەممەللەشتۈرۈشنى قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم،ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىزلەر! )
ئەسلى بىرىنچى بولۇپ،قۇرۇلمىنىڭ سىنىنى يوللىماقچى ئىدىم،سىنغا ئېلىش ئۈسكۈنلىرى بولمىغاچ يوللاشقا ئامالسىز قالدىم.توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
كۆكچىش ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنىنى ياساشنىڭ قەدەم باسقۇچى توك يولنى قۇراشتۇرۇپ چىقىش،ئاردىينۇ پروگىراممىسىنى تۈزۈش ۋە يانفۇندا ئىجىرا قىلىندىغان پروگراممىسىنى تۈزۈپ چىقىشتىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچقا بۆلىنىدۇ.
ياساشقا كېرەكلىك دىتاللار: بىر دانە سىمسىز كونترول قىلىندىغان ئويۇنچۇق ماشىنا(بۇزۇلغىنى بولسىمۇ بولىدۇ،بۇ ماشىنىنى بىز يانفۇن ئارقىلىق كونتىرول قىلىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىپ چىقىمىز،ماشىنىنىڭ ئالدى ئىككى چاقى ئوڭ-سولغا قايرىلدىغىنىدىن بولسۇن)،تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
ئاردىينۇ توك يول تاختىسى(خالىغان تىپىدىن بولسا بولىۋىرىدۇ،نانو ياكى مىكرو تىپلىقى بولسا بىر قەدەر مۇۋاپىق،ئەمما توردىن مىكرو تىپلىقىنى سېتىۋالسىڭىز،چوقۇم پروگىرامما چۈشۈرۈش بۆلىكىنى بىرگە سېتىۋىلىڭ،ياكى ئامال بار مىكرو تىپلىق تاختىنى سېتىۋالماڭ،ئەرزان بولغان بىلەن ئاۋارچىلىقى كۆپ)دىن بىر دانە،كۆكچېش مودىلىدىن بىر دانە،قوش يوللۇق ماتور قوزغىتىش توك يولىدىن بىر دانە.(بۇ دىتاللار توغرىسىدا ئىلگىركى تىمىلىرىمدا چۈشەنچە بىرىپ بولۇنغان)
مۇناسېۋەتلىك دىتاللارنى تەخ قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئالدى بىلەن توك يولنى قۇراشتۇرىمىز.
توك يولىنى قۇراشتۇرۇشتا ئويۇنچۇق ماشىنىنىڭ ئىچىدىكى ئەسلىدە بار بولغان توك يولىنى سۆكۈپ ئىلىۋېتىمىز،ئەمما ماتورنى ساقلاپ قالىمىز.تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قىسىم:
ئاندىن تۆۋەندىكى توك يول سخېمىسى بويىچە توك يولنى قۇراشتۇرۇپ چىقىمىز:
قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىنكى ھالىتى:
توك يول قۇراشتۇرۇشتا ئىنتايىن ئەستايدىل بولۇڭ،توك سېمى بىر قەدەر كۆپ،رەڭ ۋە تاختا ئۈستىدىكى ھەرىپ بەلگىلەرگە دىققەت قىلغان ئاساستا قۇراشتۇرۇڭ.ماتور قوزغىتىش توك يولىنىڭ مەنبە توك سىمىنى ئاردىينو توك يول تاختىسىغا ئۇلىماي،ئامال بار بىۋاستە توك مەنبەسىگە ئۇلىۋىتىڭ(باتارىيەگە ئۇلىۋىتىڭ)،بولمىسا ماتورنى قوزغىتىشقا توك يىتىشمەي قالىدۇ.
رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە توك يولىنى قۇراشتۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،تۆۋەندىكى ئاردىينۇ پروگراممىسىسنى ئاردىينۇ توپلاشما ئىجادىيەت مۇھىتىدا ئىچىپ ئاردىينۇ توك يول تاختىسىغا يوللاڭ.- char val;
- int dcpin=2;
- int bcpin=3;
- int rcpin=4;
- int lcpin=5;
- void setup()
- {
- Serial.begin(9600);
- pinMode(dcpin,OUTPUT);
- pinMode(bcpin,OUTPUT);
- pinMode(rcpin,OUTPUT);
- pinMode(lcpin,OUTPUT);
- }
- void loop()
- {
- val=Serial.read();
- if(val=='1')
- {
- digitalWrite(dcpin,HIGH);
- }else if(val=='0'){
- digitalWrite(dcpin,LOW);
- digitalWrite(bcpin,LOW);
- digitalWrite(rcpin,LOW);
- digitalWrite(lcpin,LOW);
- }else if(val=='3'){
- digitalWrite(bcpin,HIGH);
- }else if(val=='4'){
- digitalWrite(dcpin,HIGH);
- digitalWrite(rcpin,HIGH);
- }else if (val=='2'){
- digitalWrite(dcpin,HIGH);
- digitalWrite(lcpin,HIGH);
- }
- }
-
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش پروگرامما كودىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇكى،ئاردىينۇ توك يول تاختىسى كۆكچىش مودىلى ئارقىلىق «0،1،2،3،4» دىن ئىبارەت بەش دانە بۇيرۇق سانلىق مەلۇماتىنى قوبۇل قىلىپ ۋە ھۆكۈم قىلىپ،ماس بولغان ئۇلىنىش پۇتىغا يۇقىرى توك بىسىمى ياكى تۆۋەن توك بىسىمىنى چىقىرىپ بىرىدۇ،ماتور قوزغىتىش مودىلى كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن ماتورنى ئوڭ ياكى تەتۈر ئايلاندۇرىدۇ،ئەقىللىق قېرىنداشلىرىمىز پروگىرامما كودىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەي.
توك يولنى قۇراشتۇرۇپ،قوزغاتقاندىن كىيىن،ناۋادا يانفۇنىڭىزدا ئىلگىرى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن كۆكچىش تىرمىنال(blueterm.apk،ئىلگىركى تېمىلىرىمدا بار ياكى ئاردىينۇ چ چ توپنىڭ ھۆججەت بەھرىلىنىش بوشلىقىدىمۇ بار ) پروگىراممىسى بولسا،بىۋاستە ئۇنى قوزغىتىپ ئايرىم-ئايرىم ھالدا 1دىن تارتىپ 5 كىچە بولغان ساننى كىرگۈزۈپ سىناپ بىقىڭ.بۇ خىل ئۇسۇلدا يانفۇن ئارقىلىق كىچىك ماشىنىنى كونتىرول قىلغىلى بولسىمۇ،بىراق مەشغۇلات قىلىش قولايسىز،بۇنىڭغا مەخسۇس كونتىرول پروگىراممىسى بولسا تېخىمۇ قولاي بولىدۇ،تۆۋەندە مەن تۈزۈپ چىققان ئاندرويد پروگىراممىسىنىڭ كۆرۈنمە يۈزى كۆرستىلدى.(ئىلگىرىمۇ كۆرىستىلگەن)

بۇ پروگراممىنىڭ رولىمۇ يانفۇن بىلەن ئويۇنچۇق ماشىنىنى باغلايدۇ،ھەربىر كونۇپكىنى باسقاندا 1دىن 5 كىچە بولغان سانلىق مەلۇمات كودىنى كۆكچىش ئارقىلىق ماشىنىغا يوللاپ،ماشىنىنى كونترول قىلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.(ئەسلى بۇ پروگىراممىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش،ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئويۇم بار ئىدى،يەنە تېخى ماشىنىنىڭ ئالدى چىرىقى،كەينى چىرىقىنى كونتىرول قىلىش،لابا بىرىش دىگەندەكلەرنى قوشماقچى ئىدىم،بىراق بۇنىڭغا ۋاقىت چىقىرالمىدىم)
تۆۋەندە ئاندرويد پروگىراممىسنىڭ ئەسلى كودى تەمىنلەندى،ئاندرويدقا پروگىرامما تۈزۈشنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چۈشۈرۈپ كۆرۈپ بىقىشىنى،پايدىلىنىشىنى،ئۆزگەرتىپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىناق پروگىرامما(قاچىلاپ كۆرۈپ باققۇچىلار ئۈچۈن)
btc.apk
(72.04 KB, چۈشۈرۈش سانى: 50)
|
باھالاش
-
باھا خاتىرىسى
|